بىر قېتىم بىر كىشى بىر دېھقاندىن بۇغداي تېرىغان – تېرىمىغانلىقىنى سوراپتۇ.
– يامغۇر يېغىشىدىن ئەنسىرەپ تېرىمىدىم.
– ئۇنداقتا كېۋەز تېرىدىڭىزمۇ؟
– كېۋەزگە قۇرت چۈشۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ ئۇنىمۇ تېرىمىدىم.
– ئۇنداقتا نېمە تېرىدىڭىز؟
– بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ھېچنېمە تېرىمىدىم.
ھېكمەت: خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشنى خالىمىغان ۋە مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشتىن قورققان كىشى ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمەيدۇ.