باش بەت | پەزىلەت گۈلىستانى

يول قويۇشمۇ بىر خىل گۈزەل ئەخلاقتۇر

       يول قويۇش ئەقىل – پاراسەتنىڭ ئىپادىسى.

      يول قويۇش كەڭ قورساقلىقنىڭ ئىپادىسى.

      يول قويۇش يۈكسەك ئەخلاقتۇر.

      ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدا ئەزەلدىنلا پايدا – مەنپەئەت ۋە زىددىيەت توقۇنۇشى بولۇپ كەلگەچكە ئۆزئارا مۇناسىۋەتتە بىر قىسىم ئۇقۇشماسلىق ۋە ئىختىلاپلارنىڭ پەيدا بولۇشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ.

      ھايات مۇساپىسىدە ھەر قانداق ئادەم نۇرغۇنلىغان كۆڭۈلسىزلىكلەرگە ئۇچراپ تۇرىدۇ. دەل مۇشۇنداق ۋاقىتتا ئادەمنىڭ تەربىيەلىنىشى ۋە جاسارىتى ھالقىلىق ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇڭا، مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيتتە يول قويۇش پوزىتسىيەسىدە بولسا ئىش ئوڭۇشلۇق بولىدۇ. ئەمما، يول قويۇشتا بىر نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەككى، ئادەمنى چۈشەنمەي يول قويغىنىنى ئاجىزلىق، قورققانلىق، ئەخمەقلىق دەپ قارىسا بولمايدۇ. بۇنداق كىشىلەرنىڭ بىرئازمۇ ئەخلاقىي تەربىيەلىنىشى بولمىغان، بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرىدىغانلار بولۇپ، بۇنداق ئادەملەرگە يول قويماي جىم تۇرۇش ئەڭ ئەقىللىي جاۋاب بولىدۇ.

      بىرقەدەم چېكىنسىڭىز پۇرسەت سىزگە قۇچاق ئاچىدۇ، يول قويۇشقا تېگىشلىك بولسا يول قويسىڭىز كەلگۈسىڭىز تېخىمۇ پارلاق بولىدۇ.

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: ئاينۇر