باش بەت | ئۇنىۋېرسال ئۇچۇرلار

پارتا – ئورۇندۇقنىڭ ‹‹بويى ئۆستىمۇ››

      بالىلارنىڭ بويى يىلدىن يىلغا ئۆسسىمۇ ئۇلارغا ھەمراھ بولىدىغان پارتا – ئورۇندۇقنىڭ ئېگىزلىكىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى. ئاتا – ئانىلار، بالىلار پارتا – ئورۇندۇقنىڭ ‹‹بويىنىڭ ئۆسۈشى››نى ئۈمىد قىلىشماقتا.

      يىللاردىن بۇيان تۇرمۇش شارائىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ ئوتتۇرىچە بوي ئېگىزلىكى ئۆرلىدى. بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان ‹‹ئېگىز بوي، پاكار پارتا – ئورۇندۇق›› ئەھۋالى بىلەن ئىلگىرى يولغا قويۇلغان بالىلارنى ھەقسىز، يېرىم بېلەت بىلەن تەمىنلەشتىكى ئېگىزلىك چەكلىمىسى ھازىرقى ئەمەلىي ئەھۋالغا ماس كەلمەيدىغان بولۇپ قالدى. مانا مۇشۇنداق سەۋەب تۈپەيلى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بالىلارنى ھەقسىز، يېرىم بېلەت بىلەن تەمىنلەشتىكى ئېگىزلىك چەكلىمىسى بولغان 1.1 مېتىر بىلەن 1.4 مېتىرنى 1.2 مېتىر ۋە  1.5 مېتىرغا ئۆزگەرتتى. لېكىن، پارتا – ئورۇندۇقنىڭ ئېگىزلىكى يەنىلا دۆلەتنىڭ 2003 – يىلى ئېلان قىلغان ئۆلچىمى بويىچە توختاپ قالدى. كۆپچىلىك بالىلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىگىلا ئەھمىيەت بېرىپ بوي ئېگىزلىكى بىلەن پارتا – ئورۇندۇقنىڭ ئېگىزلىكى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە سەل قارىدى.

      پارتا – ئورۇندۇقنىڭ ‹‹ماس كەلمەسلىكى›› ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىك نىسبىتىنىڭ يۇقىرىلاپ كېتىشىنى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئولتۇرۇش قىياپىتىنىڭ توغرا بولماسلىقىنى ۋە ئومۇرتقا تۈۋرۈكىنىڭ ئەگرى بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مۇھىم ئامىل.

پارتا – ئورۇندۇقنىڭ ‹‹بويىنىڭ ئۆسۈشى››گە ئەھمىيەت بەرمەسلىك تېخىمۇ ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. بۇ مائارىپ تارماقلىرىنىڭ يېتەرلىك ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك، شۇنداقلا قانچە بالدۇر بىر تەرەپ قىلسا شۇنچە ياخشى بولىدىغان مەسىلە ھېسابلىنىدۇ.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر