باش بەت | ئاتا – ئانامغا خەت

ئانامغا خەت 

     گۈزەلنۇر ئۆمەر

      ئانا، ھېلىمۇ ئېسىمدە ئۇچۇرما بولغان كەپتەردەك باغرىڭدىن سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ، ئاستا – ئاستا ئۇزاپ كەتكەن ئاشۇ كۈن بېشىمنى يۈز – كۆزلىرىمنى سىيلىغىنىڭچە: ‹‹جېنىم قوزام، يول ئازابى – گۆر ئازابى دېگەن گەپ بار. شۇ جاپالارغا چىدىيالارسەنمۇ›› دەپ، ماڭا چاندۇرماي كۆز يېشى قىلغىنىڭ!

      جېنىم ئانا، سېغىنىشمنى سېنى كۈيلەپ ئېيتقان ناخشامغا يۇشۇرۇپ قويدۇم. مانا بۇگۈن بۇ يەردە يالغۇزسىراپ يۈرىمەن. يېنىڭدا مەن يوق. چىۋەر قوللىرىڭ بىلەن ئوخشىتىپ ئەتكەن تاماقلىرىڭمۇ ئاغزىڭغا تېتىمىدى بەلكىم. كۈن – كۈنلەپ يىغقان قايماقلىرىڭنى مەن ئۈچۈن ئايرىم ساقلاپ قويدۇڭمۇ؟ ساڭا يازغان خەتلىرىمنى بىراۋلار يەتكۈزگەندە خەتلىرىمنى كۆزلىرىڭگە سۈرۈپ كەتكەنسەنمۇ، كېچە ئاسمىنىدىكى جىمىرلاپ تۇرغۇن سانسىز يۇلتۇزلاردىن ئەھۋالىمنى سورىدىڭمۇ؟ كۆزلىرىڭ ئەمدى ئۇيقۇغا ئېلىنغاندا چۈشلىرىڭگە كىردىممۇ؟

      ئانا، پاك، سەمىمىي ساداقىتىم ساڭا مەڭگۈلۈك باغلانغان. ئالدىمدىكى تاغدەك مۇشكۈللەرنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، مەندىن كۈتكەن ئۈمىدىڭنى ئاقلايمەن. ساڭا ئۈمىد گۈللىرىڭنىڭ پورەكلەپ ئېچىلغىنىنى كۆرسىتىمەن.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: قەلبىنۇر