باش بەت | تۇرمۇش ساۋاتلىرى

ناشتا قىلمىغاندا

      تەتقىقاتچىلار 12 مىڭ كىشىنىڭ ئەتىگەنلىك تاماق يېيىش ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ تۆۋەندىكى خۇلاسىنى چىقارغان:

      ئەتىگەندە تاماق يېمەيدىغانلاردا قاننىڭ يېپىشقاقلىق، قويۇقلۇق دەرىجىسى يۇقىرىلاپ كېتىدىكەن. بۇنىڭدىكى سەۋەب، قاننىڭ يېپىشقاقلىق دەرىجىسى سەھەردە يۇقىرى بولىدىكەن، ۋاھالەنكى ئەتىگەنلىك تاماق يېمىگەنلەرنىڭ قېنىنىڭ يېپىشقاقلىق دەرىجىسى تېخىمۇ يۇقىرىلاپ كېتىپ، قان نوكچىسى شەكىللىنىش مۇمكىنچىلىكى ئەتىگەندە تاماق يەيدىغانلارنىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە تەڭ كېلىدىكەن. شۇڭا، ئەتىگەندە تاماق يېمەيدىغانلار ئاسانلا يۈرەك ۋە سەكتە كېسىلىگە گىرىپتار بولىدىكەن.

      ئەتىگەندە تاماق يېمەيدىغانلارنىڭ ئۆتتە تاش پەيدا بولۇش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرى ئېشىپ كېتىدىكەن. كىلىنىكىدا بايقىلىشىچە، نۇرغۇن ئۆتىدە تاش پەيدا بولغان ئاغرىقنىڭ ئەتىگەندە تاماق يېمەيدىغان ناچار ئادىتى بار ئىكەن. بۇنىڭ سەۋەبى، ئەتىگەندە تاماق يېمەيدىغانلارنىڭ ئاچ قورساق تۇرىدىغان ۋاقتى ئۇزاقراق بولۇپ (ئالدىنقى كۈنى كەچتىن ئەتىسى چۈشكىچە)، ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىشى ئازىيىپ، ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ تەركىبىدە ئۆزگىرىش يۈز بېرىدىكەن، ئۆت سۇيۇقلۇقىدىكى خۇلېستېرىن تويۇنغان ھالەتتە بولۇپ، ئاسانلا ئۆت خالتىسىنىڭ ئىچىگە تىنىپ قالىدىكەن، ۋاقىت ئۇزارغانچە ئۇ ئۆتتە تاش بولۇپ شەكىللىنىدىكەن. بەدىنى سېمىزرەك ئوتتۇرا ياش ئاياللار دائىم ئەتىگەندە تاماق يېمىسە، ئۆتتە تاش پەيدا بولۇش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش مۇمكىنچىلىكى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن.

      ئەتىگەندە تاماق يېمەيدىغانلارنىڭ قەنت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى يۇقىرى بولىدىكەن. تەتقىقاتچىلار  25 ياشتىن 37 ياشقىچە بولغان 2681 نەپەر كىشىنى سەككىز يىل ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەن. نەتىجىدە، ئەتىگەندە تاماق يېمەيدىغانلاردا ھەر كۈنى ئەتىگەنلىك تاماق يەيدىغان كىشىلەرگە قارىغاندا ئىنسۇلىننىڭ قارشىلىقى يۈز بېرىش نىسبىتى %50 يۇقىرى بولغان. ئېنسۇلىننىڭ قارشىلىقى قەنت كېسىلىنىڭ ئالدىن كۆرۈلىدىغان ئالامىتىدۇر.

      ئەتىگەندە تاماق يېمەيدىغانلار ئاسانلا ئاشقازان يارىسىغا گىرىپتار بولىدىكەن. ئەتىگەندە تاماق يېمىگەن ھالەتتىمۇ، ئاشقازان كىسلاتاسى يەنىلا نورمال ئاجرىتىلىدۇ، ئاشقازان قۇرۇق بولغاچقا، ئاشقازان شىللىق پەردىسى ئاسانلا ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچرايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاشقازان يارىسى ياكى ئاشقازان يەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەتىگەنلىك تاماق يېمىگەندە قورساق دائىم ئاچ ھالەتتە تۇرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن، چۈشلۈك تاماقنى كۆپرەك يېۋىلىپ، ئاشقازان شىللىق پەردىسى كېرىلىپ كېتىپ، ئاسانلا ئاشقازان ئاغرىش ياكى باشقا كېسەللەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى تەھرىر: قەلبىنۇر