باش بەت | ئۈلگىلەر يېتەكلەيدۇ

ئۆسمۈر چولپان نۇربىيە

      سەبىي قەلبىنى غايە بىلەن نۇرلاندۇرۇپ، كەلگۈسىنىڭ ياراملىق قۇرغۇچىسى بولۇشتىن ئىبارەت مۇقەددەس ئارزۇ ۋە پارلاق ئىستىقبال يولىدا جاپاغا چىداپ تىرىشىپ ئۆگەنگەن ئۆسمۈرلەر ھامان نەتىجە ۋە شەرەپلەرگە پۈركىنىدۇ، ساۋاقداشلارنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسىگە ئايلىنالايدۇ. قاغىلىق ناھىيەلىك 4 – باشلانغۇچ مەكتەپ (خەنزۇ) 5 – يىللىق 4 – سىنىپ ئوقۇغۇچىسى، ‹‹قىزىل گالىستۇكلۇقلار›› كىچىك ئەترىتىنىڭ ھەيئىتى نۇربىيە مەمتىمىن تىرىشچانلىقى بىلەن ساۋاقداشلىرىغا ياخشى ئۈلگە تىكلەپ بەرگەن، شەھەر، ناھىيە، ۋىلايەت ۋە ئاپتونوم رايون بويىچە كۆپ قېتىم تەقدىرلىنىپ ‹‹ئۆسمۈر چولپان›› دەپ تەرىپلىنىپ كېلىۋاتقان ئۈلگىلىك ئۆسمۈرلەرنىڭ بىرى.

      نۇربىيە كىچىكىدىن ئوقۇشقا ھېرىسمەن بولۇپ مەكتەپكە كىرىشتىن ئىلگىرىلا ئاتا – ئانىسىنىڭ ياردىمىدە ساۋاتىنى چىقىرىۋالدى. مەكتەپ يېشىغا توشقاندا ئازۇسى بويىچە خەنزۇ مەكتەپكە ئوقۇشقا كىردى. ئاتا – ئانىسى ئۇنىڭ خەنزۇ تىلىدا يېتىشەلمەي قېلىشىدىن ئەنسىرىگەن بولسىمۇ نۇربىيە مەكتەپ قوينىغا قەدەم قويغان تۈنجى كۈنىدىن باشلاپ ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ تىرىشىپ ئۆگەندى، خەنزۇ تىلى ئۆگىنىشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ ھەر كۈنى بىر سائەت خام خەت ئۆگەندى، تېكىستلەرنى ئۈنلۈك ئوقۇدى، يادلىدى، خەنزۇچە ناخشا، ھېكايە – قوشاقلارنى ئاڭلىدى، خەنزۇ ساۋاقداشلىرى بىلەن دوستلۇق ئورنىتىپ ئۇلارنىڭ ياردىمىدە خەنزۇ تىلى تەلەپپۇزىنى توغرىلىدى، دەرسخانىدا ئەستايىدىل دەرس ئاڭلاپ تاپشۇرۇقلارنى مۇستەقىل ئىشلىدى، چۈشىنەلمىگەن جايلىرىنى ئوقۇتقۇچىلىرىدىن سورىدى، نەتىجىدە ئۇ خەنزۇ تىلىدا ناھايىتى تېز ئىلگىرىلەپ ئاتا – ئانىسىنى غەم – ئەندىشىدىن خالاس قىلدى، ئوقۇتقۇچى – ساۋاقداشلىرىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.

    سۈرەتتە: نۇربىيە (ئوڭدىن 2 – ئوقۇغۇچى) ئۇسسۇل مەشىق قىلماقتا.

  نۇربىيە ئاتا – ئانىسىنىڭ ‹‹ئوماق قىزىم، ئىستىقبالىڭ ئۈچۈن جەزمەن ئۆسمۈرلۈك ۋاقتىڭدىن باشلاپ ۋاقتىڭنى چىڭ تۇتۇپ تىرىشىپ ئۆگىنىڭ، ساۋاقداشلىرىڭىز بىلەن ئىناق ئۆتۈڭ، ئۇلارغا چامىڭىزنىڭ يېتىشىچە ياردەم قىلىڭ›› دېگەن سەمىمىي نەسىھەتىنى بىر مىنۇتمۇ ئېسىدىن چىقىرىپ قويمىدى. ۋاقتىنى مەۋسۈملۈك پىلان جەدىۋىلى بويىچە مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇردى. دەرسلەرنى ئۆز ۋاقتىدا ئۆزلەشتۈرۈپ ماڭدى، دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدا تىل ئۆگىنىپ، گۈزەل سەنئەت كۇرسلىرىغا قاتنىشىپ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۆستۈردى.

      قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان ساۋاقداشلارغا ياردەم بېرىش نۇربىيەنىڭ ئېسىل پەزىلىتى. ئۇ مەكتەپ قوينىغا كىرگەندىن بۇيان دەرستە ئارقىدا قالغان 13 نەپەر ئۇيغۇر، خەنزۇ ساۋاقداشنى ئىزچىل يېتەكلىدى. ئەتىگەندە يېرىم سائەت بۇرۇن كېلىپ سىنىپ ۋە مەيدان تازىلىقىغا ياردەم بەردى. جىمغۇر، چۈشكۈن ساۋاقداشلىرى بىلەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن دوستلۇق ئورنىتىپ ئۇلارنى ئىرادىلىك بولۇشقا رىغبەتلەندۈردى. يىغقان 230 يۈەنگە 20 ساۋاقدىشىغا ئوقۇش ماتېرىيال ئېلىپ بەردى. چوڭلارنى ھۆرمەتلەش، كىچىكلەرنى ئىززەتلەشنى ئادەتكە ئايلاندۇردى.

      نۇربىيە ‹‹ئۈچتە ياخشى›› ئوقۇغۇچى، ‹‹ئەلاچى ئوقۇغۇچى››، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈلگىسى››، ‹‹›قوش تىل‹دا نۇتۇق سۆزلەش ماھىرى››، ‹‹كىچىك سەنئەتچى›› قاتارلىق ناملار بىلەن مەكتەپ بويىچە 19 قېتىم تەقدىرلەندى. ئۇ 2006 – يىلى ۋىلايەت بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ سەنئەت نومۇرىنى ئورۇنداش مۇسابىقىسىدە ‹‹گۈلباغ›› ناملىق لەپەرنى ئورۇنداپ ئالاھىدە مۇكاپاتقا، 2010 – يىلى 5 – ئايدا ‹‹ئوماق قىزىم›› ناملىق لەپەرنى ئورۇنداپ 2 – دەرىجىگە، بۇ يىل ‹‹ئىتتىپاقلىق ياشىسۇن›› ناملىق لەپەرنى ئورۇنداپ 3 – دەرىجىگە، ئاپتونوم رايون بويىچە ئۆتكۈزگەن ‹‹ئىناق ئائىلە، گۈزەل ھايات›› تېمىسىدىكى ئائىلىلەر ماھارەت كۆرسىتىش كۆرىكىدە 3 – دەرىجىگە ئېرىشىپ تەقدىرلەندى.

 

سىدىق تۇردى، ئېزىزجان زىيادىن، پاتىگۈل سابىرلار خەۋىرى، فوتوسى 

مەنبە: ئۆسمۈرلەر تورى تەھرىر: ئاينۇر