باش بەت | كىچىك دورا ساندۇقى

گۈللەرنىڭ ساغلاملىقتىكى رولى

       ئەتىرگۈل: پۇرىقى كۈچلۈك بولۇپ، كىشىنىڭ روھىنى ئۇرغىتىدۇ، چارچاشنى تۈگىتىدۇ.

       شەپەقگۈل: خۇشپۇرۇقى بىلەن مىكروب ئۆلتۈرىدۇ، بولۇپمۇ ئۆي ئىچىدىكى تولغاق، زۇكام، بوغما باكتېرىيىسى ۋە تۇبېركۇليوز باكتېرىيىسىنى ئۈنۈملۈك ئۆلتۈرىدۇ.

       ئەترەن: ئۇنىڭ يوپۇرمىقى كاربون چالا ئوكسىدى، كاربون تۆت ئوكسىدى ۋە باشقا زىيانلىق گازلارنى ئۈنۈملۈك سۈمۈرۈۋالىدۇ.

       لىمون گۈلى: پۇرىقى روھنى ئۇرغۇتۇپ، مەيۈسلۈكنى يوقىتىدۇ، ئورگانىزملاردىكى ھارغىنلىقنى تۈگىتىدۇ.

      ھىندىستان گۈلى: پۇرىقى تىنچىتىش رولىغا ئىگە بولۇپ، چارچاشنى تۈگىتىپ، ئۇيقۇنى ياخشىلايدۇ.

      كۈزلۈك تاش ئالما: كېچىدە كاربون تۆت ئوكسىدى، گۈڭگۈرت تۆت ئوكسىدى ۋە خلور گازى قاتارلىق زىيانلىق گازلارنى سۈمۈرۈۋالغاندىن سىرت، باكتېرىيە ئۆلتۈرىدىغان گازلارنى چىقىرىپ، زۇكام، كاناي ياللۇغى قاتارلىق تارقىلىشچان كېسەللىكنىڭ يۈز بېرىشىنى ئۈنۈملۈك توسىدۇ.

      يەسىمەن گۈلى: كېچە – كۈندۈز ئۆي ئىچى ھاۋاسىنى ساپلاشتۇرۇپ بوغۇلۇش، قارا بېسىش، نېرۋا ئاجىزلىق قاتارلىق جىسمانىي ۋە روھىي كېسەللىكلەرنى ئۈنۈملۈك داۋالايدۇ.

      جۇخار گۈلى: ئادەمنى خۇشخۇي، تېتىك قىلىپ كەيپىياتنى ياخشىلايدۇ، ئۇيقۇغا پايدىلىق، ئورگانىزملارنى ساغلاملاشتۇرۇپ، خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىدۇ.

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: ئاينۇر