باش بەت | بايراق چىقىرىش مۇراسىمى نۇتقى

پەن – تېخنىكىنىڭ ئۈمۈد يۇلتۇزى بولايلى

       2003 – يىلى 10 – ئاينىڭ 1– كۈنى ‹‹خاسىيەتلىك كېمە 5›› ناملىق ئادەملىك ئالەم كېمىسىنىڭ ئۇچقۇچىسى ياڭ لېۋىي غايەت زور ئالەم بوشلۇقىغا ئەۋەتىلدى. ياڭ لېۋىي ئالەم بوشلۇقى كۈتۈۋالغان تۇنجى جوڭگولۇق مېھمان، دۆلىتىمىز دۇنيا بويىچە ئۈچۈنچى بولۇپ ئالەم بوشلۇقىغا ئادەملىك ئالەم كېمىسى ئەۋەتكەن دۆلەت بولۇپ قالدى.

      2003 – يىلى ‹‹خاسىيەتلىك كېمە – 5››، 2006 – يىلى ‹‹خاسىيەتلىك كېمە – 7 ›› ئالەم بوشلۇقىغا قۇيۇپ بېرىلدۇ. بۇ يەتتە يىلدا دۆلىتىمىزنىڭ ئالەم بوشلۇقى ئىشلىرىدا غايەت زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، شۇنداقلا جوڭگولۇقلارنىڭ دۇنيا پەن – تېخنىكا چوققۇسىغا چىقىش ئۇلۇغۋار غايىسى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. ئىسلاھات، ئىچىۋېتىش ۋە زامانىۋىلاشقان تەرەققىياتتا كىشىنى ئىپتىخارلاندۇرىدىغان نەتىجىلەر قازىنىلىپ بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايرىقىمىزغا چەكسىز شان – شەرەپ كەلتۈردى. ئادەملىك ئالەم كېمىسىنىڭ ‹‹چىدامچانلىق روھى بولۇش، جەڭگىۋارلىق روھى بولۇش، ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈش روھى بولۇش، تەقدىم قىلىش روھى بولۇش ›› تەك شۇئارى سانسىزلىغان جوڭگولۇقلارغا، ھەر كەسىپتىكى ئەمگەكچىلەرگە ھەيدەكچىلىك رول ئوينىدى. ساۋاقداشلار، ھازىردىن باشلاپ بىرلىكتە پەن – تېخنىكىنى ياخشى ئۆگىنەيلى، ئۇنى ئىشلىتەيلى، ئۇنى سۆيەيلى. ئۆزلۈكىمىزدىن كۆزىتىش، تەپەككۇر قىلىشنى ئادىتىمىزگە ئايلاندۇرۇپ قول سېلىپ ئىشلەش ئىقتىدارىمىزنى چېنىقتۇرايلى. ئۈزلۈكسىز ئىقتىدار يېتىلدۈرۈپ دۆلىتىمىز پەن – تېخنىكا ئىشلىرىنىڭ ئۈمىد يۇلتۇزى بولۇشقا تىرىشايلى!

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: قەلبىنۇر