باش بەت | ئۈلگىلەر يېتەكلەيدۇ

داڭلىق رىياسەتچى بولىمەن

 ئايشەمگۈل جاپپار

 

      يېقىندا قۇمۇل شەھەرلىك 1 – باشلانغۇچ مەكتەپتە مۇخبىرلىق قىلىۋېتىپ 5 – يىللىق 2 – سىنىپنىڭ باشلىقى، مەكتەپ پىيونېرلار چوڭ ئەترىتىنىڭ ھەيئىتى نەفىسە ئىمىننىڭ ‹‹كىچىك رىياسەتچى›› دېگەن نام بىلەن ساۋاقداشلىرىنىڭ ئالقىشغا ئېرىشكەنلىكىنى ئاڭلاپ بۇ ئۈمىدلىك غۇنچىنى زىيارەت قىلدىم.

      – نەفىسە سىنىپىمىزنىڭ گۈلتاجىسى، – دېدى نەفىسەنىڭ سىنىپ مەسئۇلى رەيھانگۈل مۇئەللىم مەقسىتىمنى بىلگەندىن كېيىن، – ئۇ ئىجتىھاتلىق، تىرىشچان، قەيسەر بولۇپلا قالماي يەنە قابىل ياردەمچىم. ئۇ مەكتەپتە ئۆتكۈزۈلگەن ھەر خىل سەنئەت پائالىيەتلىرىنىڭ رىياسەتچىلىك سۆزىنى تەييارلايدۇ ۋە بۇ پائالىيەتلەردە ئۆزى رىياسەتچىلىك قىلىدۇ، مەكتەپكە كېلەلمەي قالسام ساۋاقداشلارنى تەشكىللەپ دەرسلەرنى تەكرار قىلىپ بېرىدۇ، تاپشۇرۇلغان ۋەزىپىنى ۋاقتىدا ئورۇندايدۇ، دەرستە ئارقىدا قالغان ساۋاقداشلىرىغا ھەر كۈنى كەچتە يېرىم سائەت تەكرار قىلىپ بېرىدۇ. شۇڭا، ساۋاقداشلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا ئامراق.

      مۇئەللىمنىڭ سۆزى تۈگىمەيلا ئىشخانىغا نەفىسە سالام بېرىپ كىرىپ كەلدى.

      – مانا بۇ بىزنىڭ ئۈمىدلىك غۇنچىمىز نەفىسە، – دېدى رەيھانگۈل مۇئەللىم، – بۇ ھەدىڭىز ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتىدىن كەپتۇ، سىزنى زىيارەت قىلماقچى ئىكەن.

      – مېنىڭ تەرىپلىگۈدەك ئارتۇقچىلىقىم كۆپ ئەمەس، – دېدى نەفىسە كەمتەرلىك بىلەن.

      – ھەممەيلەن سىزنى ‹‹كىچىك رىياسەتچى›› دەپ تەرىپلىشىدىكەن. بۇ جەھەتتە قانداق ئويلايسىز؟ – دېدىممەن قىزىقىپ. – مەن رىياسەتچىلىكنى ياخشى كۆرىمەن. تىرىشىپ ئۆگىنىپ كەلگۈسىدە خەلقىم ئېتراپ قىلغۇدەك داڭلىق رىياسەتچى بولغۇم بار، – دېدى نەفىسە.

      دەرسكە كىرىش قوڭغۇرىقى چېلىنىپ كەتكەچكە ئۇ مەن بىلەن تېزلا خوشلىشىپ سىنىپقا كىرىپ كەتتى.

      ئوقۇتقۇچىلاردىن ئىگىلىشىمچە، نەفىسە ئۆگىنىشتە ئەستايىدىل بولۇپ تاپشۇرۇقلارنى مۇستەققىل، تولۇق ئىشلەيدىكەن. چۈشىنەلمىگەن جايلىرىنى مۇئەللىمدىن، دەرستە ياخشى ئوقۇغۇچىلاردىن سوراپ بىلىۋالمىغۇچە بولدى قىلمايدىكەن. دەرسلەرنى ئالدىن كۆرۈش ئۇنىڭ كۈندىلىك ئادىتى بولۇپ بوش ۋاقىت چىقسىلا قوشۇمچە ماتېرىياللارنى كۆرىدىكەن. ئۇ يەنە مەكتەپ رادىيو ئۇزېلىنىڭ رىياسەتچىلىك ۋەزىپىسىنى ئىزچىل ئۈستىگە ئېلىپ كەلگەن بولۇپ ھەر كۈنى ‹‹›قوش تىل‹ ئۆگىنەيلى››، ‹‹بىلىۋېلىڭ››، ‹‹ئۆگىنىش ئۈلگىمىز›› قاتارلىق سەھىپىلەر بويىچە ئاڭلىتىش بېرىدىكەن. ساۋاقداشلاردىن پىكىر ئېلىپ ھەر ھەپتىدە يېڭى سەھىپە ئاچىدىكەن. داڭلىق رىياسەتچى بولۇش ئۈچۈن تىل ئۆگىنىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تونۇپ خەنزۇ تىلى، ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش كۇرسلىرىدا ئوقۇپتۇ. تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىكى رىياسەتچىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇلاردىن تەلىم ئاپتۇ. ئۇ ھازىر خەنزۇ تىلى، ئىنگلىز تىلىدا رىياسەتچىلىك، نۇتۇق سۆزلەش جەھەتلەردە بەلگىلىك ئىقتىدار يېتىلدۈرۈپتۇ.

    سۈرەتتە: نەفىسە (ئوتتۇرىدا) ساۋاقداشلىرى بىلەن ئۆگىنىش قىلماقتا.

 

  نەفىسەنىڭ ساۋاقدىشى سۈبھىنۇرئاي مۇنداق دېدى: ‹‹نەفىسە بەك ئىشچان. ھەر كۈنى مەكتەپكە سەھەر كېلىپ سىنىپ ۋە مەيداننىڭ تازىلىقىغا ياردەملىشىدۇ. كىم قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەم بېرىدۇ. ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار تۆت ساۋاقدىشىمىزنى بىر يىللىق ›شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى‹ گېزىتىگە مۇشتەرى قىلىپ بەردى. ئۇ ھەقىقەتەنمۇ بىزنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىمىز››.

      نەفىسە مەكتەپكە كىرگەن بەش يىلدىن بۇيان مەكتەپ بويىچە ‹‹ئۈچتە ياخشى›› ئوقۇغۇچى، ‹‹ئىلغار سىنىپ كادىرى››، ‹‹مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى››، ‹‹مۇنەۋۋەر ئاڭلاتقۇچى›› بولۇپ باھالانغاندىن سىرت ‹‹قوش تىل››دا نۇتۇق سۆزلەش، ھېكايە ئېيتىش، ماقالە يېزىش مۇسابىقىلىرىدە بىرىنچىلىكنى قولدىن بەرمەپتۇ. 2006 – يىلى قۇمۇل ۋىلايىتى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن 2 – قېتىملىق ‹‹ئەسىر يۇلتۇزى لوڭقىسى››نى تالىشىش ئۈچ خىل تىلدا نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسدە بىرىنچىلىككە، 2008 – يىلى قۇمۇل شەھىرى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقوغۇچىلىرىنىڭ ‹‹مۇرتۇم لوڭقىسى››نى تالىشىش ‹‹قوش تىل››دا نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىدە بىرىنچىلىككە، 2009 – يىلى قومۇل شەھەرى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ‹‹قىزىل گالىستۇكلۇقلار پارتىيەگە تەلپۇنىدۇ›› تېمىلىق ھېكايە ئېيتىش مۇسابىقىسىدە ئىككىنچىلىككە، ‹‹مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش›› تېمىسىدىكى ‹‹قوش تىل››دا نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىدە بىرىنچىلىككە، ئاپتونوم رايون بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن 2 – نۆۋەتلىك ياش – ئۆسمۈرلەر جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىش ‹‹مەكتەپ خەۋەرلىشش›› لوڭقىسىنى تالىشىش ‹‹قوش تىل››دا نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىدە بىرىنچىلىككە ئېرىشىپ مەكتەپكە شان – شەرەپ ئېلىپ كەپتۇ.

 

مەنبە: ئۆسمۈرلەر تورى تەھرىر: ئاينۇر