باش بەت | سەيلىگاھلار

نارات ئىلى ئوبلاستىنىڭ ساياھەت ماركىسىغا ئايلاندى

نارات ئىلى ئوبلاستىنىڭ ساياھەت ماركىسىغا ئايلاندى 2009- 05- 26 10:58 تەڭرىتاغ تورى

 

      ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز كامال جامال خەۋىرى، فوتوسى: كۆنەس ناھىيەسىنىڭ نارات مەنزىرە رايونى رەڭدار يايلاق مەدەنىيىتى ۋە ئۆزگىچە گۈزەللىكى بىلەن ‹‹نارات›› ماركىسىدىن ئىبارەت داڭلىق ساياھەت ماركىسىنى بەرپا قىلدى.

      مەملىكەت بويىچە 4A دەرىجىلىك ساياھەت رايونى بولغان نارات مەنزىرە رايونىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 960 كوۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن 1800 مېتىر ئېگىزلىككە جايلاشقان. مەنزىرە رايوننىڭ يىللىق ھۆل – يىغىن مىقدارى 880 مىللىمېتىر بولۇپ، تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە ساياھەت قىلىشقا ماس كېلىدۇ. مەنزىرە رايوندا، ياپيېشىل قارغايلار بىلەن ئورالغان تاغلار، كۆز يەتكىسىز يېشىل يايلاق، تاغ گۈللىرى، مۇڭغۇل ۋە ئويسۇن قەبىلىسىنىڭ تارىخى ئابىدىلىرى بار. قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ يايلاق يولى ۋە تەڭرىتاغ يولىنىڭ مۇھىم تۈگۈنى بولغان نارەت مەنزىرە رايونى، مەنزىرە، يايلاق مەدەنىيىتى ۋە قويۇق مىللىي ئۆرپ – ئادەت مەدەنىيىتى بىلەن ئىلى ئوبلاستىنىڭ ساياھەتچىلىكىدىكى كۆزنەك ئورۇنغا ئايلاندى. بولۇپمۇ نارات ساياھەت ئايرودرومىنىڭ تەسىس قىلىنىشى نارات مەنزىرە رايونىنىڭ ساياھەتچىلىك كەسىپىنى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈردى. جۇڭگو شەھەر لايىھەلەش تەتقىقات ئاكادېمىيىسى لاھىيەلىگەن، نارات يايلاق سەيلىگاھ قۇرۇلۇش ئومۇمىي پىلانى بۇ يىلنىڭ بېشىدا مۇتەخەسىسلەرنىڭ باھالىشىدىن ئۆتۈپ، نارات سەيلىگاھى تۈنجى قېتىم خەلقئارالىق ئىسسىق بەلۋاغ يايلاق سەيلىگاھى تىپىدىكى ساياھەت نۇقتىسى قىلىپ بېكىتىلدى. بۇ پىلاندا نارات سەيلىگاھىدىكى 137 ساياھەت نۇقتىسى قېزىپ چىقىرىلغان بولۇپ، سەيلىگاھلاردا تۇرمۇش رايونى ، سەيلى – ساياھەت رايونى، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى قوغداش رايونى قاتارلىق تۆت چوڭ رايون بەرپا قىلىش تۈرى يولغا قويۇلدى.

 

نارات مەنزىرى رايونىدىن كۆرۈنۈشلەر

 

مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى تەھرىر: ئاينۇر