باش بەت | ئۈلگىلەر يېتەكلەيدۇ

ئۇسسۇلغا ھېرىسمەن ئەلقەرجان

 

 

ئايشەمگۈل جاپپار (ئۆز مۇخبىرىمىز)

      ئۈرۈمچى شەھەرلىك 19 – باشلانغۇچ مەكتەپ 5 – يىللىق 5 – سىنىپ ئوقۇغۇچىسى ئەلقەرجان ئەركىننىڭ كوچا ئۇسسۇلىغا ئالاھىدە ئىشتىياق باغلاپ ئاپتونوم رايون ۋە ئىچىكىرى ئۆلكىلەردە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىلەردە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى ئاڭلاپ ئۇنى زىيارەت قىلىش ئىستىكىدە كوچا ئۇسسۇلى ئۆگىنىش مەركىزىگە ئىزدەپ باردىم. ئۇ پۈتۈن ئىشتىياقى بىلەن مەشىق قىلىۋاتقان ئىكەن.

      – قانداق بولۇپ بۇ ئۇسسۇلغا ئىشتىياق باغلاپ قالدىڭىز؟ – دەپ سورىدىم ئەلقەرجاندىن

      – بىر كۈنى تېلېۋىزوردىن DSP تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئورۇندىغان كوچا ئۇسسۇلىنى كۆرۈپ قالدىم، – دېدى ئەلقەرجان كۈلۈپ تۇرۇپ، – دەسلەپتە بۇ ئۇسسۇل ماڭا تازا ياقمىدى. ھەرىكەتلىرى تەس ھەم قالايمىقان كۆرۈندى. ئەتىسى مەكتەپكە بارسام ساۋاقداشلىرىمنىڭ ھەممىسى مۇشۇ ئۇسسۇل توغرىسىدا مۇنازىرىگە چۈشۈپ كېتىپتۇ. مەن ئۇلارغا: ‹‹بۇ ئۇسسۇلنىڭ نەرى تەس، قالايمىقان ھەرىكەتلەرنى قىلسىلا ئوينىغىلى بولىدىكەنغۇ›› دېدىم. بىراق، ساۋاقداشلىرىم مېنى مازاق قىلىپ: ‹‹ئۇنداق بولسا سەن ئويناپ باققىنا›› دېدى. شۇ كۈنىلا ئۆيگە بېرىپ ئەينەككە قاراپ ئويناپ باقتىم. قانچە رەت ئوينىغان بولساممۇ ئازراقمۇ ئوخشىمىدى. ئەتىسى بازاردىن بۇ ئۇسسۇلنىڭ پىلاستىنكىسىنى سېتىۋېلىپ قايتا – قايتا كۆردۈم. كۆرگەنسېرى مەپتۇن بولۇپ قالدىم. شۇ كۈنىلا دادامغا كوچا ئۇسسۇلى ئۆگىنىش خىيالىمنىڭ بارلىقىنى ئېيتتىم. بىراق، دادام ماڭا: ‹‹بالام ئۇسسۇل دېگەن قىز بالىغا يارىشىدۇ، سەن يەنىلا تىل ياكى تايلاند گۇمپىسى ئۆگەنسەڭ بولامدىكىن›› دېدى. مەن تايلاند گۇمپىسىغا پەقەت قىزىقمايدىغانلىقىمنى، كوچا ئۇسۇلىنى ئۆگەنگۈم بارلىقىنى قايتا – قايتا ئېيتىپ دادامنى ئاخىر قايىل قىلدىم. دادام مېنى ‹‹قىزىل بايراق›› يولىغا جايلاشقان DSP كوچا ئۇسسۇلى تەربىيەلەش مەركىزىگە ئاپىرىپ بەردى. دەسلەپتە پۇت – قول، بەدىنىم پەقەت كەلمىدى. مەن كۇرستىن چۈشۈپ قايتا – قايتا مەشىق قىلدىم. مۇئەللىممۇ مېنىڭ ئۇسسۇلغا ئالاھىدە ئىشتىياق باغلىغانلىقىمنى كۆرۈپ ئىشتىن چۈشكەن ۋاقىتلىرىدىمۇ مېنى يېتەكلىدى. مەن دادام – ئاپاملارغا دەپ ئۆيگە چوڭ ئەينەكتىن بىرنى ياساتقۇزدۇم، ھەر كۈنى مەكتەپتىن كېلىپ تاپشۇرۇقلىرىمنى ئىشلەپ بولۇپ ئەينەككە قاراپ مەشىق قىلدىم. كوچا ئۇسسۇلىدا بەدەن تولغايدىغان، موللاق ئاتىدىغان ھەرىكەتلەر بەك كۆپ بولۇپ شۇنىڭغا ماس ھالدا چىراي ئىپادىسىمۇ ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇراتتى. مەن بۇلارنى ھەرىكەتلەرنى ماسلاشتۇرۇش جەريانىدا نەچچە قېتىم بېلىم ۋە قوللىرىمنى قايرىۋالدىم. ئەمما، بىرەر قېتىممۇ ئۆگىنىش ئىرادەمدىن ۋاز كەچمىدىم.

      – ئاڭلىسام، ئۆتكەن يىلى 12 – ئايدا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن 2011 – يىللىق باھار بايرىمى سەنئەت كېچىلىكى ‹‹مەن چولپان بولىمەن›› پىروگراممىسىدا نومۇر كۆرسىتىپ تاماشىبىنلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىپسىز، ئاشۇ چاغدىكى ھېسىياتىڭىزنى سۆزلەپ بېرەمسىز؟

سۈرەتتە: ئەلقەرجان (ئالدى رەت 1 – ئوقۇغۇچى) كوچا ئۇسسۇلىنى مەشىق قىلماقتا

      – يېتەكچى ئوقۇتقۇچىمدىن بۇ پىروگراممىغا قاتنىشىدىغانلىقىمنى ئاڭلاپ بەكمۇ خۇشال بولدۇم. چۈنكى، مەن ئەزەلدىن بېيجڭغا بېرىپ باقمىغان، يەنە كېلىپ چوڭ سەھنىگە چىقىش مېنىڭ ئارزۇيۇم ئىدى. مۇئەللىم مېڭىشىمىزدا: ‹‹سىلەر شىنجاڭغا ۋەكىل بولۇپ كېتىۋاتىسىلەر. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئۇسسۇل باشقا دۆلەتنىڭ ئۇسسۇلى. شۇڭا، ئۇسسۇلنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئوينىشىڭلار كېرەك›› دېدى. بىز مۇئەللىم ۋە ساۋاقداشلارنىڭ ياخشى تىلەكلىرىنى يۈدۈپ بېيجىڭغا كەلدۇق. گەرچە بېيجىڭ ھەممىمىزگە ناتونۇش، بىز كۆرۈشنى ئارزۇ قىلغان شەھەر بولسىمۇ كەلگەن كۈندىن باشلاپلا مەشىقنى باشلىۋەتتۇق. نەتىجىدە ئوينىغان ئۇسسۇلىمىز تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا مۇيەسسەر بولۇپ بىرىنچىلىككە ئېرىشتۇق. يېتەكچى مۇئەللىممۇ بىزدىن بەك خۇشال بولدى. ئاشۇ چاغدا سەھنىدە تۇرۇپ: ‹‹تېخىمۇ تىرىشىپ كەلگۈسىدە تېخىمۇ چوڭ سەھنىلەردە ئۇسسۇل ئوينايمەن›› دەپ ئۆز – ئۆزۈمگە ۋەدە بەردىم.

      كوچا ئۇسسۇلى تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ يېتەكچى ئوقۇتقۇچى بەختىيار مۇئەللىم مۇنداق دېدى: ‹‹ئەلقەرجان بەك تىرىشچان ۋە ئەستايىدىل. ئۇ تەربىيەلەش مەركىزىگە كەلگەندە ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ ئەڭ كىچىكى ئىدى. ئۇ يېشىنىڭ كىچىكىلىكىگە قارىماي مۇرەككەپ ھەرىكەتلەرنىمۇ قېتىرقىنىپ ئۆگەندى. يېڭى ھەرىكەتلەرنى بىلمىسە زېرىكمەستىن قايتا – قايتا سوراپ ئۆگىنىۋالمىغۇچە بولدى قىلمىدى. ئۇ ھازىر سىنىپىمدىكى ئەڭ ياخشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرى. مەن بۇ ئوقۇغۇچىمدىن بەك رازى››. ئەلقەرجان ھەرقايسى پەن دەرسلىرىدىمۇ ناھايىتى ياخشى بولۇپ ئەخلاق، ئەمگەك، ئىىتىپاقلىق قاتارلىق جەھەتلەردە ساۋاقداشلىرىغا ئۈلگە بولالايدىكەن. ئۇ 2006 – يىلى سايباغ رايونى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ‹‹قوش تىل››دا نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىدە بىرىنچىلىككە، 2010 – يىلى ئۈرۈمچى يېكەنكۆل كەررىفور تاللار بازىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن بالىلارنىڭ كوچا ئۇسسۇلى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ئىككىنچىلىككە ئېرىشتى.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر