باش بەت | سەيلىگاھلار

قاناس سەيلىگاھى قىشلىق تەنھەرىكەت تۈرلىرىمىزگە ‹‹ماركا›› بولدى

     

  2009- 05- 24 12:11 شىنجاڭ گېزىتى

 

      تۇرسۇنجان ھامۇت خەۋىرى : قاناس مەملىكەت ئىچى – سىرتىغا داڭلىق سەيلىگاھ بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەڭ داڭلىق ساياھەت ماركىسى. بۇ ‹‹ساياھەت ماركىسى›› ئەمدى بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىلدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قىشلىق تەنھەرىكەت تۈرلىرىگىمۇ ‹‹ماركا›› بولىدۇ. قاناس مەنزىرە رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتى 18 – ماي ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى بىلەن كېلىشىمنامە ئىمزالاپ، شىنجاڭ تېز سۈرئەتتە مۇز تېيىلىش كوماندىسى بىلەن شىنجاڭ چاڭغا تېيىلىش كوماندىسىنىڭ 2014 – يىلىغىچە بولغان نام ھوقۇقىنى يىلىغا 260 مىڭ يۈەنگە سېتىۋالدى.

      بۇ قېتىم قاناس مەنزىرە رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتى شىنجاڭ تېز سۈرئەتتە مۇز تېيىلىش كوماندىسى بىلەن شىنجاڭ چاڭغا تېيىلىش كوماندىسىنىڭ مەشق، قاتناش، مۇسابىقىگە قاتنىشىش، مەشق ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىۋېلىش قاتارلىقلارغا يىلىغا 260 مىڭ يۈەن ئاجرىتىپلا قالماي، يىلدا بىر قېتىم چوڭ تىپىتىكى چاڭغا تېيىلىش مۇسابىقىسى ياكى ماھارەت كۆرسىتىش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قىشلىق تەنھەرىكەت تۈرلىرىنىڭ تەسىرىنى كېڭەيتىدىكەن، مەملىكەتلىك مۇسابىقىلەردە ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكەن تەنھەرىكەتچىلەرنى كاتتا مۇكاپاتلايدىكەن، شىنجاڭ تېز سۈرئەتتە مۇز تېيىلىش كوماندىسى بىلەن شىنجاڭ چاڭغا تېيىلىش كوماندىسىىمۇ شىنجاڭ ‹‹قاناس›› كوماندىسى دېگەن نامدا تۈرلۈك مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىدىكەن.

مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى تەھرىر: ئاينۇر