باش بەت | ئەترەت خىزمىتى

ئوتتۇرا ئەترەت يىغىنىنىڭ تېمىسىنى قانداق بېكىتىش كېرەك

جياڭ لېي

 

      پىيونېرلار چوڭ ئەترىتىنىڭ تەربىيەچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئوتتۇرا ئەترەت تەربىيەچىلىرىنىڭ تېمىلىق ئەترەت يىغىنى قانات يايدۇرۇشىغا تېخىمۇ ياخشى يېتەكچىلىك قىلىش ئۈچۈن پۈتۈن مەكتەپتىكى 26 ئوتتۇرا ئەترەتنى بىر يىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، كۆپ قىسىم ئەترەت يىغىنىنىڭ تېمىسى بولماسلىق، خالىغانچە پائالىيەت قىلىشتەك ئەھۋاللارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بايقىدىم. سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق بۇنداق بولۇشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئوتتۇرا ئەترەت تەربىيەچىلىرىنىڭ تېما تاپالماسلىقىدا ئىكەن. ئۇنداقتا، ئوتتۇرا ئەترەت تەربىيەچىلىرى قانداق قىلغاندا پىيونېرلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە ماس كېلىدىغان، ئۇلار ياخشى كۆرىدىغان تېمىلارنى تاپالايدۇ؟

      تېمىلىق پائالىيەت ئوتتۇرا ئەترەتتىكى مەسىلىلەردىن كېلىدۇ

      نەچچە ئون بالا ئۈگىنىش، تۇرمۇشتا بىللە بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا كۆڭۈلسىز ئىشلار كېلىپ چىقىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. ناۋادا تەربىيەچىلەر بۇ مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلمىسا ئەترەتنىڭ ئىتتىپاقلىقىغا تەسىر يېتىدۇ، ئەمما تەربىيەچىگىلا تايانغاندا تەربىيە ئۈنۈمى تازا ياخشى بولمايدۇ. شۇڭا، تەربىيەچىلەردە چوقۇم ئەترەتتە ساقلانغان مەسىلىلەرنى كۆزىتىدىغان بىر جۈپ ‹‹ئۆتكۈر كۆز›› بولۇشى، مەسىلىلەرنى ئەترەت يىغىنىنىڭ تېمىسى قىلىپ پىيونېرلارنى ئۆز مەسىلىسىنى ئۆزى ھەل قىلشقا يېتەكلەپ، ‹‹سىلىق – سىپايە ئۇسۇل بىلەن تەربىيە بېرىش›› ئۈنۈمىگە ئېرىشىش لازىم. مەسىلەن، پىيونېرلاردىكى ئۆزىنى مەركەز قىلىدىغان مەسىلىگە قارىتا ئەترەتتە ‹‹دوستلۇقنى قەدىرلەش، خۇشاللىققا ئېرىشىش بىلەن باراۋەر››نى تېما قىلغان ‹‹تۇتاش قەلبلەر›› زىيارەت پائالىيىتى، ‹‹يۈرەك سۆزلىرىنى ئېيتىش›› پائالىيىتى، ‹‹سىز ئەڭ قالتىس – ئەلالىرىنى تاللاش›› پائالىيىتى، ئىتوت ‹‹ساۋاقداشلار ئارىسىدا››، كوللېكتىپ ئۇسسۇل ‹‹بەخت ناخشىسى›› قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق پىيونېرلارغا ئىناقلىق، ئىتتىپاقلىقنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى ھەمدە باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلۈشنى ئۆگىنىۋېلىشنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى ئاددىي ساۋات ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش لازىم.

      تېمىلىق پائالىيەت پىيونېرلارنىڭ تۇرمۇشىدىن كېلىدۇ

      ئوتتۇرا ئەترەت يىغىنىنىڭ تېمىسى ۋە مەزمۇنى ئەمەلىيەتتە ئوقۇتقۇچىنىڭ تەييارلىق دەپتىرىدىن ياكى تەربىيەچىلەرنىڭ باش چۆكۈرۈپ ئويلىنىشىدىن كەلمەيدۇ. بەلكى، پىيونېرلارنىڭ مول، خىلمۇخىل تۇرمۇشىدىن كېلىدۇ، تەربىيەچىلەر پىيونېرلارنىڭ تۇرمۇشىغا چوڭقۇر چۆكۈپ ئەستايىدىل كۆزىتىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىنى بايقىيالىغاندىلا تېخىمۇ كۆپ، قىزىقارلىق تېمىلىق ئەترەت پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارالايدۇ. مەسىلەن، مەكتەپتىكى نۇرغۇن پىيونېرلار قەغەز قاتلاشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئوغۇللار ئايروپىلان قاتلاشقا ئامراق بولسا، قىزلار تۇرنا، يۇلتۇز قاتارلىقلارنى قاتلاشقا ئامراق، شۇڭا ئەترەتتە ‹‹ھەرخىل شەكىلدىكى قەغەز قاتلاش›› تېما قىلنغان پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرسا بولىدۇ. پىيونېرلار بۆلۈنۈپ قەغەز قاتلاشقا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى تېپىپ، ئەترەت يىغىنىدا كېرەكسىز قەغەز قۇتا، كونا كالېندارلاردىن پايدىلىنىپ ئىجاد قىلنغان نەرسىلەر بىلەن دەرسخانىنى بېزەش، پائالىيەت داۋامىدا پىيونېرلار كومپيۇتېردىن ئەنئەنىۋى قول ھۈنەرۋەنچىلىكىدىكى مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى كۆرسە، قەغەز قاتلاشنىڭ ئاساسلىق ئۇسۇللىرىنى ئۆگەنسە بولىدۇ، ھەرقايسى كىچىك ئەترەتلەرنىڭ ئىجادىيەتلىرىنى نەق مەيداندا كۆرسىتىش، رەڭدار مودا كىيىملەرنى قاتلاش قاتارلىق پائالىيەتلەر پىيونېرلارنىڭ قىزىقىشىنى قاندۇرۇپلا قالماي خەلق ئارىسىدىكى سەنئەتكە بولغان چۈشەنچىسىنى تېخىمۇ ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

      تېمىلىق پائالىيەت دەۋرنىڭ ئېھتىياجىدىن كېلىدۇ

      جەمئىيەت ئالغا ئىلگىرىلەپ، دەۋر تەرەققىي قىلىپ، نۇرغۇن يېڭى شەيئى، يېڭى ئىدىيەلەر كۆپلەپ مەيدانغا كېلىپ ئۆسمۈر – بالىلارنىڭ تۇرمۇش قارىشى ۋە دۇنيا قارىشىغا ئوخشىمىغان دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ. شۇڭا، ئەترەت يىغىنىنىڭ تېمىسىمۇ يېڭى دەۋر ئېقىمىغا ماسلىشىپ دەۋرچانلىق ۋە ئىجادچانلىققا ئىگە بولۇشى لازىم. مەسىلەن: ‹‹مەدەنىي بولۇپ يېڭى ئىستىل تىكلەش››تىن ئىبارەت پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ ئەنئەنىۋى تەربىيە مەزمۇنىنى دەۋر ئالاھىدىلىكى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ھەر خىل تېمىلىق ئەترەت پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش؛ ‹‹سوتسىيالىستىك شەرەپ، نومۇس قارىشى›› بىلەن ‹‹ئار – نومۇسنى بىلىش، يېڭى ئىستىل تۇرغۇزۇپ، ئەخلاقلىق ئوقۇغۇچى بولۇش›› بىرلەشتۈرۈلگەن ئەترەت يىغىنى تەشكىللەش؛ ‹‹ئولىمپىكنى كۈتۈۋېلىش›› پائالىيىتى بىلەن ‹‹يېڭى ئىستىل تۇرغۇزۇپ، ئولىمپىكنى ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن كۈتۈۋالايلى›› تېمىسى بىرلەشتۈرۈلگەن ئەترەت يىغىنى تەشكىللەش؛ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، جەمئىيەتتىكى قىزىق نۇقتىلار بويىچە ئەترەت پائالىيىتى تەشكىللەش تەربىيەچىلەرنىڭ ئەترەت يىغىنىنىڭ تېمىسىنى بەلگىلەشتىكى مۇھىم ئۇسۇللاردۇر.

      تېمىلىق پائالىيەت بايراملاردىن كېلىدۇ

      بىر يىل ئىچىدە نۇرغۇن بايرام بولىدۇ، بۇ بايرامنىڭ ئەھمىيىتىنى قېزىش تەربىيەچىلەر تېما تاللاشتا قوللىنىدىغان مۇھىم بىر خىل ئۇسۇل. مەسىلەن، دۆلەت بايرىمى، پارتىيەنىڭ قۇرۇلغان كۈنى يېتىپ كېلىش ئالدىدا ۋەتەننى، پارتىيەنى سۆيۈش تېما قىلىنغان ئەترەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش؛ ئاياللار بايرىمى، ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى يېتىپ كەلگەندە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش تېما قىلىنغان ئەترەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش؛ باھار بايرىمى، چوكانتال بايرىمى، تاۋۇز چاغىنى، تاڭزۇڭزا بايرىمى قاتارلىق بايراملاردا ئەنئەنىۋى بايرام بىلەن مەدەنىيەتنى تېما قىلغان ئوتتۇرا ئەترەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش؛ ‹‹تاڭزۇڭزا بايرىمى››نى تېما قىلغان پائالىيەتتە زۇڭزا تۈگۈشنى ئۆگىنىش، چۈ يۈەننى خاتىرىلەش ئارقىلىق پىيونېرلارنىڭ ۋەتىنىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى بايراملىرىنى چۈشىنىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مىللىي ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇش ۋە قول سېلىپ ئىشلەش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتەك ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: قەلبىنۇر