باش بەت | مەكتەپلەر

ئونسۇ ناھىيەسى ئونسۇ بازارلىق 3 – باشلانغۇچ مەكتەپ

 

      تەڭرىتاغ ئېتىكىدىكى مەرىپەت بۆشۈكى – ئونسۇ ناھىيەسى ئونسۇ بازارلىق 3 – باشلانغۇچ مەكتەپ 1934 – يىلى قۇرۇلغان. مەكتەپنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 17 مىڭ 561 كۋادرات مېتىر، قۇرۇلۇش كۆلىمى 4038 كۋادرات مېتىر، مەكتەپتە 68 ئىشچى – خىزمەتچى، 587 ئوقۇغۇچى، 21 سىنىپ بار.

      بۇ مەكتەپ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ساپا مائارىپى قەدىمىنى تېزلىتىپ، يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ئەخلاق تەربىيەسى خىزمىتى بىلەن ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتۇشىنى مۇھىم خىزمەتلەر قاتارىدا چىڭ تۇتتى. مەكتەپ ناھىيە ۋە ئاقسۇ ۋىلايىتى بويىچە ›بەشتە ياخشى‹ پارتىيە ياچېيكىسى بەرپا قىلىشتىكى ئۈلگىلىك مەكتەپ››، ‹‹ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە ياچېيكىسى››، ‹‹مەدەنىي ئورۇن››، ‹‹ئەخلاقىي تەربىيەدە ئۆلچەمگە يەتكەن مەكتەپ››، ‹‹باغچىلاشقان مەكتەپ››، ‹‹يېشىللاشقان مەكتەپ››، ‹‹قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىنغان مەكتەپ››، ‹‹تازىلىقتا قىزىل بايراقدار ئورۇن›› دېگەن شەرەپلەرگە ئېرىشتى، 2010 – يىلى 8 – ئايدا ئاقسۇ ۋىلايىتى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئەدەبىيات – سەنئەت كۆرىكىدە 2 – دەرىجىلىك مۇكاپاتلاندى.

مەكتەپ مۇدىرى مۇھەممەت مەمتىل

پىيونېرلار چوڭ ئەترىتىنىڭ تەربىيەچىسى ھاۋاسقىز ئەترەت ھەيئەتلىرىگە خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرماقتا

‹‹قوش تىل›› ئوقۇتۇشىدىن كۆرۈنۈش

ئىلىم – پەن دەرسىدىن كۆرسەتمە دەرس

ئارقان تارتىشىش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش

سەنئەت پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش

ياسىنجان توخنىياز توغراق خەۋىرى، فوتوسى

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: ئاينۇر