باش بەت | تەربىيەچىلىرىمىز

مېھنەتتىن ھۆرمەت تاپقان باغۋەن

 ئايشەمگۈل جاپپار (مۇخبىرىمىز)، قۇتلۇق قۇدرەت (پىراكتىكانت)

 

      – مانا بۇ ئوقۇتقۇچىمىز سىزگە گېپىنى قىلىپ بەرگەن مەكتىپىمىزنىڭ ‹‹قوش تىل››لىق ئوقۇتۇش ئۈلگىسى گۈلنۇر مۇئەللىم بولىدۇ، – دېدى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 54 – باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئىدىيە – ئەخلاق مۇدىرى پەرىدە مۇئەللىم مېنى 1 – يىللىق 1 – سىنىپنىڭ مەسئۇلى گۇلنۇر مۇئەللىمگە تونۇشتۇرۇپ، – بۇ مۇخبىر ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتىدىن كەپتۇ، سىزنى زىيارەت قىلماقچى ئىكەن.

      – ئەمەلىيەتتە زىيارەت قىلغۇدەك ئىش ئىزلىرىم يوق، مەن ئادەتتىكى ئوقۇتقۇچى، پەقەت ئۆزۈم قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنىلا قىلدىم، – دېدى گۈلنۇر مۇئەللىم مېنى قىزغىن قارشى ئالغان ھالدا.

       – ئاڭلىسام سىز دەرس بەرگەن سىنىپلارنىڭ خەنزۇ تىلى دەرسىنى ئۆزلەشتۈرۈش نىسبىتى %100 يېتىپ، مەكتەپ ۋە شىمىگو رايونى بويىچە ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتۇشىدىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەنى يارىتىپ مەكتەپكە شان – شەرەپ كەلتۈرۈپسىز. ئاپتونوم رايون بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ‹‹قوش تىل›› مۇسابىقىلىرىدە بىرىنچىلىكنى قولدىن بەرمەيدىكەنسىز. ئەھۋالىڭىزنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ بېرەمسىز؟ – دېدىممەن زىيارىتىمنى باشلاپ.

      – بۇ نەتىجىلەرنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياردىمى ۋە مەكتەپ رەھبەرلىكىنىڭ قوللىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ، — دېدى ئۇ ناھايىتى كەمتەرلىك بىلەن، – مەن 2000 – يىلى شىنجاڭ خىمىيە سانائەت مەكتىپىنىڭ ئومۇمىي پەن كەسپىنى پۈتتۈرۈپ ئۈرۈمچى شەھەرلىك 76 – باشلانغۇچ مەكتەپكە تەقسىم قىلىندىم ۋە رەھبەرلىكنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ئەدەبىيات دەرسى بەردىم. خەنزۇ تىلىغا بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم تۈپەيلى ئۆزلۈكۈمدىن تەرجىمانلىق كەسپىنى ئوقۇپ تولۇق كۇرۇس سەۋىيەگە ئىگە بولدۇم. 2005 – يىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 54 – باشلانغۇچ مەكتەپكە يۆتكىلىپ كەلدىم. بۇ چاغدا بۇ مەكتەپ ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتۇشىنى يولغا قويۇۋاتقانىكەن. مەن ئىقتىدارىمنى نامايان قىلىش ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ‹‹قوش تىل›› سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن رەھبەرلىككە خەنزۇ تىلى دەرسى بېرىشنى تەلەپ قىلدىم. رەھبەرلىكمۇ تەلىپىمگە قوشۇلدى.

      – ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتۇش جەريانىدىكى تەجرىبىلىرىڭىزنى سۆزلەپ بەرسىڭىز؟

      — مەكتىپىمىزدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك كان ئىشچىلىرى ۋە تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتلىرى بولۇپ بالىلار باغچىسىدا ئوقۇمىغان بولغاچقا خەنزۇ تىلىدا ئاساسى يوق. شۇڭا، دەسلەپكى كۈنلەردە ئۇلارنى يېتەكلەش جەريانىدا قىينالدىم. ئىشنى پىنيىن، بيخۇا ئۆگىتىشتىن باشلىدىم، خام خەتلەرنى ئۆتكەندە مۇرەككەپ سۆزلەرنىڭ رەسىمىنى بىللە ئېلىپ كىرىپ خام خەتنى ئوقۇغۇچىلارغا رەسىمگە بىرلەشتۈرۈپ ئەستە ساقلاتقۇزدۇم. بوش ۋاقىت تاپساملا خەنزۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرسىنى ئاڭلاپ دەرس ئۆتۈش ئۇسۇلى ۋە تەجرىبىلىرىنى ئۆگەندىم، خەنزۇچە گېزىت – ژۇرنال، ماتېرىياللارنى كۆپلەپ كۆردۈم، خەنزۇ مەكتەپلەرنىڭ سىناق سوئاللىرىنى ئېلىپ كېلىپ بالىلارغا مەشىق قىلغۇزدۇم. ئوقۇغۇچىلارنى خەنزۇ تىلىغا تېخىمۇ قىزىقتۇرۇش ئۈچۈن ھەربىر سائەتلىك دەرسنى ئوخشىمىغان ئۇسۇللاردا ئۆتۈپ، كۆپرەك سۆزلەشكە، ئاكتىپ پىكىر قىلىشقا، دەرس باشلاشتىن بۇرۇن ئۆزئارا تىنچلىق سورىشىپ تەلەپپۇزىنى توغرىلاشقا يېتەكلىدىم. كۈندە بىر سائەت ۋاقىت چىقىرىپ ئۇلارغا خەتنى چىرايلىق يېزىش، تېكىستنى راۋان ئوقۇشنى ئۆگەتتىم،

      دەرستە يېتىشەلمىگەن ئوقۇغۇچىلارغا بولغان يېتەكچىلىكنى كۈچەيتتىم. ئۇلارغا ئايرىم تاپشۇرۇق بېرىش ۋە دەرستە ياخشى ساۋاقداشلارغا يېتەكلىتىش قويۇش ئۇسۇللىرىنى قوللاندىم. مۇسابىقىلەردە دەرستە ئاجىز ئوقۇغۇچىلارغا كۆپرەك پۇرسەت بېرىپ ئۇلارنى كۆپرەك سۆزلەتكۈزۈپ جۈرئەتلىك بولۇشقا ئۈندىدىم. نەتىجىدە مەن دەرس بەرگەن سىنىپتىكى دىلئارە شىمىگو رايونى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ‹‹ۋەتىنىمنى ۋە يۇرتۇمنى سۆيىمەن›› ناملىق ‹‹قوش تىل››دا نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىدە بىرىنچىلىككە، ئىلتەبەر 2010 – يىلى شەھەر بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ‹‹ئەمۋاي لوڭقىسى››نى تالىشىش ‹‹قوش تىل››دا نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىدە بىرىنچىلىككە ئېرىشتى. 5 – يىللىق 1 – سىنىپ كوللېكتىپى شەھەر ۋە رايون بويىچە ‹‹قوش تىل›› مۇسابىقىلىرىدە كوللېكتىپ بىرىنچىلىككە ئېرىشتى.

      ئىگىلىشىمچە، گۈلنۇر مۇئەللىم خىزمەتكە قاتناشقان ئون يىلدىن بۇيان مەكتەپ، شەھەر ۋە ئاپتونوم رايون بويىچە ‹‹ئىلغار ئوقۇتقۇچى››، ‹‹مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى››، ‹‹مۇنەۋۋەر ئوتتۇرا ئەترەت تەربىيەچىسىى››، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغار شەخس››، ‹‹›قوش تىل‹ ئوقۇتۇشىدىكى ئىلغار خىزمەتچى››، ‹‹ئىلغار يېتەكچى›› قاتارلىق ناملار بىلەن كۆپ قېتىم تەقدىرلىنىپتۇ. 2009 – يىلى شىمگو رايونى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ‹‹خەنزۇچە دەرسخانا ئوقۇتۇشى ئەندىزىسى››نى دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا باھالاش پائالىيىتىدە بىرىنچىلىككە، شەھەر بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن سائەتلىك پىلان لايىھەسىنى باھالاش پائالىيىتىدە ئۈچىنچىلىككە، شىمىگو رايونى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن نەق مەيداندا دەرس ئۆتۇش مۇسابىقىسىدە بىرىنچىلىككە، 2010 – يىلى 10 – ئايدا شەھەر، ئاپتونوم رايون بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ‹‹ئەخلاق ۋە جەمئىيەت›› ناملىق نەق مەيدان دەرسى ئۆتۈش مۇسابىقىسىدە ئايرىم – ئايرىم ھالدا بىرىنچىلىككە، 11 – ئايدا ئاپتونوم رايون بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى دەرسىنى خەنزۇ تىلىدا سۆزلەش نەق مەيدان مۇسابىقىسىدە بىرىنچىلىككە ئېرىشىپ مەكتەپكە شان – شەرەپ كەلتۈرۈپتۇ.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر