باش بەت | ئەترەت كادىرلىرى مەكتىپى

كىچىك ئەترەت باشلىقى ئوتتۇرا ئەترەت باشلىقىغا خىزمەتلەرنى قانداق دوكلات قىلىشى كېرەك

      كىچىك ئەترەت باشلىقى ئوتتۇرا ئەترەت باشلىقىغا ئىشلىگەن خىزمەتلىرىنى دوكلات قىلىدۇ. بىر قىسىم كىچىك ئەترەت باشلىقى بەزى چاغلاردا ئىشلىگەن خىزمىتىنى ئەتراپلىق دوكلات قىلالمايدۇ، ئۇلار گەرچە دوكلات بېرىشتىن ئىلگىرى ياخشى تەييارلىق قىلغان بولسىمۇ، دوكلات قىلغاندا نېمە دېيىشىنى بىلەلمەيدۇ، ھەتتا ئۆزىنى كارغا كەلمەيدىغاندەك ھېس قىلىپ بەكمۇ بىئارام بولىدۇ. شۇڭا، كىچىك ئەترەت باشلىقلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئەترەت باشلىقلىرىغا خىزمەتلەرنى دوكلات قىلشتا ياردىمى بولۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى سۇندۇق.

      بىرىنچى، كىچىك ئەترەت باشلقى ئوتتۇرا ئەترەت باشلىقىغا مۇنداق ئۈچ خىل ئەھۋالدا خىزمەتلەرنى دوكلات قىلىدۇ. 1. ئوتتۇرا ئەترەت باشلىقلىرى يىغىنلىرىدا كىچىك ئەترەت باشلىقلىرى بىرلەشمە يىغىنلىرىدا كىچىك ئەترەت باشلىقلىرىدا ئىشلىگەن كىچىك ئەترەت خىزمىتى ۋە پائالىيەتلىرى توغرىسىدا دوكلات بېرىش؛ 2. تەشەببۇسكارلىق بىلەن دوكلات قىلىش. بۇ كىچىك ئەترەتتە قانداق پائالىيەت ئېلىپ بېرىشتىن قەتئىينەزەر پائالىيەت ئاياغلاشقاندىن كېيىن شۇ كىچىك ئەترەتنى باشقۇرىدىغان ئوتتۇرا ئەترەتكە دوكلات قىلىش دېگەنلىك. مەسلەن، سەنئەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن بولسا سەنئەت ھەيئىتىگە دوكلات قىلىش كېرەك. دوكلات قىلىدىغان مەزمۇنلار ئاساسىي پائالىيەتنىڭ شەكلى، مەزمۇنى، تەسىراتى ۋە كۆپچىلىكنىڭ ئىنكاسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 3. پاسسىپ ھالدا دوكلات قىلىش. ئوتتۇرا ھەيئەت ئەزالىرىنىڭ كىچىك ئەترەت ئەزالىرىغا مەلۇم بىر پەن ياكى تۈز جەھەتتىكى پائالىيەت ۋە خىزمەتلەرنى دوكلات قىلىشنى تاپشۇرۇش كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالغا دۇچ كەلگەندە ئىلگىرى قانداق خىزمەتلەرنى ئىشلىگەنلىكىنى ئەسلەپ خاتىرلىۋېلىش لازىم. پەقەت تەييارلىق پۇختا بولسىلا ئېنىق ھەم چۈشىنىشلىك دوكلات بەرگىلى بولىدۇ. ئىشلەنگەن خىزمەتلەرنى رەتلىك ۋە تەرتىپلىك دوكلات قىلىش ئۈچۈن تېزىسنى ئاددىيراق يازسىمۇ بولىدۇ. چۈنكى، دوكلات تېزىسى ئۆزىمىز ئۈچۈن تەييارلانغان بولغاچقا مەزمۇنىنى داۋاملىق تۇلۇقلۇۋالغىلى بولىدۇ. پەقەت دوكلات بەرمەكچى بولغانلار ئۆزلىرى چۈشىنىۋالسىلا بولىدۇ.

      ئىككىنچى، دوكلاتنىڭ مەزمۇنى ئەمەلىي بولۇشى لازىم. نېمى ئىش بولغان بولسا شۇنى سۆزلەش، ھەرگىزمۇ قىلمىغان ئىشلارنى قوشۇۋالماسلىق لازىم. ئەڭ ياخشىسى ۋاقىت، ئورۇن ئادەم ئېنىق بولۇشى، يەنە كىچىك ئەترەتلەرنىڭ قانداق خىزمەتلەرنى ئىشلىگەنلىكىنى ۋە قانداق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلىكىنى كونكرېت سان بىلەن ئېنىق چۈشەندۈرۈش لازىم. پىلانلانغان، ئەمما تېخىى قىلمىغان ئىشلارنى دوكلات قىلماسلىق لازىم. نەتىجىلەرنى ئەتراپلىق دوكلات قىلغاندىن سىرت، ساقلانغان مەسىلىلەر ۋە سەۋەنلىكلەرنىمۇ قالدۇرماي دوكلات قىلىش لازىم. ئوتتۇرا ئەترەت ھەيئىتى كىچىك ئەترەتلەرنىڭ ھەقىقىي ۋە ئۇمۇمىي ئەھۋاللىرىنى ئىگىلىگەندىلا بۇندىن كېيىنكى خىزمەتلەرنى توغرا ئورۇنلاشتۇرالايدۇ.

      ئۈچىنچى، ئادەتتە ئىشلەنگەن خىزمەتلەرنى ۋە ئۆتكۈزگەن كىچىك ئەترەت پائالىيەتلىرىنىڭ ئەھۋالىنى خاتىرىلەپ قويۇش لازىم. بىر – ئىككى ھەپتىدە بىر قېتىم خۇلاسە چىقىرىپ قايسى خىزمەتلەر ياخشى ئىشلەندى، قايسى خىزمەتلەر ياخشى ئىشلەنمىدى دېگەنلەرنى ۋاقتى – ۋاقتىدا رەتلەپ تۇرۇش ۋە خۇلاسىلەپ تۇرۇش لازىم.

      تۆتىنچى، ۋاقىت يار بەرگەن ئەھۋالدا كىچىك ئەترەت خىزمىتىنى دوكلات قىلىشتىن ئىلگىرى ئەڭ ياخشىسى پىيونېرلاردىن پىكىر ئېلىپ، ئۇلارنىڭ ھېسسىياتىنى بىلىش لازىم. بۇنداق بولغاندا دوكلاتنىڭ مەزمۇنى تېخىمۇ ئەمەلىي ۋە جانلىق بولىدۇ.

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: قەلبىنۇر