باش بەت | كائىنات سىرلىرى

قۇياش سىستېمىسى

   

سەييارىلەرنىڭ ھەرىكىتى

      ھازىرغىچە قۇياش سىستېمىسىدا توققۇز سەييارە بايقالدى. ئۇلار بولسا مېركۇرىي، ۋېنېرا، يەر شارى، مارس، يۇپىتېر، ساتورن، ئۇران، نېپتۇن، پلۇتونلاردىن ئىبارەت. بۇ سەييارىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ ئوربىتىسىنى بويلاپ قۇياش ئەتراپىدا ئايلىنىدۇ.

 

قۇياشنىڭ تارتىش كۈچى

      قۇياش قۇياش سىستېمىسىدىكى بىردىنبىر يۇلتۇز، ئۇنىڭ ھەجىمى بىلەن ماسسىسى قۇياش سىستېمىسى بويىچە ھەممىدىن چوڭ، قۇياش كۈچلۈك تارتىش كۈچىگە ئىگە بولۇپ، قۇياش سىستېمىسىدىكى ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئەتراپىدا ئايلاندۇرىدۇ.

 

قۇياش سىستېمىسىنىڭ بايقىلىشى

      يىراق قەدىمكى زامانلاردا مېركۇرىي، ۋېنېرا، مارس، يۇپىتېر ۋە ساتورندىن ئىبارەت بەش سەييارە بايقالغان. ئەينى زاماندا كىشىلەر يەر شارىنى ئالەمنىڭ مەركىزى دەپ قارىغان. 16 – ئەسىرگە كەلگەندە، پولشا ئاسترونومى كوپېرنىك يەر شارى قۇياش ئەتراپىدا ئايلىنىدىغان سەييارە دېگەننى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇنىڭدىن ئىبارەت، كىشىلەر قۇياش سىستېمىسىنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى بىلىشكە باشلىغان.

   قۇياش ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئايلىنىۋاتقان ئاسمان جىسىملىرى بىرلىكتە قۇياش سىستېمىسى چوڭ ئائىلىسىنى تەشكىل قىلغان. بۇ چوڭ ئائىلىدە قۇياشتىن باشقا يەنە سەييارىلەر، سەييارىلەرنىڭ ھەمراھلىرى، كىچىك سەييارىلەر، كومېتىلار ۋە بەزى يۇلتۇزلار ئارا ماددىلار بار.

 

 قۇياش سىستېمىسىنىڭ شەكىللىنىشى

      نۇرغۇنلىغان ئالىملارنىڭ قارىچە، ئەڭ دەسلەپتە ئالەمدە گازلار ۋە چاڭ – توزانلاردىن تەشكىل تاپقان چوڭ تۇمانلىق بولغان. كېيىنچە، ماددىلار تەدرىجىي مەركەزگە قاراپ يىغىلىپ بارغان، مەركىزى بارغانسېرى ئىسسىپ، ئەڭ ئاخىرى قۇياش ھاسىل بولغان، قېپقالغان پارچە ماددىلاردىن سەييارىلەر شەكىللىنىپ، قۇياش ئەتراپىنى چۆرىدەپ ئايلانغان؛ تېخىمۇ كىچىك پارچە ماددىلاردىن كىچىك سەييارىلەر ۋە كومېتىلار ھاسىل بولغان. تەخمىنەن بۇنىڭدىن 5 مىليارد يىلنىڭ ئالدىدا، قۇياش سىستېمىسى شەكىللىنىشكە باشلىغان.

 

‹‹سەييارىلەرنىڭ تىزىقى›› دېگەن نېمە

      قۇياش سىستېمىسىدىكى سەييارىلەر ھەرىكەت قىلىپ قۇياشنىڭ ئوخشاش بىر يېنىغا ئۆتكەندە، ئەگەر ئۇلار بىر يەلپۈگۈچسىمان رايوندا بولسا، يەر شارىدىن ئاددىي كۆزىمىز بىلەن قارىساق، سەييارىلەر خۇددى بىر تال تۈز سىزىقتا تۇرغاندەك كۆرىنىدۇ. كىشىلەر بۇ خىل ئاسترونومىيىلىك ھادىسىنى ‹‹سەييارىلەر تىزىقى›› دەپ ئاتىغان.

 

مەنبە: جۇڭگو بالىلار قامۇسى تەھرىر: ئاينۇر