باش بەت | بايراق چىقىرىش مۇراسىمى نۇتقى

ئوقۇتقۇچۇمنى سۆيىمەن

      كىم بىزنىڭ يۇمران قوللىرىمىزنى تۇتۇپ بىر ھەرپ، بىر بوغۇمدىن خەت يېزىشنى ئۆگەتتى؟ كىم بىزنى يېتەكلەپ بىلىمنىڭ چوققىسىغا ئېلىپ چىقتى؟ كىم بىزنى بىلىم دېڭىزىغا شۇڭغۇتتى؟

      قايسى بىر ئادەم ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا ئوقۇتقۇچىنىڭ تەربىيەسىدىن، يېتەكلىشىدىن ئايرىلالايدۇ! ئۇستاز، سىز دەرەخكە ئوخشاش يوپۇرماقلىرىڭىز بىلەن بىزگە سالقىنلىق ئېلىپ كېلىسىز، شامغا ئوخشاش ئۆزىڭىزنى ئېرىتىپ باشقىلارغا يورۇقلۇق بېرىسىز.

      ئۇستاز، سىزنىڭ چىراق تۈۋىدە تاپشۇرۇقلىرىمىزنى تەكشۈرگەن ھالىتىڭىز ئىنتايىن سۆيۈملۈك، مۇنبەردە دەرس ئۆتۈۋاتقان ھالىتىڭىز ناھايىتى ئۇلۇغ. ئانىنى قانچە ماختىسا ئازلىق قىلغانغا ئوخشاش ئۇستازنى قانچە ماختىسىمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ. مانا، يەنە ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى يېتىپ كەلدى. مۇنبەردە دەرس سۆزلەۋاتقان ئوقۇتقۇچى بولسۇن ياكى پېنسيىگە چىققان تەربىيەچىلەر بولسۇن ھەممىسىگە شۇنداق دېگۈم كېلىدۇ: ‹‹ئۇستازلار، بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!›› مەن ئۇستازلىرىمنى سۆيىمەن. ئۇلارغا بولغان مۇھەببىتىم مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: قەلبىنۇر