باش بەت | ئاتا – ئانامغا خەت

ئاتا – ئانامغا سۆز  

مەرھابا ياسىن

      قەدىرلىك دادا، ئاپا، ھەركۈنى مەكتەپتىن  قايتىپ كەلسەم سىلەر ئۆگىنىش قىل دېيىش ئۇياقتا تۇرسۇن، سومكامنى قويۇشۇمغىلا ئۇ ئىش، بۇ ئىشقا بۇيرۇپ ماڭا تاپشۇرۇق ئىشلەش پۇرسىتى بەرمەيسىلەر، ئەزەلدىن ئىمتىھان نەتىجەمنى سوراپ قويمايسىلەر، بەزى ۋاقىتلاردا ئاتا –ئانىلار يىغىنىغا بارمايسىلەر. ئەجەبا سىلەر مېنىڭ ياخشى ئوقۇپ ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىمنى ئويلىمامسىلەر؟

      سىلەرنىڭ ئۆگىنىشىمگە مەدەت بېرىشىڭلارنى، ئاتا – ئانىلار يىغىنىغا تولۇق قاتنىشىشىڭلارنى، نەتىجىلىرىمنى پات – پات سوراپ تۇرۇشۇڭلارنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: قەلبىنۇر