باش بەت | چەت ئەل ئەدەبىياتى

ئالتۇن تاۋلاش

       بۇرۇنقى زاماندا، تايلاندتا نەيخېسۇن ئىسىملىك بىر ئادەم ئۆتكەنىكەن، ئۇنىڭ قارىشىچە دۇنيادا ئالتۇننى بېسىپ چۈشىدىغان نەرسە يوق ئىكەن. شۇڭا ئۆزىنىڭ بارلىق مال – كۈلكى، زېھنى كۈچى ۋە ۋاقتىنى پۈتۈنلەي ئالتۇن تاۋلاشنى سىناق قىلىش ئىشىغا سەرپ قىپتۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆزىنىڭ ۋە خوتۇنىنىڭ يىغقان – تەرگەنلىرىنىڭ ھەممىسىنى تۈگىتىپتۇ.

      خوتۇنى ئائىلىسىدە قېيىنچىلىق بولغاچقا، دادىسىنىڭ ئۆيىگە كېتىپتۇ.

      خوتۇنىنىڭ دادىسى نەيخېسۇننى چاقىرتىپ، ئۇنىڭغا مۇنداق دەپتۇ:

      – مەن ئالتۇن تاۋلاشنىڭ سىرىنى ئىگەللەپ بولدۇم، ئۇنىڭغا كېرەكلىك نەرسىلەرنىمۇ ھازىرلىدىم، ھازىر بىرلا نەرسە كەم بولىۋاتىدۇ. بىراق، يېشىم بىر يەرگە بېرىپ قالدى، قىلاي دېسەم كۆزۈم قورقىدۇ ...

      – قانداق قىلىش كېرەك، تېزرەك ئېيتىپ بېرىڭا، – دەپتۇ نەيخېسۇن بىتاقەت بولۇپ.

      – بولىدۇ، مەن سىزگە بۇ سىرنى ئېيتىپ بېرەي. ماڭا بانان يوپۇرمىقىنىڭ ئاستىدىن ئېلىنغان ئۈچ كىلوگىرام ئاق تىۋىت كېرەك. بۇ يوپۇرماق چوقۇم ئۆزىڭىز تېرىغان بانان دەرىخىنىڭ بولۇشى كېرەك. سىز تىۋىتىنى تەييارلىغاندىن كېيىن، قالغان ئىشنى ماڭا قويۇپ بېرىڭ، – دەپتۇ.

      نەيخېسۇن ئەتىسىدىن باشلاپلا بانان كۆچىتىنى تىكىشكە كىرىشىپتۇ.

      بانان پىشىپ يېتىلگەندە، ئۇ ئېھتىيات بىلەن ھەربىر يوپۇرماقنىڭ ئاستىدىكى ئاق تىۋىتنى يىغىپتۇ. خوتۇنى بىلەن بالىسى بانان مېۋىلىرىنى بازارغا ئاپىرىپ سېتىپتۇ.

      ئارىدىن ئو يىل ئۆتۈپتۇ، نەيخېسۇن ئاخىرى ئۈچ كىلوگىرام ئاق تىۋىتنى تەييارلاپتۇ. ئۇ تىۋىتلەرنى بىر كومزەكنىڭ ئىچىگە سېلىپ، خۇشال ھالدا ئۇنى كۆتۈرۈپ قېيىن ئاتىسىنىڭ ئالدىغا كەپتۇ.

      – ئەمدى سىز ئۇ تەرەپتىكى ئىشىكنى ئېچىپ قاراپ بېقىڭ، – دەپتۇ قېيىن ئاتىسى.

      نەيخېسۇن ئۇ تەرەپتىكى ئىشىكنى ئېچىپتىكەن، ساپسېرىق نەرسىلەر پارقىراپ، كۆزىنى چاقنىتىۋېتىپتۇ. پۈتۈن دىققىتىنى يىغىپ قارىسا، بۇنىڭ ھەممىسى ئالتۇن ئىكەن. خوتۇنى بالىلىرىمۇ ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرغۇدەك.

      – بۇ ئالتۇنلارنىم – دەپتۇ خوتۇنى كۈلۈمسىرىگگن ھالدا، – ئو يىلدىن بۇيان بانان ساتقان پۇللارغا ئالدۇق.

      – جاپالىق ئەمگەكلا ئالتۇن تاۋلاشنىڭ ھەقىقىي ئۇسۇلى، – دەپتۇ قېيىن ئاتىسى.

 

مەنبە: چەت ئەل ئەقىل – پاراسەتكە دائىر ھېكايىلەر تەھرىر: ئاينۇر