باش بەت | ئەترەت كادىرلىرى مەكتىپى

ئوتتۇرا ئەترەت ھەيئەتلىرىنى تەربىيەلەشتە ‹‹تۆتكە ئەھمىيەت بېرىش››

پاتىگۈل سابىر (قاغىلىق ناھىيەلىك پىيونېرلار ئەترىتى خىزمىتى كومىتېتىدىن)

      ئوتتۇرا ئەترەت ھەيئەتلىرى ئوتتۇرا ئەترەت تەربىيەچىلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى ياردەمچىسى، ئوتتۇرا ئەترەت خىزمەتلىرىنى ئىشلەشتىكى ئىشەنچ ۋە تايانچ كۈچ. ئوتتۇرا ئەترەت ھەيئەتلىرى ئوتتۇرا ئەترەت ھەيئەتلىرى ئۆگىنىش، دەرستىن سىرتقى پائالىيەت، مەكتەپكە كېلىپ – كېتىشتە پىيونېرلار بىلەن بىر گە بولىدىغان بولغاچقا پىيونېرلارنى تەربىيەچىلەرگە قارىغاندا ياخشى چۈشىنىدۇ. ئوتتۇرا ئەترەت تەربىيەچىلىرى ئەترەت ھەيئەتلىرىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرالىسا ئىناق، ئۆگىنىشچان سىنىپ كوللېكتىپى بەرپا قىلالايدۇ. ئەترەت ھەيئەتلىرى پىيونېرلار ئارسىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بايقاپ، سىردىشىش، تەربىيە قىلىش، نازارەت قىلىش ئارقىلىق ئورتاق ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ. ئوتتۇرا ئەترەت ھەيئەتلىرىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

      1. ئەترەت ھەيئەتلىرىنى تەربىيەلەشتە ئىزچىللىقىغا ئەھمىيەت بېرىش. ئوتتۇرا ئەترەت تەربىيەچىلىرى ئوتتۇرا ئەترەت ھەيئەتلىرىنىڭ رولىدىن پايدىلىنىشقا ماھىر بولۇپ، ئوتتۇرا ئەترەت ھەيئەتلىرىنىڭ خىزمەت تەقسىماتىنى ئېنىق ئايرىپ، ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۋېلىشىغا، چۈشىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش، قەرەللىك سىردىشىپ خىزمەتلەرنى دادىل ئىشلەشكە رىغبەتلەندۈرۈش ۋە مۇۋاپىق تەلەپ قۇيۇش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئوتتۇرا ئەترەت ھەيئەتلىرىگە بولغان تەربىيەنى كۈچەيتىپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەيدىغان ، راسىت گەپ قىلىدىغان، ياخشى ئىش ياخشى پائالىيتلەرنى قىلىدىغان، پىيونېرلار ئارىسىدا  ياخشى كەيپىيات بەرپا قىلىشتا باشلامچىلىق رول ئوينايدىغان، پىيونېرلار بىلەن ئىناق ئۆتىدىغان ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.

      2. ئوتتۇرا ئەترەت ھەيئەتلىرىنىڭ باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش. ئوتتۇرا ئەترەت ھەيئەتلىرى ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك قاتارلىق جەھەتلەردە باشقا پىيونېرلارغا ئۈلگە بولۇش كېرەك. ئۇلار پىيونېرلارنىڭ ياخشى دوستى ۋە ئۈلگىسى بولۇش ئۈچۈن ئەترەتكە ۋە پىيونېرلارغا كۆيۈنىشى، ئۆزىگە تاپشۇرۇلغان ۋەزىپىنى ياخشى، سۈپەتلىك ئورۇنلىشى، باشقىلارغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەم بېرىشى، ئوتتۇرا ئەترەتنىڭ تۈرلۈك پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئوتتۇرا ئەترەت ئۈچۈن شەرەپ كەلتۈرۈشكە تىرىشىش كېرەك. 

      3. ئوتتۇرا ئەترەت ھەيئەتلىرىنىڭ ئوبرازىنى تىكلەشكە ئەھمىيەت بېرىش. ئوتتۇرا ئەترەت ھەيئەتلىرىنىڭ پىيونېرلار ئارسىدىكى ئوبرازىنىڭ قانداق بولۇشى ئۇلارنىڭ ئوتتۇرا ئەترەت خىزمەتلىرىنى قانداق ئىشلىشىگە بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا، ئوتتۇرا ئەترەت تەربىيەچىلىرى ئوتتۇرا ئەترەت ھەيئەتلىرىگە ئۆز ئوبرازىغا نۇقسان يەتكۈزىدىغان ئىش – ھەركەتلەرنى قىلماسلىق تەربىيەسىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئوتتۇرا ئەترەت تەربىيەچىسىمۇ ئوتتۇرا ئەترەت ھەيئەتلىرى خاتالىق سادىر قىلسا ئايرىم ھۆھبەتلىشىپ تەربىيە بېرىش، ئىمكان بار كۆپچىلىك ئالدىدا تەنقىدلەشتىن ساقلىنىشى، ئۇلارنىڭ ئۈلگىلىك تەرەپلىرىنى كۆپرەك مۇئەييەنلەشتۈرۈشى كېرەك. تەربىيەچى چوقۇم ئوتتۇرا ئەترەت ھەيئىتىگە ئۆزىنىڭ يۈرۈش – تۇرۇشىغا دىققەت قىلىش، بارلىق پىيونېرلارغا باراۋەر مۇئامىلە قىلىش قاتارلىق كونكرېت ھالقىلار بويىچە تەربىيە ئىشلىشى كېرەك. بۇ دېگەنلىك ئوتتۇرا ئەترەت ھەيئەتلىرىنىڭ خالىغىنىنى قىلىشىغا يول قۇيۇش دېگەنلىك ئەمەس، لېكىن پىيونېرلار ئارسىدا ياخشى ئوبراز تىكلىيەلمىگەن ئوتتۇرا ئەترەت ھەيئىتىنىڭ باشلامچىلىق رولى بولمايدۇ. كۆپچىلىكنىڭ ئىشەنچىدىن قالغان ھەيئەتلەرنى ۋاقتىدا رىقابەتلىشىپ ئىش ئورنىغا چىقىش تۈزۈمى بويىچە ئالماشتۇرۇش كېرەك.

      4. ھەرىكەت ۋە ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش. ئوتتۇرا ئەترەت ھەيئەتلىرى تەربىيەچى بىلەن پىيونېرلار ئوتتۇرسىدىكى كۆۋرۈك. شۇڭا، تەرببىيەچىلەر ئوتتۇرا ئەترەت ھەيئەتلىرىگە ئەمەلىي ئەھۋالنى توغرا، ئەينەن ئىنكاس قىلىش، مەسىلىلەرگە شەخسىي كۆز قاراشنى ئارلاشتۇرۋالماسلىق قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەربىيەنى كۈچەيتىش كېرەك. ئوتتۇرا ئەترەت ھەيئەتلىرى ھەركەت ئىدىيەسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئوتتۇرا ئەترەتنىڭ ئىناق، ئۆگىنىشچان ئوتتۇرا ئەترەت بولۇشى ئۈچۈن كۈچ چىقارسا، شۇنداقلا پىيونېرلارنىڭمۇ مۇشۇ نىشان ئۈچۈن تىرىشىشىغا باشلامچىلىق قىلالىسا ئىناق سىنىپ كوللىكتىپى بەرپا قىلىش، ئۆگىنىشچان سىنىپ كوللېكتىپى بەرپا قىلىش نىشانىغا يەتكىلى بولىدۇ.

      ئوتتۇرا ئەترەت تەربىيەچىلىرى ئوتتۇرا ئەترەت ھەيئەتلىرىنىڭ رولىدىن ياخشى پايدىلىنالىسا ئوتتۇرا ئەترەتنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى، ئۇيۇشقاقلىقىنى ئاشۇرالايدۇ، ھەممە ئورتاق تىرىشقاندىلا مۇنەۋۋەر ئوتتۇرا ئەترەت بەرپا قىلغىلى بولىدۇ.

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: قەلبىنۇر