باش بەت | ئەترەت خىزمىتى

‹‹يۈرۈشلۈك ئوزۇقلۇق تامىقى›› نىڭ تۈرى كۆپ

  جياڭ شىنيۆ

 

      شەنشى ئۆلكىسى شاڭلو شەھىرى شاڭجۇ رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى پۈتۈن رايوندا ‹‹كىتاب، مۇزىكا، قائىدە، خەت، قانۇن، پەزىلەت›› مەزمۇن قىلىنغان ئەخلاق تەربىيەسى قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرۇپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن مول ‹‹ئوزۇقلۇق يۈرۈشلۈك تامىقى›› بىلەن تەمىنلىدى.

      كىتاب ئارقىلىق ئادەم تەسىرلەندۈرۈش. ‹‹ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلار بىللە كىتاب ئوقۇش›› پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ھەرقايسى مەكتەپلەر پىيونېرلارغا بىر قىسىم نادىر ئەسەرلەرنى تونۇشتۇرۇپ ھەم ‹‹قەلب ئالماشتۇرۇش پونكىتى›› تەسىس قىلىپ، ‹‹كىتاب ئوقۇش تەسىراتى ئالماشتۇرۇش يىغىنى›› ئېچىپ، ‹‹مۇنەۋۋەر كىتاب ئوقۇش خاتىرىسىنى كۆرگەزمە قىلىپ باھالاش›› ئارقىلىق پىيونېرلارنى كىتاب ئوقۇشقا، ياخشى كىتابلارنى ئوقۇشقا، كىتابنى جانلىق ئوقۇشقا، ئۆگىنىشنى قىزغىن سۆيىدىغان، ئۆگىنىشكە ماھىر، مەڭگۈ ئۆگىنىدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلىدى. مۇزىكا ئارقىلىق خۇشال كەيپىيات پەيدا قىلىش. ھەرقايسى مەكتەپلەر بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر بالىلار قوشاقلىرى ۋە نادىر مۇزىكىلارنى تاللاپ ھەر كۈ نى دەرس ئارىلىقىدا قويۇپ بەردى، پىيونېرلار مۇنەۋۋەر بالىلار قوشاقلىرى ۋە نادىر مۇزىكىلاردىن ھۇزۇرلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا دوراپ ئېيتىشنى ئۆگەندى، مۇزىكىنىڭ كۈچى ئۇلارغا بىلىندۈرمەي تەسىر كۈرسىتىپ پىيونېرلاردا ئاكتىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ساغلام روھىي ھالەت شەكىللەندى.

      قائىدە ئارقىلىق تەربىيەلەش. مەكتەپلەر مەدەنىي قائىدە – يوسۇن تەربىيەسىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردى. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىپ باشچىلىق قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، پىيونېرلارغا تىك مېڭىش، ئىجتىمائىي ئالاقە، تىل ئالاقىسى، سىرتقى كۆرۈنۈش قاتارلىق تەربىيەلەرنى ئېلىپ بېرىپ، مەدەنىي قائىدە – يوسۇن ساۋاتى ئەخلاق – پەزىلەتكە، ئاڭلىق ھەرىكەتكە ئايلاندى.

     خەت ئارقىلىق تەربىيەلەش. خەنزۇچە خەتنى ئۆلچەملىك يېزىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇردى. قەرەللىك ھالدا ئوقۇتقۇچىلار ‹‹ئۈچ خەت مۇسابىقىسى›› ئۆتكۈزۈپ، دەرس تەييارلاش ۋە دەرسخانىدا دەرس ئۆتۈش خەت يېزىشنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ، پىيونېرلارنى ھەر كۈنى بىر باغاقچە يېزىشنى مەشىق قىلىشقا تەشكىللەپ، ئۇلارنى خەت يېزىشنىڭ ئاساسىي ئۇسۇلى ۋە ماھارىتىنى ئىگىلىۋېلىشقا يېتەكلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇلاردا مۇلايىم كەيپىيات، ياخشى ئادەت ۋە قەيسەر ئىرادە يېتىلدۈردى.

      قانۇن ئارقىلىق ئۇلنى چىڭداش. ‹‹قانۇنىي تۈزۈم بىخەتەرلىكى›› پائالىيىتىنى مەكتەپتە زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، قەرەللىك ھالدا قانۇن تۈزۈم لېكسىيەسى ئۆتكۈزۈپ، ھەر خىل قانۇن تۈزۈم تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق پىيونېرلارنى قانۇننى ئۆگىنىش، قانۇننى بىلىش، قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان كىچىك پۇقرالاردىن بولۇشقا يېتەكلىدى.

      ئەخلاق بىلەن تەربىيەلەش. ئوخشاش بولمىغان باسقۇچتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۇرى ۋە پىسخىكا ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئىشەنچ، مىننەتدارلىق، مۇستەقىل، سەمىمىي بولۇش قاتارلىق تەرەپلەردىن دېكلاماتسىيە قىلىش، نۇتۇق سۆزلەش، زېھىن سىناش مۇسابىقىسى، پىدائىي مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق ھەر خىل پائالىيەت ھەم دەرسخانىدىكى ئەخلاق تەربىيەسى قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق پىيونېرلارغا توغرا كىشىلىك قاراش، دۇنيا قاراشنى ئۈزلۈكسىز سىڭدۈردى.

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: قەلبىنۇر