باش بەت | ئاتا – ئانامغا خەت

دادا، ئاپا، سىلەرگە سۆزۈم بار

پەزىلەت ئوبۇلھاشىم

      قەدىرلىك دادا، ئاپا، سىلەرگە بىر نەچچە ئېغىز يۈرەك سۆزۈمنى دېگۈم كېلىۋاتىدۇ. دادا، ئاپا، سىلەر ئۇلۇغلۇق تەختىنىڭ شاھى –سۇلتانى، يۈكسەك ھۆرمەتكە سازاۋەر سۆيۈملۈك كىشىىلىرىم، ئەقىللىق، زېرەك چوڭ بولۇشۇمغا ئاساس سالغۇچىلار. سىلەر مېنى بېقىپ چوڭ قىلغۇچە نۇرغۇن جاپا – مۇشەققەتلەرنى تارتتىڭلار، ياخشى ئوقۇپ بىلىم ئېلىشىمغا، ‹‹ ئۈچتە ياخشى›› بولۇشۇمغا ئەۋزەل شارائىت يارىتىپ بەردىڭلار. ئوقۇتقۇچى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۆگىنىش ئەھۋالىمنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ ھەربىر قەدەمنى ئوقۇشلۇق بېسىشىمغا ياردەم قىلدىڭلار. تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا يولۇققاندا ماڭا مەدەت بەردىڭلار. بۇنىڭ بىلەن ئۆزۈمگە بولغان ئىشەنچىم ھەسسىلەپ ئاشتى. سىلەر بولغاچقا غەمسىز ياشىدىم. لېكىن ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ خۇشال كۈنلىرىمنىڭ ئورنىنى نۇرغۇن كۆڭۈلسىزلىكلەر ئىگىلىدى. سىلەر دائىم ئۇرۇشىدىغان بولۇۋالدىڭلار. بەزىدە مېنىڭ مەكتەپكە بارىدىغانلىقىمنى ئويلاپمۇ قويماي كېچىچە ئۇرۇشۇپ چىقىسىلەر. ئەتىسى ئورنۇمدىن ئاران تۇرۇپ ھارغىن ھالدا مەكتەپكە ماڭىمەن.

      دادا، ئاپا، سىلەر دائىم ئۇرۇشساڭلار مېنىڭ ئۆگىنىش نەتىجەمگە تەسىر يېتىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقتىڭلارمۇ؟ سىلەردىن ئۆتۈنەي، بۇرۇنقىدەك ئىناق – ئىجىل ئۆتۈڭلار، سەبىي دىلىم سىلەرنىڭ خۇش كۈلكەڭلەردىن سۆيۈنسۇن.

(ئاپتور – قەشقەر شەھەرلىك 3 – باشلانغۇچ مەكتەپ 3 – يىللىق 2 – سىنىپتا)

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر