باش بەت | ئەترەت پائالىيەتلىرى

يېمەكلىك ئىچىگە يوشۇرۇنغان ‹‹سىر››

      پائالىيەتنىڭ باش تېمىسى:

      يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى بىلىش ، ياخشى ئادەت يېتلدۇرۇپ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىش.

      پائالىيەتنىڭ مەقسىتى : پىيونېرلارنى ئجتىمائىي ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئارقىلىق، يېمەكلىك تازلىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى ئىگىلەشكە يېتەكلەش، يېمەكلىككە يوشۇرۇنغان كىچىك سىرلارنى تېپىپ چىقىپ، ساغلام يېمەكلىكلەرنى تاللاشنى ئۆگىنىۋېلىش، ئۇششاق يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك، كىچىكىدىن باشلاپلا ياخشى يېمەكلىك ئادىتىنى يېتىلدۇرۇش.

      پائالىيەتنىڭ جەريانى:

      بىرىنچى ھالقا پىيونېر ئا: ئۆسمۈر – بالىلار كۈچلۈك بولسا دۆلەتمۇ قۇدرەت تاپىدۇ، بىز كەلگۈسىنىڭ ئۈمىدى.

       پىيونېر ب: بىز ۋەتىنىمىزنىڭ كەلگۈسىنىڭ قۇرغۇچىلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىزدە مول بىلىم بولۇپلا قالماستىن بەلكى يەنە ساغلام بەدەن، كۈچلۈك قۇۋۋەت بولۇشى لازىم.

      پىيونېر ئا: ئەمما ھازىر ھەرخىل ئۇششاق يېمەكلىكلەر ۋە ئۈچ خىل كېنىشكىسى يوق يېمەكلىكلەر ساغلاملىقىمىزغا زىيان يەتكۈزمەكتە.

      پىيونېر ب: ئىلگىرى يۈز بەرگەن سارس ۋىروسى ۋەقەسى، قىزىرىپ قالغان ئۆردەك تۇخۇمى ۋەقەسى، سەنلۇسۈت پاراشوكى كەلتۇرۇپ چىقارغان بىر قاتار ۋەقەلەر، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك بۇ بىر قاتار مەسىلىلەر پاش قىلىنغاندىن كېيىن ھەممەيلەن بەكمۇ چۆچىدۇق.

      پىيونېر ئا: ھەقىقەتەن شۇنداق، ئەمما ئەتراپىمىزدا يەنە نۇرغۇن ساۋاقداشلىرىمىز ناچار يېمەكلىكلەرنىڭ زىيىنىنى تېخىچە تونۇپ يېتەلمەيۋاتىدۇ.

      ئىككىنچى ھالقا:

      پىيونېر ئا: مايدا پىشۇرۇلغان گۆش ،قاتلىما..........،ھەركۈنى مەكتەپتىن قايتقاندا مەكتەپ سىرتىدا پىيونېرلارنىڭ توپلىشىۋېلىپ يېمەكلىك ساتىدىغان كۆچمە ھارۋىنىڭ يېنىدا بەھۇزۇر ھالدا ھەر خىل ئۇششاق يىمەكلىكلەرنى ئېلىپ يەۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز.

      پىيونېر ب: ئەمما مۇشۇ خىل ئۇششاق يىمەكلىكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇتلارنىڭ تازىلىق شارائىتى ۋە ئەسلىھەلىرى تولىمۇ ناچار، مۇھىتى تېخىمۇ ناچار، چىۋىندىن، چاڭ – توزاندىن، چاشقاندىن مۇداپىئەلىنىش تەدبىرلىرى ياخشى ئشلەنمىگەن، بۇ يېمەكلىكلەرنى يىگەندە ئادەم ئاسانلا ئاغرىپ قالىدۇ.

      پىيونېر ئا: مەكتەپ ئىچىدە نۇرغۇن ساۋاقداشلار يەپ بولغان ئۇششاق يېمەكلىكلەرنىڭ سىرتىغا ئورالغان قەغەزنى كەلگەنلا يەرگە قالايمىقان تاشلاپ، مەكتەپ مۇھىتىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇنداقلا مۇھىتنى بۇلغايدۇ.

      پىئونېر ئا: ناچار يېمەكلىكلەرنىڭ زىيىنى بەكلا چوڭ، شۇڭا پىيونېرلار كىچىك گۇرۇپپىلىرى ھەرىكەتكە كەلدى، قېنى بىز ئۇلارنىڭ نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھىرلىنەيلى.

      (ھەر قايسى كىچىك گۇرۇپپىلار توپلىغان ماتىرىياللىرى ۋە سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسەن كومپىيوتېردا نەتىجىلىرىنى تونۇشتۇرىدۇ).

      1 – كىچىك گۇرۇپپا : بىز ئەتراپىمىزدىكى ساۋاقداشلىرىمىز ياقتۇرۇپ يەيدىغان ئۇششاق يېمەكلىكلەرنى يىغىپ تەكشۈردۇق، مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەر قانچە نېپىز، چۈرۈك بولغانسېرى تەركىبىدىكى زەھەرلىك ماددىنىڭ مىقدارىنى شۇنچە يوقىرى بولىدىغانلىقىنى بايقىدۇق، خېمىرنى مايدا پىشۇرغاندا ئۇنىڭدىن بىر خىل ئىسىملىك زەھەرلىك ماددا ئاجىرىلىپ چىقىدىغان بولۇپ، بۇ خىل يېمەكلىكلەرنى ئىنسانلار كۆپ ئىستېمال قىلغاندا ئاسانلا راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدىكەن.

      2 – كىچىك گۇرۇپپا : بىز ھازىر دەل بەدىنىمىز ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان مۇھىم مەزگىلدە تۇرغاچقا بەدىنىمىزنىڭ ئىسسىقلىق ئىنىرگىيەسى ۋە ھەر خىل ئوزۇقلۇق ماددىلارغا بولغان ئېھتىياجى ئىنتايىن چوڭ، بىراق ئۇششاق يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا نورمال ئوزۇقلىنىشىمىزغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇزۇن مەزگىل مۇشۇنداق بولىۋەرسە، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ روھى ۋە جىسمانىي ساغلاملىقىمىزغا ئىنتايىن زور تەسىر كۆرسىتىدۇ.

      2 – گۇرۇپپا بىرلىكتە: كىچىكىمىزدىن باشلاپلا توغرا ئوزۇقلىنىش قارىشىنى تۇرغۇزۇپ ئۇششاق يېمەكلىكلەرنى ئاز يىيىشىمىز ياكى يىمەسلىكىمىز، ئۆزىمىزنى كونتىرول قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىشىمىز، زېھنىمىزنى تىرىشىپ ئۆگىنىشكە قارىتىشىمىز لازىم.

ئۈچۈنچى ھالقا :

      پىيونېر ئا: ناچار يىمەكلىكلەرنىڭ زىيىنىنى تېخىمۇ كۆپ پىيونېرلارغا چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن، چوڭ ئەترەت ھەرىكەتكە كېلىپ ھەر قايسى ئوتتۇرا ئەترەتنى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى بويىچە بىر سان قارا دوسكا ئىشلەش، بىر سان باش تېمىلىق رادىئو پروگراممىسى ئىشلەش، بىر سان تەشۋىقات تاختىسى ئىشلەشتەك ئۈچ بىر پائالىيىنى قانات يايدۇرۇشقا چاقىردى.

      پائالىيەت لايىھە سۆزى : پىيونېرلارنى جەمئىيەت تەرەققىياتىغا، ئۆزىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە يېتەكلەش بۇ قېتىملىق پائالىيەت لايىھەسىنىڭ چىقىش نۇقتىسى. ھازىر جەمئىيەتتە توختىماي كۆرۈلىۋاتقان يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مەسىلىسىگە قارىتا، بۇ پائالىيەتنى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق پىيونېرلارنى ئۆز ئەمەلىيىتىدىن ئۆتكۈزۈشكە، تەكشۈرۈپ تەھلىل قىلىشقا، باش تېمىلىق ئەترەت پائالىيىتى شەكلى ئارقىلىق نامايەن قىلىشقا يېتەكلەپ، ئۇلارنى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى توغرىسىدا ئېنىق تونۇشقا ئىگە قىلىش، شۇنداقلا مەكتەپ ئىچى–سىرتىدىكىلەر بىلەن ئورتاق ھەرىكەتكە كېلىپ، تەربىيەنىڭ تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىگە يېتىشتىن ئىبارەت.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: قەلبىنۇر