باش بەت | يېزىقچىلىق يېتەكچىسى

(3) ماتېرىيال توپلاش ئۇسۇللىرى

      ماقالە يېزىش ئۈچۈن چوقۇم ماتېرىيال توپلاش كېرەك. ماتېرىيال ئادەتتە كۆزىتىش، ئەمەلىيەكە قاتنىشىش، تەكشۈرۈش ۋە كىتاب ئوقۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق توپلىنىدۇ. بىز بۇ يەردە ساۋاقداشلارغا ماتېرىيال توپلاشنىڭ مۇھىم ئۇسۇللىرى ھېسابلانغان كۆزىتىش، ئەمەلىيەتكە قاتنىشىش ۋە كىتاب ئوقۇش ئۇسۇللىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.

      1. كۆزىتىش

كۆزىتىش ئاممىباب تىل بىلەن ئېيتقاندا، تۇرمۇشىمىزدىكى ئادەم، نەرسىلەر، تۈرلۈك ئىش – پائالىيەتلەر ۋە ھەر خىل كۆرۈنۈشلەرگە زېھىن قويۇپ سەپ سېلىش، دىققەت قىلىپ قاراش ئارقىلىق شەئىيلەر ھەققىدە بەلگىلىك چۈشەنچىگە ئىگە بولۇش جەريانىنى كۆرسىتىدۇ.

      بىز ساۋاقداشلارنى يېزىش مەشىقىگە تەشكىللىگەن ۋاقتىمىزدا، دائىم دېگۈدەك مۇنداق بىر ئەھۋالنى ئۇچرىتىمىز. بەزى ساۋاقداشلار ئارىدىن گەرچە يېرىم سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، كۆزلىرىنى بىر نۇقتىغا تىككەن پېتى پەقەت ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، كۆزلىرىنى بىر نۇقتىغا تىككەن پېتى پەقەت قەلەم تەۋرەتمەستىن جىمجىت ئولتۇرۇپ كېتىدۇ. ئۇلار نېمىشقا يازماي ئولتۇرىدۇ؟ چۈنكى، ئۇلارنىڭ كاللىسى قۇپ – قۇرۇق بولغاچقا يازغۇدەك بىر نەرسە تاپالماي نەتىجىدە ئۇلار تاغاىن – باغدىن بەزىبىر قۇرۇق گەپلەرنى يېزىپ، ماتېرىيالنى زورمۇزور ياساپ چىقىدۇ.

      بەزى ساۋاقداشلار، بىز ھەمىشە مەكتەپ، يول، ئۆيدىن ئىبارەت ئۈچ نۇقتا ئارىسىدا ئايلىنىپلا يۈرۈيمىز. بۇ دائىرىدە يازغۇدەك نېمە بولدۇن؟ دېيىشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە بىز پەقەت ئەقىل كۆزىمىز بىلەن كۆزىتىدىغان، بايقايدىغان، مۇلاھىزە قىلىدىغان بولساقلا خاتىرىلەپ تۈگىتەلمىگۈدەك، يېزىپ بولالمىغۇدەك دەرىجىدىكى ماتېرىياللارنى ئۇچرىتىمىز.

      بىز ئاۋۋال مەكتەپكە قاراپ باقايلى،گەپنى ئاۋۋال مەكتەپ ھويلىسىدىن باشلايلى، سومكىنى يۈدۈپ، مەكتەپ دەرۋازىسىدىن كىرىپ، مەكتەپ ھويلىسىدىكى گۈللەر، چۆپلۈك، دەل – دەرەخ قاتارلىق مەنزىرىلەردە بىرەر ئۆزگۈرۈش بار – يوقلۇقىنى كۆزىتىپ باقايلى. مۇئەللىم ۋە ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ ئىچىدە نېمە ئىش قىلىۋاتىدۇ؟ ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى كۆرۈپ سىز نېمىلەرنى ئويلىدىڭىز؟ يەنە ئۆزىڭىز مەكتەپكە كەلگەندىن كېيىن بىرەر ئىشنى قىلى باقتىڭىزمۇ – يوق؟ قىلغان بولسىڭىز قانداق قىلدىڭىز؟ يەنە ئويلاپ بېقىڭ، دەرس ئارىلىقىدىكى بوش ۋاقىرلاردا مەكتەپتە نەمې ئىش يۈز بەردى؟ بىرەر پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدىمۇ – يوق؟ مانا بۇلارمۇ بىزنىڭ يېزىشىمىزغا ئەرزىيدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسىلا بىزنىڭ يېزىقچىلىقىمىزغا خام ماتېرىيال بولالايدۇ. تېخى يەنە بار: دەردخانىدا مۇئەللىم نېمە قىلدى؟ بۈگۈنكى دەرستە نېمە ئۆزگىرىش بولدى؟ دەرستىن چۈشكەندىن كېيىن مۇئەللىم قايسى ساۋاقداشلار بىلەن سۆھبەتلەشتى؟ ساۋاقداشلار ئارا قانداق ئىشلار يۈز بەر؟ بۇلارنى مۇلاھىزە قىلىدىغان، قايتا ئويلايدىغان بولسدق يەنە نۇرغۇن خاتىرىلەشكە تېگىشلىك خام ماتېرىياللارنى بايقىيالايمىز.

      ئەمدى بىز يولغا قاراپ باقايلى: بىز مەكتەپكە ماڭغىچە قانداق مەنزىرىنى كۆردۇق؟ نېمە ئۆزگىرىش بار؟ يولدا بىرەر ئىشقا يولۇقتىڭىزمۇ –يوق؟ قانداق ئادەملەر بىلەنئۇچرىشىپ نېمىلەرنى قىلدىڭىز؟ بىز پەقەت مانا مۇشۇنداق ئەستايىدىللىق بىلەن كۆزەتسەك، ئىنچىكە مۇلاھىزە قىلساق تەبىئىي ھالدا يېزىشقا بولىدىغان نۇرۇشن ئىشلارنىڭ، نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ دېيىشكە تېگىشلىك نۇرغۇن گەپلەرنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلالايمىز. يەنە ئالايلۇق، ئەتىگەندە مەكتەپكە ماڭغاندا ھاۋا تۇمانلىق بوسا بىز ‹‹تۇمان››نى تېما قىلىپ، تۇماننى تەسۋىرلەپ چىقالايمىز. ئەگەر قار ياغقان بولسا ‹‹قار مەنزىرىسى››نى يازالايمىز. نۇرغۇنلىغان كىچىك ئىشلار پەقەت بىز ئەستايىدىل كۆزىتىپ، مۇلاھىزە قىلساقلا بىر خىل يېڭى ھەم ئۆزگىچە خام ماتېرىيال بولالىشى مۇمكىن.

      ئۆينى ئېلىپ ئېيتساق، بىز كىچىك دوستلار ھەمىشە ئۆيدە پەقەت تاماق يېيىش، تاپشۇرۇق ئىشلەش، تېلېۋىزور كۆرۈش ۋە ئۇششاق – چۈششەك ئۆي ئىشلىرىلا بار، باشقا ئالاھىدە ئىش يوق دەپ قارايمىز. ئەمەلىيەتتە، بىز ئاززاق كۆڭۈل قويۇپ كۆزىتىپ باقساق، ئاندىن كۆپرەك ئويلانساق، خۇددى كولۇمبۇ يېڭى قۇرۇقلۇقنى بايقىغاندەك، نۇرغۇنلىغان يېڭى ھەم قىزىق ئىشلارنى بايقايمىز.

      ئاخىرىدا بىز يەنە باشقا تەرەپلەر ئۈستىدىنمۇ توختىلىپ ئۆتەلى: يەكشەنبە كۈنلىرى، قىشلىق، ياشلىق تەتىل مەزگىللىرىدە نەلەرگە بېرىپ سەياھەت قىلدىڭىز؟ قايسى ماگىزىنغا بېرىپ بىر نەرسە سېتىۋالدىڭىز؟ قايسى تۇغقانلارنىڭكىگە باردىڭىز؟ ۋە باشقىلار. بۇ جەرياندا بىز نۇرغۇن ئادەملەر بىلەن ئۇچرىشىمىز، ئاز بولمىغان ئىشلارنى كۆرىمىز. بۇلار بىزدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى ماقالە يېزىشتا خام ماتېرىيال بولايدۇ ئەمەسمۇ؟! ساۋاقداش، مانا ئەمدىغۇ يازىدىغان نەرسە تاپالماي قىينىلىپ يۈرمەسسىز؟ ئەگەر قىينالمايلا ماقالە يېزىشنى ئويلىسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككى شەرتنى ئوبدان ئورۇنداڭ:

      بىرىنچى، ماتېرىيال جۇغلاشقا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

      ساۋاقداش، سىز ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ ماقالە يازغاندا نېمە ئۈچۈن يازىدىغان گەپ تېپىلمايدۇ؟ بۇ يەردىكى ئەڭ تۈپكى سەۋەب شۇكى، ماتېرىيالنىڭ يوقلۇقىغا، ئەگەر ماتېرىيال بولمىسا ماقالە يېزىش ‹‹مۇمكىن بولمايدىغان ئىش››قا ئايلىنىپ ئۇنى ھەرگىز ياخشى يازغىلى بولمايدۇ. ئۇنداقتا، ماقالىنى ياخشى يېزىپ چىقىش ئۈچۈن ماتېرىيال جوغلاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، كەڭ كۆلەملىك ماتېرىيال توپلاش كېرەك.

(ئۆرنەك)

تەسىرات

نەزىرە مۇھەممەت

      مەن يازلىق تەتىلدە ئاپام بىلەن نەنسەنگە چىقتىم. مەن نەنسەنگە تۇنجى قېتىم چىققىنىم ھەم گۈزەل مەنزىرىنى بىرىنچى قېتىم كۆرگىنىم ئۈچۈن بەكمۇ ھاياجانلاندىم. بۈگۈن ھاۋا ئىنتايىن ئۇچۇق ئىدى. قۇيۇق ئۆسكەن ياپيېشىل قارىغايلار تاشتىن – تاشقا ئۇۇرۇلۇپ شارقىراپ ئېقىۋاتقان سۇلارغا قاراپ – قاراپ تويمايتتىم.

مەن نەنسەن مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىۋاتقاندا بىردىنلا كىتابلاردا ئېيتىلغان ‹‹ئورمانلىقلارنىڭ ئىچى ئىنتايىن ھەيۋەتلىك، سۈرلۈك بولىدۇ›› دېگەن گەپ ئېسىمگە كەلدى ۋە مەندە ‹‹بىر كۆرۈپ باقايچۇ›› دېگەن ئىستەك تۇغۇلدى. مەن ئاپام بىلەن بىللە ئورمانلىققا قاراپ ماڭدىم. توساتتىنلا كۆزۈم بىر چاتقالدا تور باغلاۋاتقان ئۆمۈچۈككە چۈشۈپ قالدى. دەل شۇ چاغدا ھاۋا بىردىنلا ئۆزگىرىپ بوران چىقىشقا باشلىرى. چاتقال بوراننىڭ كۈچىدىن سىلكىنىپ، ئۆمۈچۈكنىڭ ئاران باغلاۋاتقان تورىنى بۇزىۋەتتى. ئۆمۈچۈك ئۆز تورىنى بوراننىڭ بۇزىۋەتكەنلىكىگە قارىماي قايتا – قايتا ھەپىلىشىپ تورنى يەنە باغلاپ پۈتتۈردى. لېكىن ھەش – پەش دېگۈچە بوران پەسىيىپ، يامغۇر يېغىشقا باشلىدى. دەرەخلەر يامغۇرنى خېلىلا توسىۋالغان بولسىمۇ يامغۇر يەنىلا چۈشۈپ ئۆمۈچۈكنىڭ تورىنى يەنە بۇزىۋەتتى. ‹‹مەن ئىچىمدە ئۆمۈچۈك ئەمدى تورنى باغلىيالمايدىغان بولدى. چۈنكى، ئۆمۈچۈك ئۇدا ئىككى قېتىم تور باغلىغان بولسىمۇ، بوران بىلەن يامغۇر ئۇنىڭ تورىنى بۇزۇۋەتتى ئەمەسمۇ›› دەپ ئويلىدىم. تاغ ھاۋاسى ناھايىتى ئۆزگىرىشچان بولغاچقا بىردەمدىن كېيىن يامغۇر توختاپ ئاۋالقىدىنمۇ چىرايلىق ئاپتاپ چىقتى. بۇ چاغدا ئۆمۈچۈك چىقىپ يەنە تور باغلاشقا كىرىشتى ...

بىز ئورمانلىقتىن چىقىپ ئۆيگە قايتتۇق. مەن يولدا كېتىۋېتىپ مۇنۇلارنى ئويلىدىم: ‹‹ئۆمۈچۈك ئىككى قېتىم تور باغلاپ مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى. لېكىن ئۇ مەيۈسلەنمىدى، بۇ كىشىگە نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟ ئۇ كىشىگە قەيسەر روھ بولغاندىلا، ھەرقانداق نەرسىدە نەتىجە قازانغىلى بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرمەمدۇ؟ ... بەزىلەر بىرەر ئىشتا بىرەر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىسىلا روھىي چۈشۈپ كېتىدۇ ... بۇ توغرا ئەمەس! قىلغان ئىشىمىز توغرا بولىدىكەن قىلىش جەريانىدا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىساق تىز پۈكمەسلىكىمىز لازىم!››.

      مەن نەنسەندىن قايتىپ كەلدىم. بىراق، ئۆمۈچۈكنىڭ ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا، تىز پۈكمەيدىغان ئاشۇنداق قەيسەر روھى مېنىڭ قەلبىمدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى.

(باھا)

      ساۋاقداش، سىز بۇ ماقالىنى ئوقۇغاندىن كېيىن قانداق تەسىراتقا ئىگە بولدىڭىز؟ ماقالىدە ناھايىتى ئاددىي ھەم كىچىككىنە بىر ھەرىكەت جەريانى ئارقىلىق ئەھمىيەتلىك ھەم چوڭقۇر بىر باش تېمىنىڭ تۇرغۇزۇلغانلىقىنى ھېس قىلدىڭىزمۇ؟ ساۋاقداش نەزىرە كۆزىتىشكە قانچىلىك كۆپ ئەھمىيەت بەرگەن – ھە؟! گۈزەل، پايانسىز بىر ئورمانلىققا نىسبەتەن ئالغاندا، ئۇ يەردىكى ئۆمۈچۈكنىڭ تور باغلىنىشى كىشىنىڭ نەزىرىمۇ چۈشمەيدىغان كىچىككىنە بىر ئىش. ئەمما، نەزىرەنىڭ ئۆتكۈر كۆزلىرى بۇنى ھەرگىزمۇ قاچۇرۇپ قويمىغان. تاكى نەتىجىسى كۆرۈلگۈچە سەۋرچانلىق بىلەن كۈزەتكەن.

      2. ئەمەلىيەتكە قاتنىشىش

      ئەمەلىيەتكە قاتنىشىش – ئۆزى قىلىپ كېتەلمەيدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزى قىلىشنى، قاتنىشىشقا تېگىشلىك ئىش – پائالىيەتلەرنىڭ ھەممىسىگە تولۇق قاتنىشىشنى كۆرسىتىدۇ. ئەمەلىيەتكە قاتنىشىش تۇرمۇشنى بىۋاسىتە ھەم چوڭقۇر، ھەم چۈشىنىشنىڭ، ئىشەنچىلىك ماتېرىياللىرىغا، ئەمەلىي تەسىراتلارغا ئىگە بولۇشنىڭ مۇھىم بىر يولى.

      ئەمەلىيەتكە قاتنىشىشنىڭ كەمچىل بولۇشى – قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى قىلالماسلىقنى، ئاڭلاشقا تېگىشلىكلىرىنى ئاڭلىماسلىقنى كۆرسىتىدۇ. ئەمەلىي تۇرمۇشتا كىچىك دوستلارنىڭ قىلىشىغا باب كېلىدىغان، ئۇلار ئۆزلىرى بىۋاسىتە قول تىقىپ قىلىپ كېتەلەيدىغان نۇرغۇنلىغان ئىشلار بار. ئۇلار قاتناشقان بىرقاتار ئىشلار نۆۋىتى كەلگەندە ئۇلارنىڭ ماقالىلىرى ئۈچۈن قىممەتلىك ماتېرىيالغا ئايلىنىدۇ. مەسىلەن، كىر يۇيۇشنى، كىيىم ياماشنى، دەپتەر تىكىش ۋە كىتاب مۇقاۋىلاشنى ئۆگىنىش، تاماق ئېتىشنى، ۋېلسىپىت مىنىشنى ئۆگىنىش، تۈرلۈك مودېللارنى ياساشنى ئۆگىنىش ۋە باشقىلار.

(ئۆرنەك)

تۇنجى تېتىم قاچا – قۇچا يۇيۇش

ئېلىيار خەمىت

      دادام كاماندېوپكىغا چىقىپ كەتكەن بىر يەكشەنبە كۈنى ئىدى. ئاپامنىڭ پەقەتلا مىجەزى يوق بولۇپ، ياتقۇسى كېلىپلا تۇراتتى. چۈشتىن كېيىن تۇيۇقسىز مېھمانلار كېلىپ قالدى. مېھمانلار ئويناپ، كۈلۈشۈپ، ئازادە ئولتۇرۇشتى. ئاپام ئۇلارغا چاي تەييارلىدى، تاماق ئەتتى. مېھمانلار ئۇزىغاندىن كېيىن ئاپام تېخىمۇ ماغدۇرسىزلىنىپ يېتىۋېلىشقا ئاران ئۈلەۈرسى. بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ ناھايىتى جىددىلىشىپ كەتتىم. ئاپامغا ئازراق بولسىمۇ ياردەملىشەي دەپ ئويلىدىم، لېكىن نېمە قىلىشىم كېرەك؟ بۇ چاغدا كۆزۈم ئۈستەل ئۈستىدە يېيىلىپ تۇرغان قاچا – قۇچىلارغا چۈشتى. مەن دەرھال قاچا – قۇچىلارنى يىغىشتۇرۇپ، ئاشخانا ئۆيگە ئېلىپ كىرىپ، يۇيۇشقا باشلىدىم.

      مەن دەسلەپتە قاچا – قۇچىلارنى سوغۇق سۇ بىلەنلا يۇيۇۋېتىپ، قوللىرىم مايلىشىپ كەتتى. شۇ چاغدا ئاپامنىڭ قاچا – قۇچىلارنى ئىسسىق سۇ بىلەن يۇيىدىغانلىقى ئېسىمگە كەلدى. سۇ تەڭشىمەكچى بولۇپ قايناقسۇ قۇيۇۋېتىپ، سۇ بەك قىزىپ كەتتى. مەن يەنە سوغۇق سۇ قۇيدۇم. ئىشقىلىپ سۇنى تەڭشەشكە خېلى ۋاقىت كەتتى. ئاندىن قاچا يۇيۇش سۇيۇقلۇقى قۇيدۇم بىراق ئۇنى قۇيغاندىن كېيىن چىنىلەر سىلىقلىشىپ كەتتى، مەن ئۇلارنىڭ قۇلۇمدىن سېيرىلىپ چۈشۈپ چېقىلىپ كېتىشىدىن بەكلا ئەنسىرىدىم. ئاندىن قاچا – قۇچىلارنى سوغۇق سۇ بىلەن چايقاپ بولغۇچە، قولۇم بەكلا توڭلاپ كەتتى. قاچا – قۇچىلارنى يۇيۇشنىڭ بۇنچە تەسلىكىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىكەنمەن، يۇماي شۇ پېتى تاشلاپ قوياي دېگەن خىيالغىمۇ كەلدىم. بىراق مەن يۇمىسام كىم يۇيىدۇ دەپ ئويلاپ چىداپ ئىشنى تۈگەتتىم.

      مەنيۇيۇلغان قاچا – قۇچىلارنى ئېگىز – پەس دەستىلەپ قويۇپ، ياتاق ئۆيگە كىردىم. ئاپام تۇرقۇمغا قاراپ كۈلۈپ كەتتى. نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلەلمەي، ئاپامغا ھەيرانلىق بىلەن قارىدىم، ئاپام:

      – كىيىملىرىڭ نېمە بولۇپ كەتتى؟ – دەپ سورىغاندىلا، ئاندىن ئۈستى – بېشىمنىڭ ھۆل بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىلدىم. مەن ئاپامغا قاچا – قۇچىلارنى يۇيۇۋەتكەنلىكىمنى ئېيتىۋېتىپ، ئۇ خۇشاللىقتىن كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ، ئامراقلىق بىلەن مېنى باغرىغا باستى، مەن ئاپامنىڭ چىرايىدىن ئۇنىڭ خېلىلا ياخشى بولۇپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدىم.

      مەن ئىلگىرى،قاچا – قۇچا يۇيۇشتەك ئۇششاق ئائىلە ئىشلىرىنى قىزلار قىلىدۇ، ئوغۇللار بولسا ئائىلىنىڭ ئېغىر ئىشلىرىنىلا قىلىشى كېرەك، دەپ ئويلايتتىم. بۇ ئىشتىن كېيىن مەن ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشنىڭمۇ ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم.

(باھا)

      مانا بۇ ماقالىدە كىچىك ئاپتور ئۆزىنىڭ قاچا – قۇچىلارنى يۇيۇشنى ئۆگىنىش جەريانىنى ناھايىتى جانلىق يېزىش ئارقىلىق كەڭ ساۋاقداشلارنى ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىشنى ئۆگىنىپ، ئاتا – ئانىلارغا ياردەملىشىشكە چاقىرغان. ئەگەر بۇ ساۋاقداش ئەمەلىيەتكە قاتناشمىغان بولسا بۇ ماقالىسىنى شۇنچە تەبىئىي ھەم جانلىق يېزىپ چىقالارمىدى؟ مېنىڭچە، بۇ ساۋاقداش قاچا – قۇچا يۇيۇشتىن ئىبارەت ئەمەلىيەتكە قاتناشمىغان بولسا بۇ ماقالىنىڭ ماتېرىيالىمۇ مەيدانغا كەلمىگەن بولاتتى.

      3. كىتاب ئوقۇش

      يېزىقچىلىق ماتېرىياللىرى بىر تەرەپتىن، بىۋاسىتە بىلىش – ئاساسلىقى كۆزىتىشتىن كەلسە، يەنە بىر تەرەپتىن، ۋاسىتىلىك تەجرىبە، ئاساسلىقى كىتاب ئوقۇشتىن كېلىدۇ. ئەمەلىيەتكە قاتنىشىش ۋە كۆزىتىش ماتېرىيال توپلاشنىڭ ئاساسلىق يولى. كىتاب ئوقۇشمۇ تۇرمۇشنى چۈشىنىش، ماتېرىيال توپلاشنىڭ ئاساسلىق يولى. كىتاب ئوقۇش تۇرمۇش ئاساسى ئاجىز ساۋاقدشلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا تېخىمۇ مۇھىم.

      ساۋاقداش، سىز ئۇنىڭغا ئىشىنىڭكى، ئەگەر سىز ياخشى يېزىلغان ماقالە – ئەسەردىن ئون نەچچە پارچىنى تازا پىششىق ئوقۇۋالسىڭىز ياكى يادلىۋالسىڭىز، ماقالە يازغاندا تەسىراتىڭىزنى ئاسانلا يازالايسىز. ياخشى يېزىلغان ماقالىلەر سىزگە قاتتىق كۆزىتىش، قانداق يېزىش يوللىرىنىمۇ ۋاستىلىق ھالدا كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ. كىتابنى كۆپ ئوقۇغاندا تۇرمۇشنى تېخىمۇ چۈشەنگىلى، تېخىمۇ كۆپ ماتېرىياللارغا ئېرىشكىلى بولىدۇ.

      ‹‹ئەدەبىيات›› دەرسلىك كىتابىدىكى ھەربىر ماقالە ئەسەر كىچىك دوستلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى چىقىش قىلغان ھالدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ھەم قايتا – قايتا تاللاشتىن ئۆتكەن. دەرسلىكتىكى ھەربىر پارچە ماقالە، ئەسەرنىڭ باش تېمىسى توغرا، ئېنىق، يېزىلىش ئۇسلۇبى جانلىق، ئەپچىل بولۇپ، ئۇلار ساۋاقداشلارنىڭ ماقالە يېزىشنى ئۆگىنىشىدىكى ئەڭ ياخشى ئۈلگىلەردۇر. ھەربىر ساۋاقداش ئۇستازلىرىنىڭ ياردىمىدە دەرسلىكتىكى ماقالىلەرنى پىششىق ئوقۇپ، چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ ماڭسا، بەزى ھالقىلىق بۆلەك، ئابزاسلارنى يادلىۋالسا پۇختا ئۆزلەشتۈرۈۋالسا بۇلار ئۇنىڭ ئەمەلىي بىلىمىگە ئايلىنىپ ماقالە يېزىش قابىلىيىتىنىڭ ئۆسۈشىگە ياردەم بېرىدۇ.

كىتاب يەنە بىزنىڭ يېزىقچىلىق خام ماتېرىياللارنى توپلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ. شۇڭا بىز كىتاب ئوقۇغاندا مۇھىم نۇقتىلارنى تۈرلەرگە بۆلۈپ خاتىرىلىۋېلىشىمىز لازىم. مەسىلەن، مۇۋاپىق ئىشلىتىلگەن سۆزلەر، ئوبرازلىق جۈملىلەر، ئېسىل پارچىلار، گۈزەل تەسۋىرلەر قاتارلىقلار. ماتېرىيال توپلاشتا ئەڭ مۇھىمى خام ماتېرىياللارنى دائىم خاتىرىلەپ مېڭىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك. خام ماتېرىياللارنى خاتىرىلەش ۋە يىغىشتا مۇنداق ئىككى خىل ئۇسۇلنى قوللىنىشقا بولىدۇ. بىرىنچى، خاتىرە يېزىش شەكلى. بىز بىر كىچىك خاتىرە سېتىۋېلىپ دائىم ئۇنى يانچۇقىمىزغا سېلىپ يۈرۈپ، ھەرقانداق ۋاقىت، ھەرقانداق جايدا يېزىقچىلىق خام ماتېرىياللاللىرىنى بايقىساقلا، ئاددىي قىلىپ خاتىرىۋېلىشىمىز كېرەك.

      ئىككىنچى، كۈندىلىك خاتىرە يېزىش شەكلى. بىز دائىم كۆپچىلىكنىڭ كۈندىلىك خاتىرە يېزىشىنى تەشەببۇس قىلىمىز، ساۋاقداشلار ھەر كۈنى ئاخشىمى كۈندىلىك خاتىرە يازغاندا ئاۋۋال ئۆزى كۆرگەن، ئاڭلىغان ۋە ئويلىغان ئىشلىرىنى بىر قۇر ئەسلەپ، ئاندىن نۇقتىلىق ھالدا قىزىقارلىقلىرىنى، تەسىرى چوڭقۇر بولغانلىرىنى كۈندىلىك خاتىرىگە يېزىش كېرەك. بۇ ئىككى خىل شەكىلدىن پايدىلىنىپ خام ماتېرىياللارنى خاتىرىلىگگندە رەتلىك بولۇشىغا، تۈرلەرگە ئايرىپ يېزىشقا دىققەت قىلىش كېرەك. بىرەر نەرسە يازمەقچى بولغىنىمىزدا خاتىرە دەپتەرنى ياكى كۈندىلىك خاتىرىدىن بىرنەچچە ماتېرىيالنى تېپىپ، تاللاش ۋە پىشىقلاش ئېلىپ باقساقلا بولىدۇ. ئادەتتە كۆپلىگەن ماقالە – ئەسەرلەر مانا مۇشۇنداق يوللار ئارقىلىق پۈتۈپ چىقىدۇ. قېنى، سىزمۇ يۇقىرىقى ئۇسۇللارغا ئاساسەن ئۆزىڭىزنى بىر سىناپ باقمامسىلەر!!!

مەنبە: ‹‹ماقالە يېزىش يېتەكچىسى››دىن تەھرىر: ئاينۇر