باش بەت | ئەدەبىي ئەسەرلەر

قاغا بىلەن قارلىغاچ

(چۆچەك)

ئۆمەر مەتنۇرى قۇتيار

      1. بۇرۇن كاتتا بىر باغدا سۇمۇرغ دەيدىغان قۇش بولۇپ 72 خىل ھۈنەرنى بىلىدىكەن. قايسى قۇش ھۈنەر ئۆگەنگىلى كەلسە زېرىكمەي – تېرىكمەي ئۆگىتىدىكەن. شۇ كۈنلەردە قاغا بىلەن قارلىغاچ ھۈنەر ئۆگەنگىلى سۇمۇرغنىڭ ھۇزۇرىغا كەپتۇ. سۇمۇرغ ئۇلاردىن قايسى ھۈنەرنى ئۆگەنمەكچى بولغانلىقىنى سوراپتۇ.

      2. قارلىغاچ قەتئىيلىك بىلەن: ‹‹ئۆي ياساشنى ئۆگىنەي›› دەپتۇ. قاغا بىردەم بېشىنى قاشلاپ: ‹‹ساتىراشلىقنى ئۆگىنەيمىكىن›› دەپتۇ. سۇمۇرغ ئۇلارغا ھۈنەر ئۆگىتىشكە باشلاپتۇ. قارلىغاچ سۇمۇرغنىڭ سۆزلىگىنىنى دىققەت بىلەن ئاڭلاپتۇ ۋە ئۆي سېلىشنى مەشىق قىپتۇ.

      3. ئىككى كۈن ئۆتكەندە قاغىنىڭ يېنىغا بىر جىگدىچى كېلىپ: ‹‹شورلىشاڭغۇ يەرلەرگە، ئۇرۇق سالسا ئۈنەمدۇ؟ قاغا ئاكا، ئويلاپ باق، ساتىراشلىق ھۈنەرمۇ؟›› دەپتۇ. قاغا بىر كېچە ئويلىنىپتۇ ۋە ئەتىسى سۇمۇرغقا: ‹‹تىككۈچىلىكنى ئۆگىتىپ قويسىلا بوپتىكەن›› دەپتۇ. سۇمۇرغ ماقۇل بوپتۇ.

      4. ئارىدىن تۆت كۈن ئۆتكەندە ھۆپۈپ كېلىپ: ‹‹مۈشۈك قانات قاقمايدۇ، قىشتا دوغاپ ئاقمايدۇ. تىككۈچىلىك ھۈنىرى، بۇندىن كېيىن ئاقمايدۇ›› دەپتۇ. قاغا سۇمۇرغقا: ‹‹قانداق ئىش بار دەپ تۇرۇڭ، ئالدىڭىزدا يۈگۈرەي. مەرتەم – مەرتەم ئۈچ مەرتەم، ناۋايلىقنى ئۆگىنەي›› دەپتۇ. سۇمۇرغ: ‹‹›يىگىت سۆزىدىن يانماس، يولۋاس ئىزىدىن‹ دەپتىكەن، نىشانىڭىز ئېنىق بولسۇن›› دەپتۇ ۋە ناۋايلىقنى ئۆگىتىپتۇ.

      5. دەل ئون ئىككى كۈن بولغاندا قاغا تورغاي بىلەن ھەمداستىخان بولۇپ قاپتۇ. تورغاي: ‹‹دەمدەر مۇڭلۇق ئۈنلەيدۇ، بۈركۈت سانى كۈنلەيدۇ. ناۋايلىقنىڭ دەردىنى، قىلمىغانلار بىلمەيدۇ›› دەپ بۇ ھۈنەرنى قەتئىي قىلماسلىق توغرىسىدا بىرمۇنچە سۆزلەپ قاغىغا ناخشا ئېيتىشنى ئۆگىتىپ قويىدىغان بوپتۇ. قاغا تورغاينى ئۇستاز تۇتۇپ ناخشا ئېيتىشنى مەشىق قىپتۇ.

      6. قاغا: ‹‹قاق، قاق، قاق، چاپىنىم ئاپئاق. تاتلىق – تۈرۈمگە مەن بەكمۇ ئامراق›› دېگەن ناخشىنى ئۆگىنىۋېلىپلا تورغايغا خوشمۇ دېمەي كېتىپتۇ. ناخشا ئېيتىپ پۇل تاپماقچى بولسىمۇ قۇشلار شاپاق ئېتىپ ئۇنى قوغلاپتۇ. قارلىغاچ ئۆي سېلىشنى ئۈچ يىل ئۆگىنىپ ئۇستا بىناكارغا ئايلىنىپتۇ. قاغا ھېچنەرسىنى ئۆگىنەلمەي ئاخىر ئوغرى بوپتۇ. ‹‹ھۈنىرى يوق كىشىنىڭ، مەززىسى يوق ئىشىنىڭ›› دېگەن ماقال شۇنىڭدىن قاپتۇ.

(ئاپتور قاراقاش ناھىيەلىك 1 – ئوتتۇرا مەكتەپتە)

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر