باش بەت | كائىنات سىرلىرى

سۈنئىي ھەمراھ

       سۈنئىي ھەمراھ ھەر ۋاقىت ئالەم بوشلۇقىدىن يەر شارىنى كۆزىتىپ، كۆرگەنلىرىنى بىزگە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ھەر بىرىنىڭ ئۆزىگە خاس ئىقتىدارى بار.

 

سۈنئىي ھەمرا دوختۇرى

      ئالەم بوشلۇقىدىكى سۈنئىي ھەمراھتا مەسىلە چىقسا قانداق قىلىدۇ؟ بۇ ۋاقىتتا، ئالەم ئۇچقۇچىسى ئالەم بوشلۇقىغا چىقىپ، سۈنئىي ھەمراھتا ‹‹دىئاگنۇز›› قويۇپ، كىچىك مەسىلىلەر ئاسماندىلا ھەل قىلىنىدۇ، ئەگەر ‹‹كاشىلا›› ناھايىتى چوڭ بولسا، سۈنئىي ھەمراھنى يەرگە قايتۇرۇپ كېلىپ، رېمونت قىلغاندىن كېيىن، ئۇنى ئاسمانغا قايتا قويۇپ بېرىدۇ.

 

ئالەم ئايروپىلانى

      ئالەم ئايروپىلانى راكېتا ياردەمچى ئىتتەرگۈچ. يېقىلغۇ ياكى ۋە ئوربىتا ئەسۋابىدىن تەشكىل تاپقان. بۇنىڭدا راكېتا ياردەمچى ئىتتەرگۈچ بىلەن ئوربىتا ئەسۋابىنى يەر شارىغا قايتۇرۇپ كېلىپ قايتا ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ئالەم ئايروپىلانىنى راكېتاغا ئوخشاش تىك قويۇپ بېرىپ ئالەم بوشلۇقىغا چىقارغىلى ھەم سۈنئىي ھەمراھدەك ئالەم بوشلۇقىدا ئوربىتىدا ئۇچۇرغىلى، يەنە ئايروپىلاندەك ئاتموسفېرا بوشلۇقىغا كىرگەندە سېيرىلدۈرۈپ ئۇچۇرۇپ قوندۇرغىلى بولىدۇ. 1981 – يىلى ئامېرىكا ‹‹كولۇمبىيە›› ناملىق دۇنيادىكى تۇنجى ئالەم ئايروپىلانىنى قويۇپ باردى.

 

مەنبە: جۇڭگو بالىلار قامۇسى تەھرىر: ئاينۇر