باش بەت | كائىنات سىرلىرى

ئادەملىك ئالەم ئەسۋابلىرى

       ئادەملىك ئالەم ئەسۋابى ئىنسانلارنى ئالەم بوشلۇقىغا ئېلىپ كىرىدىغان سايمان، شۇنداقلا ئالەمدە ئۇچۇشتىن ئىبارەت ئالاھىدە مۇھىتتىن پايدىلىنىپ ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بارىدىغان سورۇن. نۆۋەتتە، ئالىملار تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىپ ئىشلىتىۋاتقان ئادەملىك ئالەم ئەسۋابلىرىدىن ئالەم ئايروپىلانى، ئادەملىك ئالەم كېمىسى ۋە ئالەم بوشلۇقى پونكىتى بار.

 

ئالەم بوشلۇقى پونكىتى

      ئالەم بوشلۇقى پونكىتى ئىنسانلارنىڭ ئالەم بوشلۇقىدا قۇرغان ئۆيى بولۇپ، كۆپ ئالەم ئۇچقۇچىلىرى بۇ ئۆيدە ئۇزاق مۇددەت تۇرۇپ، ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شوغۇللىنىشقا بولىدۇ. ئېھتىياجلىق بۇيۇملارنى ئالەم كېمىلىرى ياكى ئالەم ئايروپىلانلىرى يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. 1971 – يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى ‹‹ساليوت›› ناملىق تۇنجى ئالەم بوشلۇقى پونكىتىنى قويۇپ بەردى. كېيىن يەنە ‹‹تىنچلىق›› ناملىق ئالەم بوشلۇقى پونكىتىنى قويۇپ بەردى.

 

تۇنجى جۇڭگولۇق مېھمان

      ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئاسماندا ئۇچۇش خىيالى بار ئىدى. 2003 – يىلى 10 – ئاينىڭ 15 – كۈنى بۇ خىيال ئاخىر ئەمەلگە ئاشتى. ‹‹ئالەمگە ئۇچۇش قەھرىمانى›› ياڭ لىۋېي خەلقىمىزنىڭ ئارزۇ – ئىستەكلىرىنى ئېلىپ، ئېلىمىز ئۆزى لايىھەلىگەن ‹‹خاسىيەتلىك كېمە – 5›› ناملىق ئالەم كېمىسى بىلەن ئالەم بوشلۇقىغا ئۇچۇپ باردى. روسىيە ۋە ئامېرىكىدىن كېيىن، ئېلىمىز تۇنجى بولۇپ مۇۋاپپەقىيەتلىك ھالدا ئادەم ئېلىپ ئالەم بوشلۇقىدا ئۇچۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان دۆلەت بولۇپ قالدى. 2005 – يىلى 10 – ئاينىڭ 12 – كۈنى ئېلىمىز يەنە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ‹‹خاسىيەتلىك كېمە – 6›› ناملىق ئادەملىك ئالەم كېمىسىنى قويۇپ بەردى.

 

ئادەملىك ئالەم كېمىسى

      ئادەملىك ئالەم كېمىسى ئادەم ئېلىپ ماڭىدىغان ھەممىدىن كىچىك  ئالەم بوشلۇقى ئەسۋابى، شۇنداقلا يەر شارى بىلەن ئالەم بوشلۇقى ئارىسىدا قاتنايدىغان ‹‹كىچىك كېمە››، ئۇ ئالەم بوشلۇقى پونكىتى ياكى باشقا ئالەم ئەسۋابلىرى بىلەن تۇتاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇلار بىلەن بىرلىكتە ئۇچالايدۇ، ئەمما ھەربىر ئالەم كېمىسىنى پەقەت بىرلا قېتىم ئىشلەتكىلى بولىدۇ.

 

مەنبە: جۇڭگو بالىلار قامۇسى تەھرىر: ئاينۇر