باش بەت | بايراق چىقىرىش مۇراسىمى نۇتقى

خۇشاللىق

      خۇشاللىقنى بايقىيالىسىڭىز ئۇ يېنىڭىزدىلا. ئەگەر سىز ھەقىقىي خۇشاللىققا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز ئاۋۋال خۇشاللىق يارىتىشنى ئۆگىنىۋېلىشىڭىز كېرەك. كۆڭۈللۈك ئىشنىڭ ھەممىسىنى خۇشاللىق دەپ قارسىڭىز تۇرمۇشىڭىزدا خۇشاللىقلار كۆپىيىدۇ. مۇئەللىم بىزگە سىنىپ باشقۇرۇشنى ئېيتسا پەخىرلىنىمىز، مانا بۇ خۇشاللىق؛ ئازراق يېڭى بىلىمگە ئىگە بولۇپ ماھارەت ئىگىلىسەك چېھرىمىزدىن كۈلكە كەتمەيدۇ، مانا بۇ خۇشاللىق؛ بىرەر قىيىن مەسىلىگە يولۇقۇپ ئۇنى تىرىشچانلىقىمىز بىلەن يەڭگىنىمىزنىڭ ئۆزى خۇشاللىق.

      بىر ئۆمۈر خۇشال بولغىلى بولمايدۇ، بىراق بىز خۇشاللىقنى قەدىرلەپ، خۇشاللىق ئېلىپ كەلگەن گۈزەل چاغلارنى قەلبىمىزنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا ساقلايمىز. ئەگەر باشقىلار سىزدىن ‹‹ئەڭ خۇشال بولغان ۋاقتىڭىز قايسى؟›› دەپ سورىسا، سىز ئۆزىڭىزنىڭ شۇ چاغدىكى خۇشاللىقىنى سۆزلەپ باشقىلارنىمۇ خۇشال قىلىسىز.

      خۇشاللىق ئىزدەش كىشلەرنىڭ تەبىئىتى. بىراق، بەزىلەر خۇشاللىقنىلا قوغلىشىپ ئازابتىن قاچىدۇ. بۇنداق قىلسا خۇشاللىققا ئېرىشەلمەيلا قالماستىن ئەكىسچە ئۈستى – ئۈستىلەپ ئازابقا قالىدۇ. ھەقىقىي خۇشاللىققا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز چوقۇم ئاۋۋال ئازابنىڭ تەمىنى تېتىپ بېقىشىڭىز كېرەك. ئازاب، ئوڭۇشسىزلىقلارغا باتۇرلۇق بىلەن جەڭ ئېلان قىلالىغاندىلا ئاندىن ھەقىقىي خۇشال بولغىلى بولىدۇ.

      بىز بىرلىكتە خۇشاللىق يارىتايلى، خۇشاللىقنى قەدىرلەيلى، ئۇنىڭغا ئېرىشەيلى!

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: قەلبىنۇر