باش بەت | چەت ئەل ئەدەبىياتى

كېۋەز مېۋىسىدىن چىققان ياشلار

       بېرمىنىڭ مەلۇم بىز يېزىسىدا تۆت ياش بار ئىكەن. ئۇلار كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان ھەر خىل غەلىتە ھېكايىلەرنى توقۇيدىكەن.

      بىر كۈنى، بۇ تۆتەيلەن بىر يولۇچىنىڭ يېزىنىڭ سىرتىدىكى بىر مېھمانخانىدا ئولتۇرۇپ دەم ئېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قاپتۇ. قارىسا ئۇچىسىغا ئازادە كىيىم كىيىۋالغانىكەن. ئۇلار ھىيلە ئىشلىتىپ، ئۇنىڭ ئۇچىسىدىكى چىرايلىق كىيىمىنى سالدۇرۋالماقچى بوپتۇ – دە، يولۇچىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا:

      – قوللىشىپ باقسام قانداق؟ ھەرقايسىمىز ئۆز بېشىمىزدىن ئۆتكەن ئەڭ غەلىتە، ئاجايىپ – غارايىپ ئىشلارنى سۆزلەيلى، كىمىكى ئاڭلىغانلىرىغا ئىشەنمىسە، سۆزلىگۈچىنىڭ قۇلى بولسۇن، – دەپتۇ.

      يولۇچى ئۇلارنىڭ بۇ تەكلىپىگە ماقۇل بوپتۇ، ئۇنىڭ ماقۇل بولغىنىنى كۆرۈپ، تۆتەيلەن ئىچىدە كۈلۈشۈپ، يولۇچىنى قاپاقباش ئادەم ھېسابلىشىپتۇ. ئۇلار يولۇچىنىڭمۇ يالغان – ياۋىداق ھېكايىلەرنى توقۇيالايدىغانلىقىنى ئېسىگە كەلتۈرۈپمۇ قويماپتۇ. مۇبادا ھېكايە توقۇيال\لايدىغان بولۇپ قالسىمۇ، ئىشىمەن دەپلا قويساق، ئۇنىڭ توقىغان ھېكايىسى ئىككى پۇل بولۇپ كېتىدۇ، دەپ ئويلاپتۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇلار ئۆزلىرى توقۇماقچى بولغان ھېكايىنى كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان غەلىتە ھېكايە دەپ قاراپ، يولۇچى ئاڭلىسىلا ھەممىنى ئۇنتۇپ، ئۇنىڭ راستلىقىغا ئىشەنمەيدۇ، دەپ ھېسابلاپتۇ. ئۇلار راستى بىلەن يولۇچىنى ئۆزىگە قۇل قىلماقچى ئەمەس، ئېرىشمەكچى بولغىنى يولۇچىنىڭ ئۇچىسىدىكى كىيىم، چۈنكى قۇل دېگەننىڭ بەدىنىلا ئەمەس، بارلىق مال – مۈلىكىمۇ قۇل ئىگىسىگە تەۋە بولىدۇ – دە!

      ھېلىقى تۆت ياش يېزىنىڭ باشلىقىنى چاقىرتىپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرسىدىكى قوللىشىغا گۇۋاھچى قىپتۇ.

      تۆت ياش ئۆزلىرىنىڭ غەلىتە، ئاجايىپ – غارايىپ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بوپتۇ. بىراق يولۇچى بېشىنى لىڭشىتىپ ھەممىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ.

      ئەمدى نۆۋەت يولۇچىغا كەپتۇ، ئۇ سۆز باشلاپتۇ:

      – بۇنىڭدىن بىر نەچچە يىل بۇرۇن، كېۋەزلىكىمدە بىر تۈپ كېۋەز ئاجايىپ يوغان ئۆستى، رەڭگى قىپقىزىل، پارقىراپ نۇر چېچىپ تۇرىدۇ، بۇ بىر تۈپ كېۋەز ئۇزاققىچە يوپۇرماقمۇ چىقارمىدى، شاخمۇ چىقارمىدى، لېكىن ئاخىرى تۆت تال شاخ چىقاردى، بۇ شاخلاردا يوپۇرماق يوق،ئەمما ھەربىر شاختا بىردىن مېۋە بولدى. مەن بۇ تۆت تال مېۋىنى ئېلىپ، ئوتتۇرىسىنى ئېچىپ قارىسام، ھەربىرسىنىڭ ئىچىدىن بىردىن ياش يىگىت سەكرەپ چۈشتى. بۇلار مېنىڭ كېۋىزىمدىن بولغان مېۋىنىڭ ئىچىدىن چىققان بولغاچقا، قانۇن بويىچە مېنىڭ قۇلۇم بولۇشى كېرەك، شۇڭا مەن ئۇلارنى كېۋەزلىكتە ئىشلەتتىم. ئۇلار بىر – بىرىدىن ئۆتۈپ كەتكەن ھورۇنلار ئىكەن، بىرنەچچە ھەپتە ئىشلىگەندىن كېيىن، دېھقانچىلىق مەيدانىمدىن قېچىپ كەتتى. شۇندىن ئېتىبارەن دۆلەتنىڭ ھەممە يېرىگە بېرىپ، ئاشۇ تۆت قۇلنى ئىزدەپ يۈرگەنىدىم، مانا ھازىر تېپىلدى. يىگىتلەر، كۆڭلۈڭلەرگە ئايان بولغاندۇ، بىلىپ قويۇڭلاركى، سىلەر مېنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان ئىزدەپ يۈرگەن قۇللىرىم، مەن بىلەن بىللە بىزنىڭ مەيدانغا قايتىڭلار.

      تۆت ياش غەمگە پاتقان ھالدا باشلىرىنى تۆۋەن سېلىشىپتۇ. چۈنكى راست شۇنداق دەپ قالسا، ئۆزلىرىنىڭ يولۇچىنىڭ قۇلى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغانلىق بولىدىكەن. ئەگەر ئىشەنمەيمەن دەيدىغان بولسا، قوللاشقان چاغدىكى شەرت بويىچە، ئۇلار ئوخشاشلا يەنە يولۇچىنىڭ قۇلى بولىدىكەن. يېزا باشلىقى ئۇلارنى يولۇچىنىڭ گېپىگە ئىشىنەمسىلەر، ئىشەنمەمسىلەر دەپ ئۈچ قېتىم سۈيلەپتۇ، لېكىن ئۇلار گەپ قىلماي تۇرۇۋاپتۇ. ئاخرىدا يېزا باشلىقى يولۇچىنىڭ ئۇتقانلىقىنى جاكارلاپتۇ.

      يولۇچى كەڭ قورساق ئادەم ئىكەن، ئۇ ھېلىقى تۆت ياشقا قاراپ دەپتۇ:

      – ئۇچاڭلاردىكى كىيىممۇ ماڭا تەۋە، چۈنكى سىلەر مېنىڭ قۇلۇم، ئۇچاڭلاردىكى كىيىملىرىڭلارنى سېلىپ، ماڭا تاپشۇرۇپ بېرىڭلار، مەن شۇئان سىلەرگە ئەركىنلىك بېرىمەن.

      ئاخىرى، ھېلىقى تۆت ياش ئىلاجىسىز ئۇچىسىدىكى كىيىمىنى سېلىپ يولۇچىغا بېرىپتۇ.

 

مەنبە: چەت ئەل ئەقىل – پاراسەتكە دائىر ھېكايىلەر تەھرىر: ئاينۇر