باش بەت | ئاتا – ئانامغا خەت

ئەگەر دۇنيادا دادام بولمىسا. . .

ۋاڭ جىياچى

      ئەگەر دۇنيادا دادام بولمىسا مەكتەپتىن كېلىپ ئۆيگە كىرگەندە تاماكىنىڭ قاڭسىق پۇرىقىنى پۇرىمىغان، ئىمتىھاندا تۆۋەن نۇمۇر ئالسام ئاپامنىڭ تەنقىدىنى ئاڭلاپلا دادامنىڭ سۈپۈرگە بىلەن ئۇرۇشىدىن ئەنسىرىمىگەن بولاتتىم.

      ئەگەر دۇنيادا دادام بولمىسا كەچقۇرۇن تېلۋىزور كۆرگەندە ھېچكىم مەندىن قانال تالاشمىغان، ئاپام بىلەن ئىككىمىز ئۆزىمىز قىزىقمايدىغان تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىنى كۆرمىگەن بولاتتۇق؛ يالغۇز ئۇخلىماي ئاپام بىلەن ئۇخلىغان بولاتتىم. ئالۋاستى، جىن – شاياتۇنلارمۇ چۈشۈمگە كىرمەيتتى.

      مۇبادا دۇنيادا ھەقىقەتەن دادام بولمىسا ئاپام بىلەن ئىككىمىز جاپا تارتقان بولاتتۇق. ئۇن، گۈرۈچ، گاز تۇڭىنى بىزنىڭ ئاچىقىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ؛ دادام بولمىسا ئاپامنىڭ ئازغىنە مۇئاشىغا قانداقمۇ بېلىق قاتارلىق دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى يېيەلەيمىز؟ دادام بولمىسا دەم ئېلىش كۈنى كىم مېنى باغچىغا ئاپىرىدۇ، كىم ھامبروگ بولكىسى، مۇسابىقە ماشىنىسى ئېلىپ بېرىدۇ؟

      ھەي، ئەسلىدە دۇنيادا ئاپىلا ياخشى ئەمەسكەن. دادا بولمىسا بىز بەخىتلىك تۇرمۇش كەچۈرەلمەيدىكەنمىز.

     

مەنبە: ماتېرىيالدىن تەھرىر: قەلبىنۇر