باش بەت | ئەترەت پائالىيەتلىرى

‹‹چىڭ تۈرۈلگەن قوشۇما›› دىن باشلانغان سۆز

      4 – ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى پىيونېرلارنى مەكتەپتە ئۆتكۈزۈلىدىغان خور مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلدۇرۇۋاتاتتىم. پىيونېرلار رەتكە تىزىلىپ بولغانىدى، دىرىجورلارنى تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتناشقان شاۋ لىنى سەھنىگە چىقىپ دىرىجورلۇق قىلىشقا تەكلىپ قىلدىم. شاۋ لى ئىچ مىجەز، تارتىنچاق بالا ئىدى، مەن ئۇنىڭ مۇزىكا ئۇدارىغا خېلى پۇختىلىقىنى بىلەتتىم، شۇڭا بۇ قېتىملىق پائالىيەتتە ئۇنىڭغا چېنىقىش پۇرسىتى بەرمەكچى بولدۇم.

      شاۋ لى سەھنىگە ئاستا چىقتى ھەمدە دىرىجورلۇقنى باشلىدى. جىددىيلەشتىمۇ ياكى ئادىتىمۇ بىلمىدىم، ئۇ ھەمىشە قاپىقىنى تۈرۈۋالاتتى. مەن ئۇنىڭغا ‹‹شاۋ لى، قاپىقىڭىزنى تۈرمەڭ›› دەيتتىم. شاۋ لى ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرەيتتى يۇ ئارقىدىنلا يەنە قاپىقىنى تۈرۈۋالاتتى، بەزىدە ھەتتا تۇمشۇقىمۇ ئۇچلاپ قوياتتى. مېنىڭ قايتا – قايتا ئەسكەرتىشىم بىلەن ئۇ ئاخىر قاپىقىنى تۈرمەيدىغان، كۈلۈپ تۇرۇپ دىرىجورلۇق قىلىدىغان ۋە ساۋاقداشلىرى بىلەن تەڭ ناخشا ئېيتىدىغان بولدى.

      مەن شاۋ لىنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنىڭ يېتەرسىزلىكىدىن قاپىقىنى تۇرۈۋالىدىغانلىقىنى بىلدىم. شۇنىڭ بىلەن پىيونېرلارنىڭ ئۆز – ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا تېمىلىق ئوتتۇرا ئەترەت پائالىيىتى ئۇيۇشتۇردۇم. پائالىيەتنىڭ بېشىدا ئىككى ئويۇن كۆرسىتىپ پىيونېرلارغا ئۆزىگە توغرا باھا بېرىش، ئۆز ئالاھىدىلىكىگە ئەھمىيەت بېرىشنى ئېيتتىم. ئاندىن ‹‹ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ئۆزى دىيىش››، ‹‹پارتىداشلار ئۆزئارا ئارتۇقچىلىقىنى سۆزلەش›› قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق پىيونېرلارنى ئارتۇقچىلىقلىرىنى بايقاشقا يېتەكلىدىم. ئەڭ ئاخىرىدا پىيونېرلارغا كۆپچىلىكنىڭ ئادەم قوبۇل قىلىش نەق مەيدان يىغىنىغا قاتناشقانلىقى ئارقا كۆرۇنۇش قىلىنغان ئېتوت تەييارلاتقۇزدۇم، ئىتوت ئاياغلاشقاندا پىيونېرلارنى ‹‹بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۆگىنىش، ئىجتىمائىي ئالاقىدە پۇرسەتكە قانداق پوزىتسىيە تۇتۇش لازىم؟›› دېگەن تېمىدا مۇنازىرىگە تەشكىللىدىم. پىيونېرلار بىردەك ‹‹ئۆز ئالاھىدىلىكىنى دادىللىق بىلەن نامايان قىلىش كېرەك، باشقىلار بىلەن ئۆزىگە ئىشەنگەن ھالدا ئالاقە باغلاش كېرەك›› دېيىشتى. بۇ چاغدا مەن يەنە پائالىيەت داۋامىدا كۆرۈلگەن مەسىلىنى سورىدىم، پىيونېرلار بەس – بەستە قول كۆتۈرۈشتى، بولۇپمۇ شاۋ لى قولىنى ئىگىز كۆتۇردى.

      كېيىن شاۋ لى ھەپتىلىك خاتىرىسىگە مۇنداق يېزىپتۇ: ‹‹بۇ پائالىيەت ئارقىلىق مەن ئۆزىگە بولغان ئىشەنچنىڭ تۇغما بولمايدىغانلىقىنى، بەلكى تۇرمۇشتىكى تامچىلاردىن تۇرغۇزۇلىدىغانلىقىنى بىلدىم. مەن ئۆز – ئۆزۇمگە ›مەن ھەممىدىن قالتىس‹ دەپ پىچىرلىدىم››. شاۋ لىنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئوقۇپ ئىختىيارسىز كۈلۈۋەتتىم .

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: ئاينۇر