باش بەت | ئاتا – ئانامغا خەت

بىز ئىللىق ئائىلىگە مۇھتاج

ۋارىسجان ئەھمەد

      ئاتا – ئانىمىزنىڭ خۇشاللىقى بىزنىڭ خۇشاللىقىمىز. گۈزەل كەلگۈسىمىز ئاتا – ئانىمىز ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلە. بىز خۇشال بولساق ئۇلارمۇ رازى بولىدۇ. بىراق، ھازىر ئاتا – ئانىمىزنىڭ خۇشاللىقىغا جۆر بولۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئۇلارنىڭ مىجەز – خارەكتېرىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە قاراپ ئۇلاردىن ھېيىقىدىغان، قورۇنىدىغان بولدۇق.

      دادا، ئاپا، سىلەر بىزنىڭ كەلگۈسىمىز ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلسەڭلار ئۇكام ئىككىمىزنى ئويلاپ بولسىمۇ ئىناق ئۆتۈڭلار. بىز سىلەر خۇشال بولغاندا ئائىلىمىز مېھىر – شەپقەتنىڭ نەقەدەر چەكسىزلىكىنى، ئازارلىشىپ قالغىنىڭلاردا نەقەدەر تارلىقىنى ھېس قىلىمىز. ئاراڭلاردا ئانچە چوڭ ئىش يۈز بەرمىسىمۇ كىچىككىنە ئىشلارنى تالىشىپ خۇشال كەيپىياتنى بۇزىسلەر. ساۋاقداشلىرىمىزنىڭ ئېيتىشچە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدە بۇنداق ئىشلار يۈز بەرمەيدىكەن. ئاپىسى بالىلىرىغا ‹‹داداڭ باقسۇن›› دەپ كۆڭلىگە ئازار بەرمەيدىكەن. ئاپا، خىزمىتىڭىز جاپالىق ھەم ئېغىر بولغاچقا داداممۇ قولىدىن كېلىشىچە سىزگە ياردەملىشىپ يۈكىڭىزنى يېنىكلىتىشكە تىرىشىدىغۇ. خىزمەتتىكى خاپىلىق ۋە ھارغىنلىقنىڭ دەردىنى دادامدىن ۋە بىزدىن ئالماي كۆڭلىڭىزدىكى گېپىڭىزنى بىزگە ئېيتسىڭىزمۇ بىزمۇ دەردىڭىزگە دەرمان بولالايمىز. ئائىلىدىكى كۆڭۈلسىزلىكلەر بىزنى ئازابلاپ نورمال كەيپىياتىمىزغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدۇ. بىز ئېناق – ئىجىل، ئىللىق ئائىلىگە مۇھتاج.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: قەلبىنۇر