باش بەت | پەزىلەت گۈلىستانى

باشقىلارنى ھۆرمەتلەشنى ئۆگىنىڭ

       بىر كۈنى بىر ئايال ئوغلىنى يېتىلەپ بىر داڭلىق گۇرۇھنىڭ خىزمەت بىناسى ئالدىدىكى گۈللۈكتىكى ئۇزۇن ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇرۇپتۇ.

      قارىماققا بۇ ئايال ئوغلىدىن قاتتىق رەنجىگەندەك كۆرۈنۈپتۇ ھەم ئوغلىغا بىر نېمىلەرنى دەپتۇ. ئۇلاردىن ئانچە يىراق بولمىغان يەردە ئاپپاق چاچلىق بىر بوۋاي گۈللۈكتىكى چىتلاقلارنى تەكشىلەۋاتقان ئىكەن.

      تۇيۇقسىزلا ھېلىقى ئايال سومكىسىدىن تازىلىق قەغىزىنى چىقىرىپ ئېتىپتۇ، بۇ تازىلىق قەغىزى دەل بوۋاي تەكشىلەپ قويغان چىتلاقنىڭ ئىچىگە چۈشۈپتۇ. بوۋاي ھەيرانلىق بىلەن بۇ ئايالغا قاراپ قويۇپتۇ، بۇ ئايالمۇ ھېچ ئىش بولمىغاندەك بوۋايغا قاراپ قويۇپتۇ. بوۋاي ھېچنېمە دېمەستىن بېرىپ قەغەزنى تېرىپ ئەخلەت چېلىكىگە تاشلىۋېتىپ ئۆزىنىڭ ئىشىنى داۋاملاشتۇرۇۋېرىپتۇ. بىراق كىم بىلسۇن بىردەمدىن كېيىن بۇ ئايال سومكىسىدىن يەنە بىر ئورام تازىلىق قەغىزىنى چىقىرىپ چىتلاققا قارىتىپ ئېتىپتۇ. بالىسى ھەيرانلىق بىلەن: ‹‹ئانا، نېمە قىلىۋاتىسىز؟›› دەپ سوراپتۇ. ئايال بۇنىڭغا جاۋاب بەرمەپتۇ ۋە ئوغلىغا گەپ قىلماسلىققا ئىشارەت قىپتۇ. بۇ قېتىممۇ بوۋاي ھېچنېمە دېمەي قەغەزنى تېرىپ ئەخلەت چېلىكىگە تاشلىۋېتىپ يەنە ئۆزىنىڭ ئىشىنى داۋاملاشتۇرۇۋېتىپتۇ. بىراق يەنە ئۇزاق ئۆتمەيلا ھېلىقى ئايال سومكىسىدىن يەنە قەغەز چىقىرىپ چىتلاققا قارىتىپ ئېتىپتۇ.

      بوۋاي كەينى – كەينىدىن ئالتە قېتىم قەغەزنى تېرىپ ئەخلەت چېلىكىگە تاشلاپتۇ.

      بىر ئازدىن كېيىن ھېلىقى ئايال ئوغلىغا: ‹‹ئەگەر سەن ھازىر تىرىشىپ ئوقۇمىساڭ، كەلگۈسىدە بۇ قېرىغا ئوخشاش پەقەت مۇشۇنداق ناچار خىزمەتلەرنى قىلىپ جېنىڭنى ئاران بېقىشىڭ مۇمكىن›› دەپتۇ.

      بۇ ئايالنىڭ گېپىنى بوۋاي ئاڭلاپ قاپتۇ. ئۇ ئايالغا: ‹‹خانىم بۇ يەر شەخسىي گۈللۈك، بەلگىلىمە بويىچە بۇ گۈللۈككە پەقەت بىزنىڭ گوروھىمىزنىڭلا خىزمەتچىلىرى كىرەلەيدۇ›› دەپتۇ.

      ئايال: ‹‹ئەلۋەتتە، مەن دېگەن مۇشۇ گۇرۇھ قارمىقىدىكى بىر شىركەت بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، مەن مۇشۇ بىنادا ئىشلەيمەن›› دەپتۇ ھەم خىزمەت كىنىشكىسىنى چىقىرىپ بوۋايغا كۆز – كۆز قىپتۇ.

      بوۋاي بىردەم ئويلانغاندىن كېيىن: ‹‹مەن سىزنىڭ يانفونىڭىزنى ئارىيەتكە ئالسام بولامدۇ؟›› دەپ سوراپتۇ ئايالدىن.

      ئايال ناھايىتى نارازى ھالدا يانفونىنى بوۋايغا بېرىپتۇ. بوۋاي بىر نومۇرغا تېلېفون ئۇرۇپ قىسقىغىنە نەچچە ئېغىز سۆز قىپلا يانفوننى ھېلىقى ئايالغا قايتۇرۇپ بېرىپتۇ. ھېلىقى ئايال يەنە پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئوغلىغا: ‹‹بۇ نامرات قېرىنى كۆردۈڭمۇ؟ شۇنچە ياشقا كىرىپمۇ يانفون ئالغۇدەكمۇ پۇلى يوقكەن، شۇڭا چوقۇم تىرىشىپ ئوقۇ››.

      دەل شۇ چاغدا ھېلىقى ئايال ئۆزى ئىشلەۋاتقان گۇرۇھنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى بۆلۈمى مەسئۇلىنىڭ ناھايىتى ئالدىراشچانلىق بىلەن بوۋاي تەرەپكە قاراپ يۈگۈرۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ. بوۋاي مەسئۇل خادىمغا ھېلىقى ئايالنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: ‹‹مەن ھازىر بۇ ئايالانى بىزنىڭ گۇرۇھىمىزدىكى خىزمىتىدىن بىكار قىلىش تەكلىپىنى بېرىمەن!›› دەپتۇ. ‹‹بولىدۇ، باش دېرىكتور، مەن سىزنىڭ دېگىنىڭىز بويىچە ئورۇنلاشتۇرىمەن›› دەپتۇ مەسئۇل خادىم.

      بوۋاي مەسئۇل خادىمغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ھېلىقى ئايال بىلەن ئوغلىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئوغۇل بالىنىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ: ‹‹ئوغلۇم، گەرچە سېنىڭ ئۆگىنىشكە تېگىشلىك نەرسىلىرىڭ شۇنچە كۆپ بولسىمۇ، بىراق سېنىڭ ئەڭ ئالدى بىلەن باشقىلارنى ھۆرمەتلەشنى ئۆگىنىۋېلىشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن. سەن باشقىلارنى ھۆرمەتلەشنىڭ نېمىلىكىنى ھەقىقىي چۈشەنگەن ۋە ئۆگىنىۋالغان چېغىڭدا، ئاندىن ئاناڭ بىلەن كېلىپ مېنى ئىزدىگىن›› دەپتۇ ۋە ئىشىنى داۋاملاشتۇرۇۋېرىپتۇ.

       ھېكمەت: ھۆرمەتلەش ئۆزئار بولىدۇ، باشقىلارنى ھۆرمەتلىگەنلىكىڭىز ئۆزىڭىزنى ھۆرمەتلىگەنلىكىڭىزدۇر.

 

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر