باش بەت | ئەترەت خىزمىتى

تەربىيەچى ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك بىرنەچچە نۇقتا

ئاسىيە نىياز (قۇتۇبى ناھىيەلىك 2 – باشلانغۇچ مەكتەپتىن)

      تەربىيەچى ئوقۇغۇچىلارغا بولغان ئىدىيە – ئەخلاق تەربىيەسىنى ھەرۋاقىت بوشاشتۇرماسلىقى كېرەك. چۈنكى، ئەخلاق ئادەم بىلەن ئادەم، ئادەم بىلەن جەمئىيەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەڭشەيدىغان ھەرىكەت قائىدىسىنىڭ يىغىندىسى. يۈكسەك پەزىلەت، ئالىيجاناب قەلبگە ئىگە ئەخلاقلىق ئادەم بولۇش ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئارزۇسى، دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ كۈچلۈك تەلىپى. ۋەتەننى، سوتسىيالىزمنى، ئەمگەكنى قىزغىن سۆيىدىغان، ئاتا – ئانىسىنى، ئۇستازلىرىنى، چوڭلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، سىنىپ كوللېكتىپى ئۈچۈن شان – شەرەپ قازىنىپ كوللېكتىپنى ئويلايدىغان كوللېكتىۋىزملىق روھقا ئىگە، سۆز – ھەرىكىتى بىردەك، باشقىلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزىدىغان، ئۆزئارا ئىجىل – ئىناق ئۆتۈش، كۆيۈنۈش، ھەمكارلىشىش روھىغا باي، دەۋر تەرەققىياتىغا ماس كېلىدىغان ئەخلاقلىق، ئىنتىزامچان ئۆسمۈرلەرنى تەربىيەلەش ياخشى تەربىيەچى بولۇشنىڭ شەرتلىرىدۇر. تەربىيەچى رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشى ئۈچۈن تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.

      1. تەربىيەچى پىيونېرلاردا گۈزەل پەزىلەت يېتىلدۈرۈشنى ئەخلاق تەربىيەسى خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى دەپ تونۇپ، بۇ جەھەتتە ئوقۇغۇچىلارغا ئۈلگە بولۇشى ۋە يول كۆرسىتىپ بېرىشى، ئۇلارنى كىچىكىدىن غايىلىك، ئەخلاقلىق، مەدەنىي، ئىنتىزامچان قىلىپ يېتىشتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىشى لازىم.

      2. تەربىيەچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ پەن – مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئىگىلەش ۋە ھەر خىل قابىلىيەتلەرنى يېتىلدۈرۈش ئىقتىدارىنى چۈشىنىشى، ئۇلارنىڭ ئارخىپىنى تۇرغۇزۇپ، ئائىلە ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆگىنىش، تۇرمۇش ئەھۋالى، قىزىقىشى، مىجەز – خاراكتېرى جەھەتتە مەلۇم چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشى كېرەك.

      3. ئېغىر – بېسىق، سەۋرچان مىجەز – خاراكتېرگە ئىگە، ئۆزىنى كونترول قىلالايدىغان، باشقۇرالايدىغان، باشقىلارغا ھەرقايسى جەھەتلەردىن ئۈلگە بولالايدىغان، بەلگىلىك تەشكىللەش ئىقتىدارىغا ئىگە مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارنى سىنىپ خىزمىتىگە قويۇپ، كۈچلۈك سىنىپ كادىرلىرى قوشۇنىنى بەرپا قىلىشى كېرەك.

      4. ھەرقايسى پەن ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ سىنىپ كوللېكتىپى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئەھۋالىدىن ئومۇميۈزلۈك خەۋەردار بولۇپ تۇرۇشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياش ئالاھىدىلىكى، پىسخىكىلىق خاراكتېرىگە ماس كېلىدىغان تەربىيەلەش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ سىنىپتا ئازادە، ئەركىن، خۇشال ئۆگىنىش مۇھىتى يارىتىشى لازىم. تەربىيەچى يەنە ئاتا – ئانىلار بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاپ، ئۇلارنىڭ ئىشەنچىسى، قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.

      قىسقىسى، تەربىيەچى ئوقۇغۇچىلارغا كۆيۈنۈپ ۋە ئانىلارچە مېھرىبانلىق يەتكۈزۈپ، جەمئىيەت، مەكتەپ، ئائىلە ئوتتۇرىسىدىكى كۆۋرۈكلۈك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشى، گۇدەك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىپ ئۇلارنىڭ قەلبىدە ياخشى ئوبراز تىكلىشى لازىم.

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: ئاينۇر