باش بەت | ئۇنىۋېرسال ئۇچۇرلار

شەھىرىمىزنىڭ مەكتەپلەر ئارا پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى دۈشەنبە كۈنى باشلىنىدۇ

      2011 – 2012 – يىللىق مۇسابىقە پەسلىدىكى مەملىكەتلىك ياش – ئۆسمۈرلەر مەكتەپلەر ئارا پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ ئۈرۈمچى رايونىدىكى تاللاش مۇسابىقىسى 19 – سېنتەبىر باشلىنىدۇ. بۇ مۇسابىقىگە 16 ئوتتۇرا مەكتەپ كوماندىسى ۋە 30 باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسى قاتنىشىدۇ، مۇسابىقە كېلەر يىلى ئىيوندا ئاياغلىشىدۇ.

      مەملىكەتلىك ياش – ئۆسمۈرلەر مەكتەپلەر ئارا پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى 2009 – يىلى مەملىكەت بويىچە 44 شەھەردە سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلغاندا، ئۈرۈمچى شەھىرى تۇنجى تۈركۈمدىكى سىناق نۇقتىسىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. بۇ پائالىيەت باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مەكتەپ ئىچى ۋە مەكتەپلەر ئارا پۇتبول مۇسابىقىسى، پۇتبول ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە مەشقاۋۇللىرىنى تەربىيەلەش، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ پۇتبول بايرىمى، شۇنداقلا تەتىل مەزگىلىدىكى سىناق قاتارلىق مەزمۇنلاردىن تەشكىل تاپقان.

      2010 – 2011 – يىللىق مۇسابىقە پەسلىدىكى مەكتەپلەر ئارا پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدىكى نەتىجىسى ياخشى بولغان ئورۇن ۋە شەخسلەر 14 – سېنتەبىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك قار لەيلىسى باشلانغۇچ مەكتىپىدە تەقدىرلەندى.

 

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر