باش بەت | ئاتا – ئانامغا خەت

ئاپا، تېزرەك قايتىپ كېلىڭ

رەنائاي جاپپار

      دادام بۇغداي ئۆڭ، بىر جۈپ قارا كۆزى خۇمارلىشىپ تۇرىدىغان ئادەم. ئۇ ھازىر كۈندە ھاراق ئىچمىسە تۇرالمايدىغان بولۇپ قالدى. مەن نەچچە قېتىم دادامدىن بۇ ئادەتنى ئۆزگەرتىشنى ئۆتۈندۈم. لېكىن، ئۇ بۇرۇنقىدەكلا ھاراق ئېچىپ، ئەلەڭ – سەلەڭ يۈرۈۋەردى. بىچارە ئاپام ئۆينىڭ ئېغىر – يېنىڭ ئىشلىرىنى قىلاتتى، تاماق ئېتەتتى، كىر – قاتلىرىمىزنى يۇياتتى. بۈگۈن دادام يەنە ھاراق ئىچىپ كىرىپ ئاپام بىلەن سوقۇشتى. بۇ ئىش تەكرارلىنىۋەرگەچكە ئاپام مومامنىڭ ئۆيىگە يامانلاپ كەتتى.

      ئاپام كېتىپ ئۆي ئىشلىرى ماڭا قالدى. چارچاپ ھالىمدىن كەتكەندە ئاپامنى ئەسلەپ كۆڭلۈم بەك يېرىم بولدى. ئاپا، تېزرەك قايتىپ كېلىڭ، شۇ تاپتا مەن ئىللىق ئائىلىگە، ئاتا – ئانا مېھرىگە نەقەدەر مۇھتاج!

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: قەلبىنۇر