باش بەت | ئاڭلاپ قويۇڭ

يانار تاغ

 

      يەر پوستىدا شىددەتلىك ئۆزگىرىش يۈز بەرگەندە يەر شارىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى لاۋۇلداپ يېنىپ تۇرغان ماگمىلار تاغ جىنس قاتلاملىرىنىڭ يېرىقلىرىنى بويلاپ يەر يۈزىگە ئېتىلىپ چىقىپ يانار تاغ پارتلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يانار تاغ تىك يۇقىرىغا قاراپ ئېتىلىدۇ. لاۋۇلداپ تۇرغان ماگمىلارنىڭ تېمپېراتۇرىسى 1200 سېلسىيە گىرادۇسقا يېتىدۇ. ئېتىلىپ چىققان ماگما ۋە تاغ جىنس پارچىلىرى يانار تاغ ئەتراپىغا دۆۋىلىنىپ يانار تاغ كونۇسىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

      دائىم پارتلاپ تۇرىدىغان يانار تاغ ھەرىكەتتىكى يانار تاغ دېيىلىدۇ. ۋاقتىنچە پارتلىمايدىغان، پارتلاش ئېھتىماللىقى بار يانار تاغ ۋاقىتلىق يانار تاغ دەپ ئاتىلىدۇ. ئاللىقاچان ھەرىكەتتىن توختىغان، قايتا پارتلىمايدىغان يانار تاغ ئۆچكەن يانار تاغ دېيىلىدۇ. ھازىر دۇنيادا ھەرىكەتتىكى يانار تاغدىن 500ى بار. بۇنىڭ ئىچىدە 70 يانار تاغ دېڭىز ئاستىغا جايلاشقان. يانار تاغنىڭ پارتلىشى قورقۇنچلۇق بولسىمۇ نۇرغۇن كىشىلەر يانار تاغنىڭ ئەتراپىغا ئولتۇراقلاشقان، چۈنكى ئۇ جاينىڭ تۇپرىقى مۇنبەت بولىدۇ. يانار تاغ كىشىلەرنى يەر ئىسسىقلىقى بىلەن تەمىنلەيدۇ. يانار تاغ كۈلى بىلەن يانار تاغ تاشلىرىنى قۇرۇلۇش ماتېرىيالى ئورنىدا ئىشلەتكىلى بولىدۇ.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر