باش بەت | كائىنات سىرلىرى

يۇلتۇزلار يۇرتى ۋە يۇلتۇزلار تۈركۈمى

      ئاسماندا شۇنچە كۆپ يۇلتۇزلار تۇرسا، بىز ئۇلارنى قانداق پەرق ئېتىمىز. قەدىمدىن تارتىپلا ئاسترونوملار ئاسمان بوشلۇقىنى نۇرغۇن رايونلارغا ئايرىپ چىقىشنى ئويلاشقان. ھەر بىر رايوننى بىر يۇلتۇزلار تۈركۈمى قىلغان. يۇلتۇزلار تۈركۈمى بويىچە يۇلتۇزلارنى تونۇش خېلىلا ئوڭاي. جۇڭگودا قەدىمكى زامانلاردا ئاسمان بوشلۇقىنى ئۈچ يۇلتۇزلار رايونى، 28 يۇلتۇزلار يۇرتىغا ئايرىپ چىققان.

 

جۇڭگونىڭ قەدىمكى ماكانلاردىكى يۇلتۇز ماكانلىرى

      جۇڭگونىڭ قەدىمكى كىشىلىرى ئاسمان بوشلۇقىنى ئوتتۇرا، شەرق، غەرب، جەنۇب، شىمال دېگەن 5 چوڭ بۇرجغا ئايرىغان. ئوتتۇرا بۇرجنى خان سارىيى، ئامبال مەھكىمىسى، ساماۋى بازار دېگەن ئۈچ يۇلتۇز رايونىغا بۆلگەن. شەرق، غەرب، شىمال، جەنۇب دېگەن تۆت بۇرج سىمۋوللۇق ھايۋان نامى بىلەنمۇ ئاتالغان، ئۇلار ئايرىم – ئايرىم ھالدا كۆك ئەجدىھا، ئاق يولۋاس، قىزىل قۇش، تاشپاقا – يىلانلاردىن ئىبارەت، ھەر بىر بۇرج يەنە يەتتىدىن يۇلتۇزلار يۇرتىغا ئايرىلغان بولۇپ، جەمئىي 28 يۇلتۇزلار يۇرتى بار، نۇرغۇنلىغان يۇلتۇزلارغا يۇلتۇزلار يۇرتلىرىنىڭ نامى قويۇلغان. مەسىلەن، ئورىئون a يۇلتۇزى، ئەقرەب a يۇلتۇزى، سۇنبۇلە a يۇلتۇزى قاتارلىقلار. بۇ خىل ئاتاش ھازىرمۇ قوللىنىلىۋاتىدۇ.

 

خەلقئارا ئورتاق قوللىنىلىۋاتقان يۇلتۇزلار تۈركۈملىرى

      قەدىمكى يۇنانلىقلار پەقەت شىمالىي يېرىم شارنىڭ ئاسمىنىنىلا كۆزەتكەنلىكتىن، جەنۇبىي يېرىم شار ئاسمىنىنى ئانچە بىلمەيتتى. 1928 – يىلى خەلقئارا ئاسترونومىيە بىرلەشمىسى قەدىمكى يۇنان يۇلتۇزلار تۈركۈملىرى سىستېمىسى ئاساسىدا، پۈتكۈل يەر شارى ئاسمىنىنى 88 يۇلتۇزلار تۈركۈمىگە ئايرىپ، بۇنى خەلقئارادا ئورتاق قوللىنىلىدىغان يۇلتۇزلار تۈركۈمى قىلغان.

 

قەدىمكى يۇناننىڭ يۇلتۇزلار تۈركۈملىرى

      قەدىمكى يۇنانلىقلار ئاسماننى 48 يۇلتۇز تۈركۈمىگە ئايرىغان. ئۇلار يەنە ھەربىر يۇلتۇزلار تۈركۈمىدىكى يورۇق يۇلتۇزلارنى ھەر خىل ئادەم، ھايۋان ياكى باشقا جىسىملارنىڭ شەكلىگە كەلتۈرۈپ تۇتاشتۇرۇپ، ئۇلارغا ئەپسانىلەردىكى قەھرىمانلارنىڭ ئىسىملىرىنى قويغان.

 

ئېكلىپتىكىدىكى 12 يۇلتۇزلار تۈركۈمى

      يەر شارىدىن قارىساق، قۇياش ھەر يىلى يۇلتۇزلار ئارىلىقىدا سەير قىلىدىغانلىقىنى كۆرىمىز، ئۇنىڭ سەير قىلغان يولى ئېكلىپتىكا دەپ ئاتىلىدۇ. قۇياش ھەر يىلى 21 يۇلتۇزلار تۈركۈمىدىن ئۆتىدۇ. كىشىلەر بۇ يۇلتۇز تۈركۈمىنى ئېكلىپتىكىدىكى 12 يۇلتۇزلار تۈركۈمى دەپ ئاتىشىدۇ.

 

مەنبە: جۇڭگو بالىلار قامۇسى تەھرىر: ئاينۇر