باش بەت | يېزىقچىلىق يېتەكچىسى

ماتېرىيال تاللاش ماھارىتى

      ساۋاقداش، سىز ماتېرىيالنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسىز؟ ماتېرىيال دېگىنىمىز، بىز ماقالە يېزىشتا ئىشلىتىدىغان ئىش – ھەرىكەتلەر، ۋەقە، كۆرۈنۈشلەر ۋە گەپ – سۆزلەردىن ئىبارەت.

     بىز يۇقىرىدا تونۇشۇپ ئۆتكەن باش تېما دەل مانا مۇشۇ ماتېرىيال ئارقىلىق ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ. ماتېرىيال بولمىسا باش تېمىنى ئىپادىلەش ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا باش تېمىنى ماقالىنىڭ ‹‹جېنى››غا ئوخشاتساق، ماتېرىيالنى ماقالىنىڭ ‹‹ئوزۇقى››غا ئوخشىتىمىز. ھەرقانداق بىر ئۇستا ئاشپەزمۇ گۈرۈچ بولمىسا پولۇ ئېتەلمىگەنگە ئوخشاش، ھەرقانداق داڭلىق يازغۇچىمۇ ماتېرىيال بولمىسا ماقالە – ئەسەر يازالمايدۇ. ماتېرىيال ئىزدەپ تاپقىلى ۋە كۆرگىلى بولمايدىغان نەرسە ئەمەس، بەلكى ئۇ ھەرقاچان كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان، ئەتراپىمىزدا داۋاملىق بار بولغان ئەمەلىي ھەم زۆرۈر بولغىنى ئاشۇ ماتېرىياللارنى بايقاش، كۆرۈش ۋە تاللاشتىن ئىبارەت.

   

مەنبە: ‹‹ماقالە يېزىش يېتەكچىسى››دىن تەھرىر: ئاينۇر