باش بەت | بايراق چىقىرىش مۇراسىمى نۇتقى

مۇھىت ئاسرىغۇچى بولايلى

        يەر شارى ئىنسانلارنىڭ ئورتاق ئائىلىسى. سانائەتلىشىشنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى بىلەن كېرەكسىز نەرسىلەر ۋە تۇرمۇش ئەخلەتلىرى كۆپەيدى. يەر شارىنىڭ چەكلىك بولغان ئۆزىنى تازلاش ئىقتىدارىمۇ كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقان بېسىملارغا بەرداشلىق بېرەلمەيۋاتىدۇ.

     بىرەيلەن يەر شارىنى ‹‹گۈزەل قىز›› غا ئوخشاتقان. بىز ‹‹يەر شارى قىز››نىڭ گۈزەللىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن يەر شارىنى تازلىشىمىز، ئۇنىڭغا ئەڭ چىرايلىق كىيىملەرنى كىيدۈرۈشىمىز كېرەك. بىز ‹‹ئورمان تازىلىق ئىشچىسى›› بولۇپ ئورمانلىقتا ئۇچۇپ، تاشلىنىپ يۈرگەن سۇلياۋ خالتىلارنى بىر تەرەپ قىلىشىمىز، ‹‹دەريا تازىلىق ئىشچىسى ›› بولۇپ سۇدىكى ھەرخىل ئەخلەتلەرنى تازلىشىمىز، ‹‹ھاۋا تازىلىق ئىشچىسى بولۇپ ›› بولۇپ ئاتا – ئانىمىزنى كۆپ مېڭىپ ماشىنىنى ئاز ھەيدەشكە رىغبەتلەندۈرۈشىمىز كېرەك.

      ساۋاقداشلار 9 – ئاينىڭ 14 – كۈنى ‹‹دۇنيا يەر شارىنى تازلاش كۈنى ›› بىز بۇ كۈننى قىزغىن كۈتۈۋېلىپ، دىيارىمىزدىكى ھەر بىر چىمدىم تۇپراقنى ئەزىزلەپ، ئاددىي – ساددا ‹‹يەر شارى تازلىقچىسى›› ۋە ‹‹مۇھىت ئاسرىغۇچى›› بولايلى!

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: قەلبىنۇر