باش بەت | پەزىلەت گۈلىستانى

جامائەت سورۇنى ئەخلاقى

 

      ئادەم تۇرمۇش، ئۆگىنىش، خىزمەت، سەيلە – ساياھەت قاتارلىقلارنىڭ ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن تۈرلۈك جامائەت سورۇنلىرىغا ئىشتىراك ئېتىدۇ. ئۇنىڭ شۇ سورۇندىكى ئەخلاقىنىڭ قانداق بولۇشى كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىش – ئېرىشەلمەسلىكىگە بىۋاسىتە سەۋەب بولىدۇ. مۇبادا سىز ئىش – ھەرىكىتىڭىز ئارقىلىق ئىززەت – ئابرۇيغا ئىگە بولىمەن دېسىڭىز جامائەت سورۇنىدا تۆۋەندىكىلەرگە رىئايە قىلمىقىڭىز زۆرۈر.

      1. ئۆزىڭىزدىن چوڭلارنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ ياكى تۆرگە چىقىپ ئولتۇرماڭ، چوڭلارنىڭ ئالدىدىن ئۆتمەڭ، ئورنىڭىزنى تېپىپ ئولتۇرۇڭ. چوڭلار تۆرگە تەكلىپ قىلسا چىرايلىقچە رەت قىلىڭ. چوڭلارنىڭ ئالدىدا پۇتىڭىزنى مىنگەشتۈرۈپ ياكى سۇنۇپ ئولتۇرماڭ. ئولتۇرغان ئورنىڭىزنى باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىۋەرمەڭ، بۇنداق قىلسىڭىز پەگاغا بېرىپ قالىسىز – دە ھۆرمىتىڭىز بولمايدۇ.

      2. يېنىڭىزدىكىلەر بىلەن كۇسۇرلىشىپ قۇلاقنى قۇلاققا يېقىپ پاراڭلاشماڭ، باشقىلار بىلمەيدىغان تىلدا سۆزلەشمەڭ.

      3. سورۇنغا كېچىكىپ كەلگەن بولسىڭىز سورۇندىكىلەرگە ئەدەپ بىلەن ئوڭ قولىڭىزنى كۆكسىڭىزگە قويۇپ:«ئەسسالامۇئەلەيكۇم» دەپ سالام بېرىپ كىرىڭ – دە ئازادىرەك جاينى تېپىپ ئولتۇرۇڭ. سالام بەرمەي كىرىپ غىپپىدە ئولتۇرۇۋالماڭ. باشقىلارنىڭ ئارىسىغا قىستىلىپ كىرىپ ئولتۇرماڭ. بۇنداق قىلسىڭىز بىرلا ۋاقىتتا ئىككى كىشىنىڭ نەپرىتىگە ئۇچ رايسىز.

      4. تاماكا چەكمەڭ، ئۇدۇل كەلگەن جايغا تۈكۈرمەڭ، كىشىلەرگە قاراپ كېرىلمەڭ، بۇرنىڭىزنى تاشلىماڭ، چىشىڭىزنى، بۇرنىڭىزنى كولىماڭ. چۈشكۈرۈك كەلسە، ئەسنەك تۇتسا قولىڭىز ياكى قولياغلىقىڭىز بىلەن ئېغىزىڭىزنى توسۇۋېلىڭ. ئېتىكىڭىز ياكى چاپان، كۆڭلىكىڭىزنىڭ يېڭى، پېشى بىلەن يۈزىڭىزنى، بۇرنىڭىزنى سۈرتمەڭ.

      5. باشقىلارنى يۇقىرى ئاۋازدا چاقىرماڭ، قاقاھلاپ كۈلمەڭ، بىراۋنى زورمۇزور كۈلدۈرمەڭ، باشقىلارغا تىكىلىپ قاراۋەرمەڭ، بولمىسا باشقىلارنى ئۇيالدۇرۇپ قويىسىز. ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر ئەلشىر نەۋائى: ‹‹ئەدەپسىزلىكنىڭ بىر بەلگىسى ئورۇنسىز كۈلكىدۇر، قارا، كەكلىك ئۆز كۈلكىسىدە بېشىغا بالا كەلتۈرىدۇ، غۇنچە كۈلۈپ ئېچىلىپ ئارقىدىن توزۇيدۇ›› دېگەن.

      6. سېغىز چاينىماڭ، گازىر – پۇرچاق چاقماڭ. سورۇننىڭ تازىلىقىغا ئەھمىيەت بېرىڭ، كەمپۈت قەغىزى، پارچە – پۇرات قەغەز، مېۋە شۆپىكى قاتارلىقلارنى خالىغانچە تاشلىماڭ.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر