باش بەت | ئۈلگىلەر يېتەكلەيدۇ

ساقچى بولغۇم بار

ئابلا كامال

      خېجىڭ ناھىيەلىك 3 – باشلانغۇچ مەكتەپ ‹‹قوش تىل›› 2 – يىللىق 1 – سىنىپنىڭ ئۆگىنىش باشلىقى سەبىرە ئالىمنىڭ ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ تىرىشىپ ئۆگىنىۋاتقانلىقىنى، نۇرغۇن شان – شەرەپلەرگە ئېرىشكەنلىكىنى ئاڭلاپ ئۇنى زىيارەت قىلىش مەقسىتىدە سىنىپ مەسئۇلى بۈۋىخەلچەم مۇھەممەت مۇئەللىم بىلەن كۆرۈشتۈم.

      – ئوقۇغۇچىم سەبىرە بەك تىرىشچان ھەم ئەستايىدىل، – دەپ سۆزىنى باشلىدى بۈۋىخەلچەم مۇئەللىم قىزغىنلىق بىلەن، – ئۇنىڭ تەشكىلىي – ئىنتىزام قارىشى بەك كۈچلۈك، مەكتەپكە كىرگەندىن بۇيان بىر كۈنمۇ كېچىكىپ باقمىدى. ئۇ ناھايىتى چىقىشقاق ھەم كەمتەر، ساۋاقداشلىرى بىلەن ئىناق – ئىتتىپاق ئۆتىدۇ. دەرستە ئاجىز ساۋاقداشلارغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ. ئۇنىڭ تەشكىللەش ئىقتىدارى يۇقىرى بولغاچقا سىنىپنىڭ ئۆگىنىش باشلىقىلىق ۋەزىپىسىنى ياخشى ئۆتەپ كېلىۋاتىدۇ.

      بۈۋىخەلچەم مۇئەللىم سەبىرەنىڭ تاپشۇرۇق دەپتىرىنى ئېلىپ ماڭا كۆرسەتتى. مارجاندەك يېزىلغان رەتلىك خەتلەر، تولۇق نومۇر بىلەن توشقان تاپشۇرۇق دەپتەر سەبىرەنىڭ ئەستايىدىللىقىنى ئىسپاتلاپ تۇراتتى.

      – كۆرۈپ تۇرۇپىسز، – دېدى بۈۋىخەلچەم مۇئەللىم سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۇ تاپشۇرۇقلارنى ناھايىتى ئەستايىدىل ئىشلەيدۇ. چۈشەنمىگەن جايلىرىنى مۇئەللىمدىن دادىللىق بىلەن سورايدۇ. ئۇ ھەر مەۋسۇمدە ‹‹ئۈچتە ياخشى›› ئوقۇغۇچى، ‹‹مۇنەۋۋەر پىيونېر››، ‹‹ئىلغار سىنىپ كادىرى›› بولۇپ تەقدىرلەندى. 2009 – يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن بالىلارنىڭ ‹‹قوش تىل››دا نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىدە 3 – دەرىجىگە، 2010 – يىلى بايىنغولىن ئوبلاستى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ‹‹قوش تىل››دا ماقالە يېزىش مۇسابىقىسىدە 1 – دەرىجىگە ئېرىشتى. بۇ يىل 5 –ئايدا شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ‹‹قامەت – تالانت سەھنىسى›› پىروگراممىسىغا قاتنىشىپ ھەپتىلىك چولپان بولۇپ تاللاندى.

      مەن بۈۋىخەلچەم مۇئەللىم بىلەن سۆھبىتىمنى ئاياغلاشتۇرۇپ سەبىرەنى زىيارەت قىلدىم. ئاددىي – ساددا كىيىنگەن، چىرايىدىن كۈلكە يېغىپ تۇرىدىغان بۇ ئوماق قىز مېنى تاتلىق سالاملىرى بىلەن قارشى ئالدى.

      – ئاڭلىسام نەتىجىلىرىڭىز كۆپ ئىكەن، ئۆگىنىش ئۇسۇلىڭىز توغرىسىدا سۆزلەپ بېرەمسىز؟ – دېدىم.

      – دەرسخانىدا پۈتۈن دىققىتىم بىلەن دەرس ئاڭلايمەن، ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى ۋاقتىدا تەكرار قىلىمەن، تاپشۇرۇقلارنى ئەستايدىل، ۋاقتىدا ئىشلەيمەن، دەرسلەرنى ئالدىن كۆرىمەن، ھەر كۈنى ئەتىگەن خەنزۇچە تېكىست يادلايمەن. دەم ئېلىش كۈنلىرى مەھەللەمدىكى خەنزۇ دوستلىرىم بىلەن كىتابخانىغا بارىمەن.

      – ئارزۇيىڭىز نېمە؟ – دەپ سورىدىم ئۇنىڭدىن.

      – ئارزۇيۇم بەك كۆپ، – دېدى سەبىرە كۈلۈپ، – تىرىشىپ ئوقۇپ ياراملىق ئادەم بولسام، ئاتا – ئانامنىڭ يۈكىنى يەڭگىللەتسەم، يۇرتىمىزغا مەكتەپ قۇرۇپ بەرسەم، ياراملىق خەلق ساقچىسى بولۇپ جەمئىيەتنىڭ تىنچ – ئامانلىقى ئۈچۈن بىر كىشلىك تۆھپە قوشسام دەيمەن.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر