باش بەت | ئەترەت كادىرلىرى مەكتىپى

ئەترەت باشلىقلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى

      چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك ئەترەتتىكى ھەر دەرىجىلىك ئەترەت باشلىقلىرىنىڭ تۆت تۈرلۈك ئىش ئورنى مەسئۇلىيىتى بار:

      1. ئەترەت كومىتېتى، تۆۋەن دەرىجىلىك ئەترەتتىكى باشلىقلار يىغىنى ئېچىش. مەيلى قايسىلا دەرىجىلىك ئەترەت باشلىقى بولسۇن خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، كۆپچىلىك بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشى لازىم.

      2. خىزمەت پىلانىنى تۈزۈشكە تەشكىللەش ۋە خىزمەت خۇلاسىسى ئېلىپ بېرىشقا مەسئۇل بولىدۇ. خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن چوقۇم خىزمەت پىلانىنى تۈزۈپ، قەدەممۇ قەدەم نىشانىغا قاراپ ئىلگىرىلەش؛ خىزمەتنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن چوقۇم خىزمەتلەرنى خۇلاسىلەش لازىم. مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئۈزلۈكسىز ئالغا بېسىشقا بولىدۇ.

      3. قارارلارنى يەتكۈزۈشكە ۋە قارارنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل بولىدۇ. پىلان تۈزۈپ قۇيۇپ ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرمىگەندە ياكى باشتا ئوتتەك قىزىپ ئاخىرىدا سوۋۇپ قالغاندا كۆزلىگەن نىشانغا يەتكىلى بولمايدۇ، پەقەت قارارنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى دائىم ئىگىلەپ ۋە تەكشۈرۈپ تۇرغاندىلا ئاندىن خىزمەت ۋەزىپىسىنى سۈپەتلىك ئورۇندىغىلى بولىدۇ.

      4. ئاساسىي قاتلام ئەترەت باشلىقلىرىغا ياردەملىشىپ خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش ۋە پائالىيەتنى قانات يايدۇرۇش. بىر چوڭ ئەترەت ۋە ئوتتۇرا ئەترەت باشلىقلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا مەلۇم بىر خىزمەت ۋە پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغانلىق بىلەنلا ۋەزىپە ئورۇندالغانلىق ھېسابلانمايدۇ. كونكرېت خىزمەت جەريانىدا مەسىلە كۆرۈلگەندە، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئامال – چارە تېپىپ، ئاساسىي قاتلام باشلىقلىرىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىش لازىم.

      پىيونېرلار ئەترىتى ئۆسمۈر –  بالىلارنىڭ ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولىدىغان ئاممىۋى تەشكىلاتى، چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك ئەترەتتىكى ھەر دەرىجىلىك ئەترەت باشلىقلىرى ئوقۇتقۇچى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر تەرىپىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلىمەستىن بەلكى دېموكراتىك تۈزۈمىنىڭ ئورنىغا ۋەزىپىگە تەيىنلەش تۈزۈمىنى دەسسىتىش ئەترەتنىڭ دېموكراتىك – مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىدىكى تەشكىلىي پىرىنسىپقا خىلاپ.

      ئۆز ئەمەلىيىتى ئارقىلىق ئىش كۆرۈش دېگەنلىك ھەممە جەھەتتە ئۈلگىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش دېگەنلىكتۇر. ئەترەت باشلىقى بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئەترەت خىزمىتى جەريانىدا مۇنۇلارنى ھېس قىلالايدۇ، يەنى ئۆزلىرى بىرەر ئىشنى ياخشى قىلالمىسا، ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا شۆھرىتى بولمايدۇ. باشقىلارمۇ ئۇنىڭغا قايىل بولماي گېپىنى ئاڭلىمايدۇ – دە، ئۆز خىزمىتىگە زور قىيىنچىلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ.

      ھەممە ئىشتە ئۆز ئەمەلىيىتى ئارقىلىق ئۈلگە بولۇش ئۇنچىلىك ئاسان ئىش ئەمەس، بۇ ئەترەت باشلىقلىرىدا ناھايىتى كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى ۋە ئۆز  – ئۆزىنى تىزگىنلەش ئىقتىدارى بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەترەت باشلىقلىرىنىڭ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى دېگەنلىك ئۆزىنىڭ ئەترەت باشلىقى ئىكەنلىكىنى ھەمىشە ئەستە چىڭ ساقلاش دېگەنلىك بولۇپ، كۆپچىلىكنىڭ نەزىرى دائىم سىزدە بولغاچقا ھەممە ئىشتا ئۈلگە بولۇشىڭىز لازىم. ئۆزىنى – ئۆزى تىزگىنلەش ئىقتىدارى بولۇش دېگەنلىك، ئۆزىنى ئاڭلىق چەكلىيەلەيدىغان بولۇش، مەكتەپ قىلىشقا بولمايدۇ دەپ بەلگىلىگەن ئىشلارنى قىلماسلىق، مەكتەپنىڭ بەلگىلىمىسىگە بويسۇنۇش لازىم دېگەنلىكتۇر. بولۇپمۇ ھېچكىم نازارەت قىلمىغان ئەھۋال ئاستىدا، يەنىلا ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قۇيالىغاندىلا، ئاندىن كۆپچىلىك سىزنى ئۈلگە قىلىدۇ، ھەم سىزدىن ئۆگىنىپ سىزنىڭ رەھبەرلىكىڭىزنى قوبۇل قىلىشنى خالايدۇ.

      چوڭلار باشلىق بولسا خەلىقنىڭ چاكىرى ھېسابلىنىدۇ، خەلىق خىزمەت قىلىدۇ؛ پىيونېرلار ئەترەت باشلىقى بولسا ئوخشاشلا خەلىقنىڭ چاكىرى ھېسابلىنىدۇ، پىيونېرلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ، مانا بۇ ئەترەت باشلىقى بولۇشنىڭ مەقسىتى.

      ئەمما بەزى ئەترەت باشلىقى بولسا ئەترەت باشلىقى بولغاندا بىلىكىگە ئەترەت كادىرلىق بەلگىسىنى تاقاشنى ئابرۇي دەپ قارايدۇ، يەنە بەزىلىرى ئەترەت باشلىقى دېگەنلىك ئوقۇغۇچىلارنى باشقۇرىدۇ، ساۋاقداشلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ ئاغزىمغا قارايدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە بىلىكىدە بەلگە كۆپەيسە ئۇلاردا بىر كىشىلىك مەسئۇلىيەت كۆپىيىدۇ، كىچىك ئەترەت باشلىقلىرى ئۆز ئەترىتىدىكى بىر قانچە ئەزاغا مەسئۇل بولۇشى؛ ئوتتۇرا ئەترەت باشلىقى ئوتتۇرا ئەترەت خىزمىتىنى ياخشى ياخشى ئىشلىگەندىن سىرت يەنە كىچىك ئەترەت باشلىقلىرىنىڭ خىزمىتىگە ياردەملىشىشى؛ چوڭ ئەترەت باشلىقى چوڭ ئەترەت خىزمىتىنى ئىشلىگەندىن سىرت يەنە ئوتتۇرا ئەترەت ۋە كىچىك ئەترەت خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشى لازىم.

      شۇڭا، ئەترەت باشلىقى بەلگىسىنى تاقىغاندا بىزدە شەرەپ تۇيغۇسى بولۇپلا قالماستىن بەلكى يەنە ئېغىر مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئالالايدىغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىمۇ بولۇشى لازىم. پىيونېرلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تۇيغۇسى تۇرغۇزۇلغاندىلا ئاندىن جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، جان – دىل بىلەن كوللېكتىپنى ئويلاپ، ئۆز ئەقىل – پاراسىتىنى جارى قىلدۇرغىلى، خىزمەتنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلىگىلى بولىدۇ، شۇنداقلا پىيونېرلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىش جەريانىدا ئۇمۇمىي جەھەتتىن تەرەققىي قىلىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. بىز ھەربىر پىيونېرنىڭ ئەترەت باشلىقى بولۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ خەلىق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش قابىلىيىتىنى چېنىقتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمىز.

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: قەلبىنۇر