باش بەت | بايراق چىقىرىش مۇراسىمى نۇتقى

دائىم ئەھۋاللىشىپ تۇرايلى

      ساۋاقداشلار، ئالدى بىلەن ھەممەيلەن قىزغىن ئەھۋال سورىشايلى. ئەھۋال سوراشقاندىن كېيىن قانداق ھېسياتقا كەلدىڭلار؟ ئىنتايىن ئىللىقلىق ھېس قىلدىڭلارغۇ دەيمەن. ئۆزئارا ئەھۋال سوراش خۇددى تومۇزدا كىشىگە ئارامبەخىش ئەتكەن سەلكىن شامال؛ چەكسىز دېڭىزدا نۇر چېچىپ كىشلەرگە يول كۆرسىتىدىغان ماياك؛ مىننەتدارلىق تۇيغۇسى ئاتا قىلىدىغان، قەلىبلەرنى ئىللىتىدىغان شىپالىق دورا. ئۇ كىشىلىك ھايات يولىدىكى توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، كىشلەرنى دۇلقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەيدۇ؛ ئازارلىشىپ قالغانلار ئارىسىدىكى زىددىيەتنى تۈگىتىپ، ئىناق كەيپىيات ئاتا قىلىدۇ؛ ئاددىيغىنە بىر ئېغىز ئەھۋال سوراش ناتۇنۇش كىشىلەرنى يىقىنلاشتۇرىدۇ؛ سەمىمىي مېھىر – مۇھەببەتنى ئەتراپقا تارىتىدۇ.

      ساۋاقداشلار، 11 – ئاينىڭ 21 – كۈنى ‹‹دۇنيا ھال سوراش كۈنى››. بىز بۇ ئەھمىيەتلىك كۈننى قانداق ئۆتكۈزۈشىمىز كېرەك؟ ئاۋۋال ھەممىمىز ئورنىمىزدىن تۇرۇپ سەمىمىيلىك بىلەن: ‹‹مۇئەللىم، ياخشىمۇسىز!›› دەپ مۇئەللىمدىن ئەھۋال سورايلى؛ مەكتەپتىن قايتقاندا مۇئەللىم ۋە ساۋاقداشلىرىمىزغا ‹‹خەيىر – خوش!›› دەيلى؛ ئۆيگە قايتقاندا خىزمەتتىن ھېرىپ كەلگەن ئاتا – ئانىمىزغا بىر پىيالە چاي تۇتايلى. ساۋاقداشلار، ئەھۋال سوراشنى ئادىتىمىزگە ئايلاندۇرايلى!

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: قەلبىنۇر