باش بەت | پەزىلەت گۈلىستانى

بەختنىڭ ئۆلچىمى

       بەخت سىزنىڭ ئۆيىڭىزنىڭ قانچىلىك چوڭلۇقى بىلەن ئۆلچەنمەستىن، بەلكى ئۆيىڭىزدىكى كۈلكە ئاۋازىنىڭ قانچىلىك تاتلىقلىقى بىلەن ئۆلچىنىدۇ.

      بەخت سىزنىڭ قانچىلىك ئېسىل ئاپتوموبىل ھەيدىۋالغىنىڭىز بىلەن ئۆلچەنمەستىن، بەلكى ئاپتوموبىلىڭىزنى ھەيدەپ ئۆيىڭىزگە ئامان – ئېسەن قايتىپ بارالىغانلىقىڭىز بىلەن ئۆلچىنىدۇ.

      بەخت سىزنىڭ پەرزەنتلىرىڭىزنىڭ دەرسلەردە قانچىلىك ئەلاچىلىقى بىلەن ئۆلچەنمەستىن، بەلكى ئادەتتىكى كۈنلەردە ۋە ياكى ھېيت – بايراملاردا ئۇلارنىڭ سىزدىن ھال – ئەھۋال سورىشى، سىزگە ھال - مۇڭ بولۇشى بىلەن ئۆلچىنىدۇ.

      بەخت سىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان چېغىڭىزدىكى تەبرىك ئالقىشلىرىنىڭ قانچىلىك كۆپ ئىكەنلىكى بىلەن ئۆلچەنمەستىن، بەلكى ئۆزلۈكۈڭىزنى يوقاتقان چېغىڭىزدا بىراۋنىڭ سىزگە: ‹‹دوستۇم، تۇر ئورنۇڭدىن، مېنىڭ قولۇمنى چىڭ تۇتۇۋالغىن!›› دېيىشى بىلەن ئۆلچىنىدۇ.

      بەخت سىزنىڭ ھەشەمەتلىك، ئالا  – يېشىل چىراغلار ئارىسىدا كۈن ئۆتكۈزۈشىڭىز بىلەن ئۆلچەنمەستىن، بەلكى سىزنىڭ يېرىم كېچىدە ئۆيىڭىزگە قايتقىنىڭىزدا ئازغىنە بولسىمۇ يورۇقى بار بىر چىراغنىڭ سىز ئۈچۈن يېنىپ تۇرۇشى بىلەن ئۆلچىنىدۇ.

      بەخت سىزنىڭ قانچىلىك شېرىن – شېكەر سۆزلەرنى، بۇزۇلماس ۋەدىلەرنى ئاڭلىغانلىقىڭىز بىلەن ئۆلچەنمەستىن، بەلكى سىزنىڭ كۆڭلىڭىز يېرىم بولۇپ ياش تۆككىنىڭىزدە بىر جۈپ قولنىڭ سىزنىڭ مۈرىڭىزنى سىلاپ تۇرۇپ: ‹‹ھېچقىسى يوق، يېنىڭىزدا مەن بار!›› دېيىشى بىلەن ئۆلچىنىدۇ.

      ئەمەلىيەتتە بەخت ئاددىيلىق ئىچىدە بولىدۇ، ئاددىيلىقنىڭ ئۆزىمۇ بىر زور بەخت ھېسابلىنىدۇ.

 

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر