باش بەت | تەربىيەچىلىرىمىز

شەرەپ ئىزدەنگۈچىلەرگە مەنسۇپ

ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى گۈلبوستان قۇربان توغرىسىدا

ئەھمەتجان ھوشۇر

 

      كورلا شەھەرلىك 8 – باشلانغۇچ مەكتەپ خەنزۇتىلى ئوقۇتۇش گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى، ئالىي دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى گۈلبوستان قۇربان مائارىپ خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنۋاتقان 23 يىلدىن بۇيان، باشتىن – ئاخىر ئاكىتىپ ئىشلەپ، ئۇستازلار ۋە كەسىپ ئەھلىلىرىدىن ئىلغار ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ئۆگەندى ھەمدە ئۆگەنگەن نەزەرىيەۋى بىلىملەرنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈردى. ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا كەسىپكە ئائىت ماتېرىياللارنى كۆپلەپ كۆرۈپ، بىلىم دائىرسىنى  كېڭەيتىش بىلەن بىللە، ئوقۇتۇش ئۈنۈمى ۋە ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلىدى. ئوقۇغۇچىلار ۋە ئائىلە باشلىقلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى قۇيۇقلاشتۇردى ھەم ئوقۇغۇچىلارغا ھەقىقىي كۆيۈنۈپ، ئۆزىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق مېھىر – مۇھەببىتىنى ھېس قىلدۇردى. بولۇپمۇ ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتە ياردەم قولىنى سۇندى، ئۆگىنىشتە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەش ئۈچۈن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلدى. ئۇ ۋە خەنزۇتىلى گۇرۇپپىسىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلقى بىلەن 8 – باشلانغۇچ مەكتەپ ‹‹قوش تىل›› سىنىپىنىڭ نەتىجىسى كورلا شەھىرى بويىچە ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتتى. ‹‹جاپانىڭ تېگى راھەت›› دېگەندەك، ئۇنىڭ ئەجرى بىكارغا كەتمىدى. ئۇ 1992 – يىلى مەكتەپ بويىچە ‹‹ئىلغار ئوقۇتقۇچى››، 1995 – يىلى ‹‹ئوقۇغۇچىلارنى سۆيۈش چولپىنى››، 1997 – يىلى كورلا شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغار شەخىس›› بولۇپ مۇكاپاتلاندى. 1999 – يىلى كورلا شەھىرى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ خەنزۇتىلى دەرس ئۆتۈش مۇسابىقىسىدە ئالاھىدە دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، شۇ يىلى يەنە بايىنغولىن ئوبلاستى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن دەرس ئۆتۈش مۇسابىقىسىدە 2 – دەرىجىگە ئېرىشتى. 2000 – يىلى  ئاپتونوم رايون بويىچە ‹‹مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى›› بولۇپ باھالاندى. 2001 – يىلى 9 – ئايدا ئۇنىڭ ئىجتىھات بىلەن ئۆتكەن ئۈچ سائەتلىك خەنزۇتىلى دەرسى فىلىم قىلىپ ئىشلىنىپ، ئاپتونوم رايون مائارىپ نازارىتىدە ساقلاندى ھەمدە شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقىتىلىپ، كەسىپداشلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. 2002 – يىلى 11 – ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ تارماقلىرىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئۈرۈمچى باشلانغۇچ مەكتەپ خەنزۇتىلى يىراق مۇساپىلىك ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنى تەتقىق قىلىش، تەھرىرلەش خىزمىتىگە قاتناشتى. 2001 – يىلدىن 2003 – يىلىغىچە ئۇدا ئۈچ يىل بايىنغولىن ئوبلاستى بويىچە ‹‹مۇنەۋۋەر خىزمەتچى››، 2004 – يىلى ‹‹دەرس ئىسلاھاتىدىكى مۇنەۋۋەر باشلامچى››، 2005  – يىلى شەھەر بويىچە ‹‹دەرس ئىسلاھاتىدىكى ئىلغار شەخىس››، 2006 – يىلى بايىنغولىن ئوبلاستى بويىچە ‹‹ئىلغار تىل يېزىق خىزمەتچىسى››، يەنە شۇ يىلى بايىنغولىن ئوبلاستى بويىچە ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتۇش خىزمىتىدىكى ئىلغار شەخىس، 2007 – يىلى ‹‹ مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى›› بولۇپ باھالاندى.

      يوقىرىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، گۈلبوستان قۇربان 2006 – يىلى 2 – ئايدا كورلا شەھەرلىك ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش مەركىزىگە يۆتكەلدى. ئۆزىنىڭ زىممىسىگە قوش ۋەزىپىنىڭ يۈكلەنگەنلىكىنى ھېس قىلغان گۈلبوستان بىر تەرەپتىن دەرس ئۆتۈپ  كېچە – كېچىلەپ پىلان تۈزسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تۇرمۇشىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارغا خاتىرجەم تۇرمۇش ئاتا قىلدى. گۈلبوستاندىن سۆيۈنگەن ئوقۇتقۇچىلار ئۇنىڭغا چوڭقۇر مىننەتتارلىقىنى بىلدۈردى. تەشكىل گۈلبوستاننىڭ خىزمەتتىكى نەتىجىلىرىگە ئاساسەن، 2010 – يىلى 2 – ئايدا ئۇنى كورلا شەھەرلىك تەربىيەلەش مەركىزىگە يۆتكىدى. ئۇنىڭ زىممىسىدىكى يۈك يەنە بىر بالداق ئېغىرلىغان بولسىمۇ، ئۇ خىزمەتلەردىن ھەرگىز ۋايسىمىدى. ئۇ تېخىمۇ تىرىشىپ، ياش ئوقۇتقۇچىلارنى ‹‹قوش تىل›› بويىچە تەربىيەلەش ھىققىدە ئىزدىنىپ، كورلا شەھىرىنىڭ ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتۇشىدىكى بوشلۇقىنى تولدۇرۇشقا تېگىشلىك ھەسسىنى قۇشۇش ئۈچۈن تىرىشماقتا.

 

مەنبە: مائارىپ گېزىتى تەھرىر: قەلبىنۇر