باش بەت | چەت ئەل ئەدەبىياتى

ئالتۇن مېۋە

       بىرما دېگەن جايدا ئەر – خوتۇن ئىككى قېرى ئۆتكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئوغۇل – قىز بەش بالىسى بار ئىكەن. بالىلار چوڭ بولغاندىن كېيىن، ھەممىسى بىر – بىرلەپ ئۆيلۈك – ئوچاقلىق بولۇپ، بىرەر ئىشنىڭ بېشىنى تۇتۇپتۇ – دە، ئاتا – ئانىسىدىن ئايرىلىپ چىقىپ كېتىپتۇ. كېيىن موماي ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ. ھۇقۇشتەك يالغۇز قالغان بوۋاي ئۆزى تەنھا نامرات تۇرمۇش ئۆتكۈزۈشكە باشلاپتۇ. ئۇنىڭ ۋاپاسىز بالىلىرى ئۇنى بېقىشىنى خالىماپتۇ. بوۋاي كۆڭلىدە، ئاز – تولا ئامال تېپىپ، بالىلىرىمنى ئۆزلۈكىدىن كېلىپ خەۋەر ئالىدىغان قىلاي دەپ ئويلاپتۇ.

      بىر كۈنى ئۇ لايدىن مېۋە ياساپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ، ئاندىن ئۈستىگە بىر قەۋەت ھەل بېرىپ، ياغلىقىغا ئوراپ يانچۇقىغا ساپتۇ. ھەممە ئىش پۈتكۈندىن كېيىن، ئۇ خۇشال ھالدا چوڭ ئوغلىنى يوقلاپ كەپتۇ.

      بوۋاي نەۋرىلىرى بىلەن بىللە ئويناۋاتقاندا، بالىلار بوۋاينىڭ قوينىدا مېۋە تۇرغانلىقىنى كۆرۈپتۇ – دە، قىزىقىپ بوۋايدىن سوراپتۇ:

      – بۇ نېمە نەرسە؟

      بۇ مەخپى، – دەپتۇ بوۋاي گويا راستەك قىلىپ كۆرسىتىپ. لېكىن بالىلار بوۋاينى قويۇپ بەرمەي، ئېيتىپ بېرىسەن دەپ تۇرۇۋاپتىكەن، بوۋاي ئاخىرى ئېيتقپ بېرىپتۇ:

      – بولىدۇ، مەن سىلەرگە ئېيتىپ بېرەي، بىراق ھېچكىشىگە دېمەيسىلەر، – بوۋاي لايدىن ياسىغان ئالتۇن مېۋىنى ئاستا قوينىدىن چىقىرىپ، بالىلارنىڭ كۆزىنى ئالىچەكمەن قىلىۋېتىپ، يەنە سېلىۋاپتۇ.

      بوۋاينىڭ نەۋرىلىرى كۆرگەنلىرىنى راست دەپ قاراپ، ئاتا – ئانىسىغا بىر – بىرلەپ سۆزلەپ بېرىپتۇ:

      – بوۋامدا راست بىرمۇنچە ئالتۇن مېۋە بار ئىكەن. راست، ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆردۇق.

      بوۋاينىڭ چوڭ ئوغلى ۋە كېلىنى بالىلاردىن ھېلىقى گەپنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا راست دەپ ئىشىنىپ، ئىككىنچى كۈنى دادىسىنى يوقلاپ بېرىپ، ئۇنى ئۆزلىرى بىلەن بىللە تۇرۇشقا تەكلىپ قىپتۇ.

      كېيىن، بوۋاي باشقا تۆت بالىسىنىڭكىگە بىردىن – بىردىن يوقلاپ بېرىپتۇ – دە، ھەربىرسىنىڭ ئۆيىگە بارغاندا، نەۋرىلىرىنىڭ ئالدىدا ھېلىقى ئالتۇن مېۋىنى چىقىرىپ، ئۇلارنىڭ كۆزىنى ئىلىچەكمەن قىپتۇ. نەتىجىدە، ئۇنىڭ بەش بالىسىنىڭ ھەممىسى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئۆزى بىلەن بىللە تۇرۇشىنى تەلەپ قىپتۇ. ئۇلار ھەتتا بوۋاينىڭ قەيەردە تۇرىدىغانلىقىنى تالىشىپ ئۇرۇشۇپ كېتىپتۇ.

      بۇ تالاش – تارتىشنى ئاخىرى يەنە بوۋاينىڭ ئۆزى بىر تەرەپ قىپتۇ. يەنى بوۋاي ھەر بىر بالىسىنىڭكىدە بىر ئايدىن تۇرىدىغان بوپتۇ. شۇنداق قىلىپ بوۋاي خېلى بىر مەزگىل خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۈپت.

      كېيىن بوۋاي ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ. بالىلىرى ئالتۇن مېۋىنى ئېچىپ كۆرۈنۈپتىكەن، قارىسا، لايدىن ياساپ، ھەل بېرىپ قويغان مېۋىلەر ئىكەن.

      ئۇلار بىر ئېغىزدىن مۇنداق دېيىشىپتۇ:

      – دادىمىز راست ئەقىللىق ئادەم ئىكەن.

      ئۇلار دادىسىنىڭ ئېچىنىشلىق ھاياتىنى ئەسلەپتۇ. ئۆزلىرىنىڭ ئاچكۆزلۈكى ۋە رەھىمسىزلىكىدىن ئۆكۈنۈپتۇ. ئاندىن ئاتىسىغا ئاتاپ بىر قېتىم قاتتا ئۆلۈم مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپتۇ.

 

مەنبە: چەت ئەل ئەقىل – پاراسەتكە دائىر ھېكايىلەر تەھرىر: ئاينۇر