باش بەت | ئىزدىنىش ۋە تەپەككۇر

بىخەتەرلىك قالپىقى

       بالىلارنىڭ بىخەتەرلىك ئېڭى تۆۋەن بولىدۇ. شۇڭا، مەن ئالاھىدە ئىقتىدارلىق بىخەتەرلىك قالپىقى كەشىپ قىلىشنى ئويلىدىم. بۇ بىخەتەرلىك قالپىقى كۆپ خىل ئىقتىدارغا ئىگە بولۇپ سىزگە قانداق ۋاقىتتا يولدىن ئۆتسىڭىز ئەڭ بىخەتەر بولىدىغانلىقىنى، يولدىن ئېزىپ قالغاندا قايسى يول بىلەن ماڭسىڭىز مەنزىلگە يېتىپ بارالايدىغانلىقىڭىزنى ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ. يامان نىيەتلىك كىشىلەرگە يولۇققاندا قالپاقنىڭ ئۈستىدىكى كۇنۇپكىنى بېسىپ قويسىڭىز ساقچىغا مەلۇم قىلىدۇ ۋە ساقچىلارغا سىزنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىڭىزنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

تۇرپاندىن سەردارئەلى

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر