ياسىنجان ئوسمان ئەركزات
– ھەي ئاداش، ئارسلانبەگ نومۇر ئورۇندىمامدىكەن؟
– ئورۇندايدىكەن، ناخشا، لەپەر ئورۇندىغاندىن سىرت جېكسوننىڭ ئۇسسۇلىنىمۇ ئوينايدىكەن دېگىنە.
– ئۇنداق بولسا مەن تولۇق كۆرەي.
– ھەي، تېزراق چىقسا بولاتتى...
– ئەنە، ئەنە، چىقتى، قارا، چىقتى...
گۈلدۇراس ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى. مەكتەپ سەھنىسىدە بۇغداي ئۆڭ چىرايىغا خويمۇ ياراشقان بادام دوپپا، كانۋا كۆڭلەك كىيگەن 10 – 11 ياشلاردىكى ئوماققىنا بىر بالا پەيدا بولدى. ئۇ تاماشىبىنلارغا ناھايىتى چاققانلىق بىلەن سالام بېرىپ شوخلۇق بىلەن ‹‹پىررىدە›› بىرنەچچىنى چۆرگىلىۋەتتى – دە ناخشىسىنى باشلىدى. ئەتراپنى تەنتەنە، گۈلدۇراس ئالقىش سادالىرى ۋە ‹‹يارايدۇ›› دېگەن قىقاس – چوقانلار بىر ئالدى.
مەكتەپنىڭ سەنئەت پائالىيەتلىرىدە ئىقتىدارىنى نامايان قىلىپ ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالقىشىقا ئېرىشىۋاتقان، چېھىرلىرىدە مەمنۇنىيەت ئىزنالىرىنى قالدۇرۇپ خەلقىمىزنىڭ ناخشا – ئۇسسۇلىدىن ئىبارەت قىممەتلىك مىراسىغا ۋارىسلىق قەدىمىنى باشلىۋەتكەن بۇ شاكىچىك مەكىت ناھىيەلىك 3 – باشلانغۇچ مەكتەپ 4 – يىللىق 1 – سىنىپنىڭ تۇرمۇش ھەيئىتى، مەكتەپ ئەدەبىيات – سەنئەت كۇرۇژۇكىنىڭ جان كۆيەر پەرۋانىسى، ناھىيەلىك مەدەنىيەت يۇرتى ‹‹دولان چېچەكلىرى›› غۇنچىلار سەنئەت سارىيىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇنىۋېرسال ماھارەتلىك كىچىك ئارتىسى ئارسلانبەگ دولقۇن.
سەنئەتكار ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، ناخشا – ئۇسسۇلغا ئالاھىدە ئىشتىياق باغلىغان ئارسلانبەگ ئانىسى ئايشەمگۈل ھەدىنىڭ يېتەكچىلىكىدە بەش يېشىدىن باشلاپ دولان خەلق ناخشىسى، دولان ئۇسسۇللىرىنى ئۆگىنىشكە باشلىدى. مەكتەپ قوينىغا قەدەم قويغاندىن كېيىن مەكتەپنىڭ سەنئەت كۇرۇژۇكىغا قاتناشتى. دەرسلەرنى ياخشى ئۆگىنىش بىلەن بىرگە مەكتەپ ئۇيۇشتۇرغان ھەر خىل سەنئەت پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ ئىقتىدارىنى نامايان قىلدى. ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى، ناخشا – ئۇسسۇلغا بولغان ئوتتەك قىزغىنلىقى ھەممەيلەننىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشىپ ناھىيەلىك مەدەنىيەت يۇرتى ‹‹دولان چېچەكلىرى›› غۇنچىلار سەنئەت سارىيىنىڭ كىچىك ئارتىسلىقىغا تاللاندى.